دۇنيا قىرىم تاتار قۇرۇلتىيى رەئىسى بىلەن تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاينى ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا قىرىم تاتار قۇرۇلتىيى رەئىسى رېفات چۇباروف خىتاينى ئەيىبلەپ سۆز قىلدى. 2019-يىلى 21-ماي. ئەنقەرە، تۈركىيە.
دۇنيا قىرىم تاتار قۇرۇلتىيى رەئىسى رېفات چۇباروف خىتاينى ئەيىبلەپ سۆز قىلدى. 2019-يىلى 21-ماي. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

21-ماي كۈنى قىرىم تاتارلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىمۇ تىلغا ئېلىندى. دۇنيا قىرىم تاتار قۇرۇلتىيى رەئىسى رېفات چۇباروف بىلەن تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى خىتاينى ئەيىبلىدى

ئالدى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا «ياخشى پارتىيەسى» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى قىرىم تاتارلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەپ، سۈرگۈن جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئەسلەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىمۇ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت رەئىسى، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئالىي پارلامېنتىمىزغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بۈگۈن قىرىم تاتار قەتلىئامى ۋە سۈرگۈنىنىڭ 75-يىلىدا بۇ سۈرگۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللادىن رەھىم تىلەيمەن». 

فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى نۇتقىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنى تېررور نامى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. خىتاي بېسىۋالغان زېمىن شەرقىي تۈركىستاندا تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى بىلىدۇ، پەقەتلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆرمەيۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر رامزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتقىلىمۇ قويمايۋاتىدۇ. مەسچىتلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى چېقىۋېتىلگەن. 3 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان تۈركىي خەلق جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا». 

پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنىڭ تۈركلەرنىڭ ئىنسانىي ۋە ۋىجدانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى چۈشەنمەيۋاتقان بىرنەرسە بار. شەرقىي تۈركىستان ھازىر خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا. بۇ ئىشغالغا قارشى تۇرۇش خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان سالمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىش، ھەم ئىنسانىي شۇنداقلا ۋىجدانىي بىر ۋەزىپىدۇر. بۇ چاقىرىقىمىزنى پارلامېنتتا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇم». 

21-ماي كۈنى ئاخشام تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى بىلەن قىرىم تاتارلىرى كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان ئىپتار زىياپىتىگە قىرىم تاتارلىرىنىڭ لىدېرى، ياشلار، ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئىپتارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلدى. بىز زىياپەت جەريانىدا قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى ۋە دۇنيا قىرىم تاتارلىرى قۇرۇلتىيى رەئىسى رېفات چۇباروف، ئەنقەرەدىكى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى خاقان قىرىملى ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. 

رېفات چۇباروف ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، دۇنيا قىرىم تاتارلىرى قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ سىياسىتىنى ياخشى بىلىمىز، خىتاي ئۇيەردىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم سىياسەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ كىشىلەرنى بۇيەرلەرگە سولاۋاتىدۇ، 21-ئەسىردە بۇنداق سىياسەتلەرنىڭ بولماسلىقى كېرەك. بىز بۇنىڭدىن كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم. بىز پىكىر بىرلىكى ۋە مەپكۇرە بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ ئېغىر ۋەزىيەتمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز دۇنيا قىرىم تاتارلىرى قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينى ئەيىبلەيمىز». 

بۇندىن 75 يىل بۇرۇن 1944-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قىرىمدىكى تاتارلارنى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق جايلارغا سۈرگۈن قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشى سۈرگۈن جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كەتمەكتە. ئۇنداقتا بۇ سىياسەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىگە ئوخشامدۇ؟ پروفېسسور دوكتور خاقان قىرىملى ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىنىڭ ستالىننىڭ 1930-يىللاردىكى سىياسىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تارىخچى ۋە قىرىم تاتارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسىتى تارىختا تۇنجى قېتىم بولغان ئىش ئەمەس. بۇ ستالىننىڭ 1930-يىللاردىكى سىياسىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوقۇغان زىيالىيلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىۋەتتى. كىچىك بىر مەسچىتنىڭ ئىمامىنىمۇ يوق قىلىۋەتتى. ھەتتا جەددىچىلىك مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئۆزىنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ سولاپ يوق قىلىۋەتتى. خىتايمۇ ھازىر مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ». 

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم تاتارلىرىنى سۈرگۈن قىلىش سىياسىتى بىلەن خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى. 

1944-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان سۈرگۈندە 238مىڭ تاتار سۈرگۈن قىلىنغان بولۇپ، بۇ سان ئەينى زاماندىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت