ئولىمپېك روھى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى كۆز بويامچىلىقىنى توختىتىپ قالالامدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-06-07
Share
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنۇلدى بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى بېيجىڭدىكى لوڭتان باغچىسى يەرمەنكىسىدە تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

دېموكراتىيەنى چەكلەپ مۇستەبىتلىككە ماڭغان، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، خەلقئارا قانۇن ۋە تەرتىپنى بۇزۇۋاتقان، قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ، نامرات دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇپ قويۇۋاتقان، كورونا ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كەلگەن خىتاينىڭ، 2022-يىل 2-ئايدا «بېيجىڭ قىشلىك ئولىمپېك مۇسابىقىسى» نى ئۆتكۈزمەكچى بولۇشى نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا ۋە ئولىمپېك يىغىنى روھىغا قويۇلغان ئەڭ چوڭ سوئال بولۇپ قالدى.

يېقىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا «بۇ ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى باشقا جايغا يۆتكەش ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يول قويۇش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، 1936-يىل بېرلىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن يازلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسى بىلەن 2022-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە ئەينى چاغدا يەھۇدىيلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە سۈكۈت قىلغان دۇنيانىڭ، بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنى داڭلىشىغا ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بۇ ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى پەقەت 1936-يىلدىكى بېرلىن ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا ئوخشىتىشقا بولىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈستىدىكى ئولىمپېك يىغىنى» ئىكەنلىكىنى، بۇنى بايقۇت قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كوممۇنىست خىتايمۇ ناتسىستلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولۇپ، ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ «مۇنەۋۋەرلىك، دوستلۇق، ھۆرمەت» دېگەن ئۈچ قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ. خىتاينىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خەلقئارالىق ئوبراز ۋە مەنپەئەت. خىتاي بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى نىقاپلاپ، خەلقئارادا تۆكۈلۈۋاتقان ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، لەنەتلىك، خۇنۇك ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى 2022-يىللىق «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسى» نىڭ ماھىيەتتە 1936-يىلدىكى «بېرلىن ئولىمپېك مۇسابىقىسى» نىڭ تارىخىي تەكرارى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل تارىخىي خاتالىقنىڭ قايتا سادىر بولۇشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خەلقئارا جەمئىيەت ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مۇدھىش تۇمانلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتى 2022-يىللىق ‹بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنى› نىڭ ئورنىنى قايتا بېكىتىشى، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى كېرەك؛ ئەگەر بۇمۇ كارغا كەلمىسە، بۇ يىغىننى دىپلوماتىيەدىن پايدىلىنىپ بايقۇت قىلىش كېرەك».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولمىغان باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەنلىكىنى، خىتايغا خەلقئارادىن كۈچلۈك بېسىم قىلغاندا خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئۆزىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە قىلمىشىنى توختىتىشىغا تەسىر بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شۆبىلىرى «بىز رايونلار ئارا سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايمىز» دېگەن باھانە بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى، «قۇيرۇقۇم نېمە بولسا بولسۇن بېشىم كۆرمىسۇن» دەيدىغان تۆگىقۇشىدەك بېشىنى قۇمغا تىقىۋالماسلىقى كېرەك ئىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ خەلقئارا مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشى تامامەن دېگۈدەك سىياسىي مەقسەتتىن بولۇپ، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يالغانغا چىقارماقچى بولغان بولسا، ئىككىنچىدىن، دۇنيانىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراپ، ئۆزىگە كېلىۋاتقان بېسىم ۋە تەنقىدلەردىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنماقچى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنى بەختلىك كۆرسىتىپ كۆز بويامچىلىق قىلىش، خەلقئارادا قوللاشقا ئېرىشىشكە تىرىشىش دېگەندەك بىر مۇنچە مەقسەتلىرى بار ئىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتى ۋە ئامېرىكا ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ «تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرمايمىز» دېگەن باھانىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرمايمىز دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئولىمپېكنى سىياسىيلاشتۇرۇۋاتقانلىقىدۇر، چۈنكى خىتاينىڭ كېلىۋاتقان بېسىم نەق سىياسىي بېسىمدۇر. خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتى ئەگەر ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا بېسىم قىلالىسا ئاندىن ئولىمپېكنى سىياسىيلاشتۇرمىغان بولىدۇ».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ساھەسىنىمۇ تەشۋىقات مەيدانىغا ئايلاندۇرغانلىقى، خىتاينى تەنقىدلىگەن تەنتەربىيە چولپانلىرىنى چەكلەپ، خىتاينى ماختىغانلارغا كەڭ ئىمكانىيەت بەرگەنلىكى، NBA غا ئوخشاش داڭلىق تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى خىتاي ئۈچۈن سۆزلەشكە، بولمىسا ئاغزىنى يۇمۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپېك روھىنى قەدىرلەپ، ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقىسىدە ئېرىشىدىغان شان-شەرەپ مېداللىرىنىڭمۇ كەلگۈسىدە نومۇس، ھاقارەت بەلگىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، بۇ شەرەپسىز مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى، مەيلى شەخس، تەشكىلات ياكى دۇنيادا تەسىر چوڭ تەنتەربىيە كۇلۇبلىرى ۋە نايك(Nike)، كوكا كولا قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، 2020-يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان توكيو يازلىق ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلسە بولىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق بىر جاينى تاللاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ يازغان: «ئىشلار بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ. يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى تارتىلدى، چۈشۈرۈلگەن باشلار، كېسىلگەن چاچلار كىشىگە ئوستۋىزدىكى قورقۇنچلارنى ئەسلىتىدۇ، بۇلارنى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ. خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى قايتا ئۆتكۈزۈش ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يول قويۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل تاللاشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت