خىتاي 15-فېۋرالدىن باشلاپ «تور بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش چارىسى» نى ئىجرا قىلماقچى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.02.15
xitay-internet-weibo-weybo.jpg خىتاي پۇقراسىنىڭ weibo ئارقىلىق تۋىتتەر قاتارلىق مىكروبلوگلارغا كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 15-دېكابىر، گۇيجۇ.
AFP

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 15-فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ خىتايدا يولغا قويۇلىدىغان «تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش چارىسى» ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 15-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتاينىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» نى قوغداش ۋە «خىتايغا قارشى چەتئەل ئۇچۇرلىرى» نى قامال قىلىشنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، ئىلگىرى بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولغان تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، خىتايدا تورغا بولغان نازارەت ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى نازارەت قىلىش ئىكەن.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «تور بىخەتەرلىك تەكشۈرۈلۈش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىلا، خىتايدا تورغا بولغان تەكشۈرۈش ۋە نازارەت ئىنتايىن قاتتىق ئىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر توردىكى سۆزلىرى ۋە مەسىلىلەرگە بولغان پىكىرلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. ھەتتا بەزىلەرگە جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالغان ئىدى. يەنە بەزىلەر تام ئاتلاپ كىرىش يۇمتالىنى قوللانغانلىقى ۋە بۇ خىل تېخنىكىلارنى تارقاتقانلىقى، ساتقانلىقى ئۈچۈنمۇ سوتلىنىپ جازالانغانىدى. شۇڭا ‹تور بىخەتەرلىك تەكشۈرۈلۈش بەلگىلىمىسى›نىڭ يولغا قويۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا بولغان قامالىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى دەپ قارايمەن».

تېڭ بياۋ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «تور بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش چارىسى» ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدا ئىنتېرنېت سانلىق ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەكىتلىنىپتۇ. يەنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇچۇر ئامبىرى ۋە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى قوغدىلىشى كېرەك دېيىلىپتۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇ خىل ئىنتېرنېت سانلىق ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە ئۇچۇرنىڭ ئەركىن تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە».

تېڭ بىياۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇر سەۋەبلىك جازالىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلار ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئادالەتسىز سىياسىتىنى توردا ئاشكارا تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەر ئۇنىڭغا «دۆلەتنى پارچىلاش» ۋە «مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر زىيالىيسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى ئەپەندى ئىنتېرنېتتا ئۆزىنىڭ سىياسىي قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن شەخسلەرنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغانىدى».

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ دىرېكتورى، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە ئادۋوكات بولغان بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ، پىكىر ئەركىنلىكى جىنايەت ھېسابلىنىدىغان خىتايدا ئىلگىرىلا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىنتېرنېت قامالى ۋە تۇتۇپ جازالاشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى تورغا بولغان نازارەت ۋە كونتروللۇقنى بارغانچە كۈچەيتكەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ خىل نازارەت كىشىلەرنى بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىغان ۋە بىر-بىرىگە ئىشەنمەس قىلىپ قويغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ ئۆز پۇقرالىرىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىشتا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ جازالاشتا ئۇلارنىڭ توردا تارقاتقان ۋە كۆرگەن ئۇچۇرلىرىنى جىنايەت پاكىتلىرى سۈپىتىدە قوللانغانىكەن.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى توردىكى ئۇچۇرلىرى سەۋەبلىك جازالانغان.

ئۇلار «دۆلەتنى پارچىلاش»، «بۆلگۈنچىلىك قىلىش»، «قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «تېررورلۇققا ئۈندەش»، «دىنىي ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى يازمىلارنى تارقىتىش» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانىكەن.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، خىتايدىكى ئۈندىدار ۋە تىك-توك سۇپىلىرىدا تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك ھەققىدە بەرگەن كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئاشكارىلانغانىدى. بولۇپمۇ 4-فېۋرال باشلانغان «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى» مەزگىلىدىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكتا مەشئەل كۆتۈرۈشكە بەلگىلەنگەن ئۇيغۇر قىزى دىلنىگار ئىلھامجان ھەققىدە توردا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلاردىن 23 نەپىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلىنىپ مۇنازىرە قوزغىغانىدى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 15-فېۋرالدىن باشلاپ، «تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش چارىسى» نى رەسمىي يولغا قويۇشى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كوممۇنىستىك پارتيە سېكرېتارىلىقى» غا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ما شىڭرۈي دەۋرىدىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇچۇر ۋە ئىنتېرنېت ساھەسىدە تېخىمۇ زور نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.