مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە كونترول قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما چوشقا قىزىتمىسى ۋىرۇسىنى تىزگىنلەشتە مەغلۇپ بولغان. بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن نۆۋەتتە خىتايدىكى چوشقا پادىلىرى تۈركۈملەپ ئۆلۈشكە باشلىغان.
«ئىقتىسادشۇناس» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2018-يىلى باشلانغان چوشقا قىزىتمىسى ۋىرۇسىدا خىتايدىكى چوشقا فېرمىلىرى ئېغىر زەربە يەپ، خىتاينىڭ ئاساسلىق گۆش تەمىنلەش زەنجىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان. نەتىجىدە گۆش ۋە يەم-خەشەك باھاسىدا زور داۋالغۇش پەيدا بولغان.
خەۋەردە ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 2019-يىلى خىتايدىكى چوشقا گۆشىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن بەشتىن بىرىگىچە بولغان نىسبىتى كېسەللىك ياكى ئۆلتۈرۈش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان.
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەينى يىلى چوشقا قىزىتمىسى ۋىرۇسى خىتاينىڭ مەزكۇر ساھە سانائىتىگە 50 مىليارد دوللاردىن 120 مىليارد دوللارغىچە زىيان سالغان. 2020-يىلى ئەھۋال تېز ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۇقۇملىنىش يەنە كۆپىيىشكە باشلىغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ يىل ئىيۇلدا، 2021-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ 11 قېتىم چوشقا پادىلىرىدا يۇقۇملىنىش بايقالغانلىقى، بۇ ساننىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسىسىگە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
يۇقۇملىنىش نۇقتىلىرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، بەزىلىرى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدا بولسا، بەزىلىرى غەربىي جەنۇبىدا ئىكەن. ئەمەلدارلار ئۇنى كونترول قىلىشنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
چوشقا فېرمىسى ساھەسىدىكىلەر ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «ئۇ كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتكەن» لىكىنى بىلدۈرۈشكەن. خىتايدىكى بىر قانچە چوشقا فېرما باشقۇرغۇچىلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنىلا دوكلات قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى چوشقا گۆشىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتى كىچىك ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ئەگەر دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا يېقىن جايدا چوشقا قىزىتمىسى يۇقۇمى بايقالسا، خوجايىنلار چوشقا پادىلىرىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرلىشتىن بۇرۇن ماللىرىنى سېتىۋېتىدىكەن. بۇ ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مال باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. نەتىجىدە، نۆۋەتتە تىرىك چوشقىنىڭ باھاسى بۇ يىل يىلنىڭ بېشىدىكىگە قارىغاندا 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چوشقا بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى مەخپىي تۇتماقتا ئىكەن.