دوكتور رولاند خاردۋىگنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا خىتاينى ئاقلىشى تەنقىد ۋە مەسخىرىگە دۇچ كەلدى
2020.09.11
رولاند خاردۋىگ گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلاپ مەسخىرىگە ئۇچرىدى.
9-سېنتەبىر گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنازىرە» ناملىق بىر يىغىن چاقىرىلغان. يىغىندا پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى توماس ئوپپېرماننى قوشقاندا جەمئىي 6 پارتىيە ۋە بىر مىنىستېرلىقتىن بولۇپ، 9 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى.
گەرچە يىغىننىڭ تېمىسى «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى» بولسىمۇ ھەمدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلەش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىندا سۆز ئالغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ۋە جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنى ئەيىبلەشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى.
بىراق 2013-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان، كىشىلەر «رىقابەتچى پارتىيە» دەپ ئاتايدىغان «AFD»، يەنى «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى دوكتور رولاند خاردۋىگ بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىپ، خىتاينى مەدھىيەلىگەن ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنى ئاقلىغان. ئۇنىڭ خىتاينى ئاقلىشى شۇ كۈنىدىن باشلاپلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «نومۇسسىزلىق»، «خىتايغا سېتىلغانلىق» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپلا قالماي، ئۇ سۆز قىلىۋاتقان نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە باشقا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك مەسخىرىسىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.
دوكتور رولاند خاردۋىگنىڭ سۆزى ھەققىدە توختالغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ناتسىستلىق ئىدېئولوگىيەسى بىلەن خىتاينىڭ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور رولاند خاردۋىگ سۆزىنىڭ بېشىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 70 يىللىق نەتىجىسىنى ئالقىشلاپ: «خىتايلار جاپالىق خىزمەت ۋە پاراسەتلىك ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى دۇنيادىكى رەھبەر دۆلەتكە ئايلاندۇردى،» دېگەن. ئاندىن خىتاينىڭ گ5 تور ئېقىمىنى پۈتۈن يەر شارىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ھازىر رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئالدى بىلەن بىز بىزنى ‹يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى› غا سۆرەپ كىرمەكچى بولغانلاردىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم. بىزنىڭ خىتاي بىلەن 50 يىللىق دوستانە مۇناسىۋىتىمىز بار. كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ۋە ئامېرىكاغا ئوخشىمايدىغان يېرى، خىتاي ‹بېرلىن تېمى› يىقىلغاندىن بۇيان ئۇرۇش قوزغاپ باقمىدى،» دېگەن.
دوكتور رولاند خاردۋىگنىڭ سۆزى بۇ يەرگە كەلگەندە زال ئىچىدە مەسخىرە چۇقانلىرى كۆتۈرۈلگەن. پارلامېنت ئەزالىرى ئۈنلۈك ئاۋازلاردا ئۇنى تەنقىدلىگەن ۋە كۈلۈپ مەسخىرە قىلغان. بىراق ئۇنىڭ پارتىيەسىنىڭ بىرقانچە ئەزالىرى چاۋاك چالغان.
دوكتور رولاند خاردۋىگ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى نىدالىرىغا پەرۋاسىز ھالدا يەنە شۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئىجادىي ئىقتىسادىي سىياسىتى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتايلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. كورونا ۋىرۇسى تارقىلىشتىن ئىلگىرى يىلىغا 100 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي ساياھەتچىلەر ياۋروپاغا كېلىپ، يەنە ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەنگە ئوخشاش ئۇ قەدەر ناچار بولغان بولسا، ئۇلار قايتىپ كەتمىگەن بولاتتى.»
دوكتور رولاند خاردۋىگ مەسخىرە سادالىرى ئىچىدە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار خىتاي نوپۇسىنىڭ 1 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان بىر مىللەت. ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلامىي ھاياتى خىتايلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشى بىلەن رۆشەن پەرق پەيدا قىلدى. 90-يىللاردىن باشلاپ، ئۇلار خىتايلار بىلەن جىددىي توقۇنۇش پەيدا قىلدى.»
خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى «زامانىۋى ئۇيغۇرلارنى يارىتىش» ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن دوكتور رولاند خاردۋىگ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتايلار ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم ئۆزلىرىگە ئوخشاش زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر گەۋدە ھالدا خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە ۋە زامانىۋى سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشقا مەجبۇرلىماقتا.»
دوكتور رولاند خاردۋىگ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پاجىئەلەرگە جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «ئۇلار (خىتايلار) ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئاياللارغا مائارىپ ۋە تەرەققىياتنى، قۇدۇق قېزىشنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى ئۆگەتمەكتە.»
دوكتور رولاند خاردۋىگنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قاماپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا بەرگەن بۇ تەبىرلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيانى ئالداۋاتقان تەشۋىقاتى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئۇ سۆزىدە مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىۋاتقان ئاجىز ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك خىتاي تەرەپتە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «خىتايچە جەمئىيەت مودېلىغا دېمىقىمىزنى قاققان بىلەن، باشقا جەمئىيەت مودېللىرى خىتاينىڭكىدىنمۇ قانلىق ۋە قىممەتتۇر. ئۇنىڭغا ئېرىشكىلىمۇ بولمايدۇ.»
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، دوكتور رولاند خاردۋىگنىڭ خىتاينى، خىتاينىڭ كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى قوللاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ناتسىستچىلىق ئىدېئولوگىيەسىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىراق دوكتور رولاند خاردۋىگنىڭ نۇتقىدىن كېيىن سۆزگە چىققان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇيدى يەنسېن خانىم ئۇنىڭ سۆزىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ دىراماتىك پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكتىن، ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىدىن ئادا-جۇدا بولغانلىقى رېئاللىق. بۈگۈن بۇ پارلامېنت يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ئورتاق ئاۋاز چىقارغان پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. پارلامېنتنىڭ خىتاي سىياسىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن مەمنۇنمەن. تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىمۇ خىتايغا قانداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشنىڭ يولىنى تاپتى. بىز بۇ ئاۋازىمىزنى ئورتاق ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىمۇ چىقىرىشىمىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.»
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى دوكتور رولاند خاردۋىگنىڭ پارلامېنتتا قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە توختالغاندا، باشقا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نەق مەيداندا ئىپادە قىلغان مەسخىرىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك جاۋاب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 14-سېنتەبىردىن باشلاپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئارىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 50 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى 10-سېنتەبىر كۈنى ئانجىلا مېركىل باشلىق ياۋروپا پارلامېنتى رەھبەرلىرىگە بىرلەشمە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى كەسكىن تەلەپپۇزدا ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغان.