شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا «خىتايغا يېڭى پوزىتسىيە تۇتۇش تەكلىپ لايىھەسى» ماقۇللىقتىن ئۆتكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىن بىر كۆرۈنۈش.
شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىن بىر كۆرۈنۈش.
Social Media

شىۋېتسىيەدە «خىتايغا يېڭى پوزىتسىيە تۇتۇش تەكلىپ لايىھەسى» 17-دېكابىر كەچتە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 100 بەتلىك مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى شىۋېتسىيە دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى شىۋېتسىيە دۆلىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا خىتايغا يېڭىچە پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىمۇ ئۇنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئىكەن.

نىجات تۇرغۇننىڭ بايان قىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 13-كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا بىر نۆۋەت تالاش-تارتىش بولۇپ ئۆتكەن. شىۋېتسىيەدىكى 8 پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى شىۋېتسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى توسۇپ قېلىش، جازا لاگېرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن زادى نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سورىغان ۋە جاۋابلارغا ئېرىشكەن.

16-دېكابىر كۈنى ئەزەربەيجان نەسلىدىن بولغان شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئايلىن فازېلىيان ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختالغاندا «خىتاينىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئىنتايىن ئىللىق، ئەمما بىز ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىقىغا ھەرگىز كۆز يۇمىۋالالمايمىز، ھېچ بولمىسا خىتاينىڭ 30 مىليون مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشلىرىغا،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان ئىدى. 

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈپ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا، خىتايغا باشقىچە پوزىتسىيە تۇتۇشىغا سەۋەب بولغان كۆپلىگەن ئامىللار بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى خىتاينىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە مەتبۇئاتلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى، شىۋېتسىيە ھاكىمىيىتىگە قارىتا ھەر خىل مۇداخىلىسى، شىۋېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرى ھەم ھەربىي تېخنىكا قۇۋۋەتلىرىنى ئوغرىلاش، سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ قاتارىدا خىتايدا كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرىمۇ بۇ ئامىللار قاتارىدىن يەر ئالغان. 

نىجات تۇرغۇننىڭ بىلدۈرىشىچە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى بېكىتىشىگە ئۇنىڭ غەرب قىممەت قارىشىغا سادىقلىقى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك ئىجابىي ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بىر سەۋەب بولغان. 

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «خىتايغا يېڭى پوزىتسىيە تۇتۇش تەكلىپ لايىھەسى» ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا قارارغا باغلىنىپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا سۇنىلىدىكەن. ئۇنىڭدقا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا زادى قانداق كونكىرېت قارارلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن.

شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارارنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن د ئۇ ق شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. نىجات تۇغۇنمۇ شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان 2 مىڭدەك ئۇيغۇرنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت