ئاڭلىغۇچى: «13 مىڭ ‹تېررورچى› نىڭ ئارىسىدا مېنىڭمۇ بىگۇناھ ئىككى تۇغقىنىم بار»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.22
Xitay-Aq-Tashliq-Kitap-201903-CCTV.jpg خىتاي دائىرىلىرى 18-مارت ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتاب» نىڭ مۇقاۋىسى. 2019-يىلى 18-مارت.
Socila Media

خىتاي دائىرىلىرى 18 ‏-مارت، يەنى دۈشەنبە كۈنى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۆزىگە «تەنقىدچى» دەپ ئىسىم قويغان بىر ئاڭلىغۇچىمىز رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، خىتاينىڭ مەزكۇر «ئاق تاشلىق كىتاب» ىدا ئۇيغۇر رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت» دېگەن نام بىلەن پەردازلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ئىنكاسىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئېلى مەمتىمىن ۋە رۇقىيە مەتنۇرى ئىسىملىك ئەر-ئايالنىڭ نورمال بىر دىنىي پائالىيىتى سەۋەبلىك تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە 8 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەتنۇرى ۋە رۇقىيەنىڭ بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل بۇرۇن تەبلىغقە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 2016 ‏-يىلنىڭ ئاخىرىدا 8 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «تەنقىدچى» نامىدىكى مەزكۇر ئىنكاس خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتاب» ىدا تىلغا ئېلىنغان دائىرىلەرنىڭ 2014 ‏-يىلدىن بۇيان 1588 ئاتالمىش «تېررورلۇق گۇرۇھى» نى يوقاتقانلىقى ۋە 12 مىڭ 995ئاتالمىش «تېررورچى» نى جازالىغانلىقىغا ئائىت بايانلارغا جاۋاب سۈپىتىدە يېزىلغان. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، دائىرىلەر «ئاق تاشلىق كىتاب» تا 13000 چە كىشىنى «تېررورچى» دەپ جازالىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىشتىن بۇرۇن زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنى جازالاپ بولغانلىقىنى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلغان. ئىنكاستا 2014‏-يىلى ئۈرۈمچىدە «22-ماي» ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇدا 3 يىل «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىنى قانات يايدۇرغانلىقى، بۇ دولقۇندا كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن بولغانلىقى، ئاممىۋى ئوچۇق مەيدان سوتلىرى ئېچىلىپ، يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دائىرىلەرنىڭ 2014‏-، 2015-ۋە 2016 ‏-يىللىرى ئېلىپ بارغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنلىرىدا جازالانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى قېتىم سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر مەكتۇپتا ئاشكارىلانغان ساننىڭ ئەمەلىيەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن ئىكەنلىكى ۋە مەزكۇر دېلولاردا ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ «تېررورلۇق» دەپ قارالغانلىقى بايان قىلغان.

«13 مىڭ ئاتالمىش ‹تېررورچى› ئىچىدە مېنىڭمۇ ئىككى بىگۇناھ تۇغقىنىم بار» دېگەن ماۋزۇدا يېزىلغان بۇ مەكتۇپتا ئاپتور ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى تۇغقىنىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنىمۇ ئاشكارىلىغان. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، ئاپتورنىڭ قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەر-ئايال تۇغقىنى ئېلى مەمتىمىن بىلەن رۇقىيە مەتنۇرى ئادەتتىكى بىر دىنىي پائالىيىتى سەۋەبلىك «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 8 يىللىقتىن كېسىلگەن ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئەدلىيە خادىملىرىدىن بىرى مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ ئاساسەن توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، رۇقىيە مەتنۇرى بىلەن ئېلى مەمتىمىن ئۆزلىرى تەۋە مەھەللىدە ئېچىلغان «مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنى» دا ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى بىر قېتىملىق تەبلىغقە قاتنىشىپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن 8 يىللىقتىن كېسىلگەن. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، رۇقىيە مەتنۇرى بىلەن ئېلى مەمتىمىننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ئۇلارنىڭ رەسمىي سوت ھۆكۈمىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان، پەقەت «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىپلىنىپ كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئاغزاكى ئۇقتۇرۇلغان. مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، مەھكۇملار توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئىنكاستا مەھكۇملارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تا ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ نەدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان ئىدى. مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئېلى مەمتىمىن ئۈرۈمچىدىكى، رۇقىيە مەتنۇرى بولسا غۇلجىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن. بۇ خادىم يەنە رۇقىيە مەتنۇرىنىڭ ئىنىسى مەمەتنىياز مەتنۇرىنىڭ بالا ۋاقتىدا ھاپىزلىقتا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئايالى قۇرباننىسا ياسىن بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتە يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلىدى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، لاگېرلار تەسىس قىلىنىشتىن بۇرۇن كۆپ ساندا كىشىنىڭ جازالىنىپ بولۇنغانلىقى ھەققىدە 6 ‏-مارت كۈنى ب د ت دىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلار تەسىس قىلىنغان 2017 ‏-يىلدىن بۇرۇن دائىرىلەرنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي مەيدانى گۇمانلىق دەپ قارالغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈرمىگە تاشلاپ بولغانلىقى، نۆۋەتتە لاگېردىكىلەرنىڭ پەقەت تۇرمۇش ۋە خىزمەت ھەلەكچىلىكىدىكى ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەنلىكى، ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرىگە سادىق ياشاپ كەلگەن ئەمەلدار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭمۇ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇ نۇقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى چيۇ يۈەنيۈەن تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر تەتقىقات تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىمۇ تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا دائىرىلەرنىڭ 2014 ‏-يىلدىن بۇيان ئاتالمىش «تېررورچى» لارغا قاتتىق ۋە كەڭ‏-كۆلەملىك زەربە بەرگەنلىكى، بۇ زەربە سەۋەبلىك يەرلىك ئاھالىلەردە قورساق كۆپۈكى بارلىقى، بۇلارنىڭ بىر ۋەقە چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.