«خىزمەت گۇرۇپپىسى» دىكى بىر خادىم: «ياشلارنى مىللەتلەر ئارا تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىۋاتىمىز»
2020.01.17
يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى قاراقاش ناھىيەسىدە بىر سېستىرا قىزنىڭ بىر خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ۋە توينىڭ ئالدىدىكى ئۇچرىشىشتا خىتاي ئەركەكنى تىغلىق ئەسۋاپ بىلەن يارىلاندۇرۇپ نومۇسىنى قوغدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى دەلىللەنمىدى، ئەمما قەشقەردىكى بىر يېزىدا «خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەركىبىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا ئاشكارغا رىغبەتلەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋە خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر مۇھاجىر يۇرتدىكى تونۇشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن قاراقاشتىكى بىر ئۇيغۇر سېستىرا قىز بىر خىتاي كادىر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ۋە توي قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئۇچرىشىشتا خىتاي ئەركەك ئۇنىڭغا ھېسسىيات جەھەتتىن زوراۋانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تىغلىق ئەسۋاب تىقىپ يارىلاندۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر كادىرنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرى قاراقاشتا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ئاڭلىغۇچمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، مەلۇم بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىدىغان بىر كادىر شۇ يېزىغا چۈشكەن «خىزمەت گۇرۇپپىسى» ئارقىلىق بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر سېستىرا قىزغا ئۆيلىنىش تەكلىپى سۇنغان. سېستىرا قىز بۇ تەكلىپنى ئويلىشىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، «خىزمەت گۇرۇپپىسى» دىكىلەر دەسلەپتە مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇشنى تەكلىتلەپ سېستىرانى ئويلىشىپ كۆرۈشكە قىستىغان. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىختەرلىكىنى ئويلىشىشنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق سېستىرغا تەھدىت سالغان. بۇ سېستىرا قىز مەزكۇر خىتاي كادىرغا ئۆزىنىڭ رەت جاۋابىنى بىۋاستە يەتكۈزمەكچى بولغان. ئۇ خىتاي كادىرنىڭ تەكلىپنى نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئۆرپ-ئادەتلەر نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما خىتاي كادىرسىستېرا قىزنىڭ بۇ ئۇچرىشىشنى قوبۇل قىلىشنى خاتا چۈشىنىپ، ئۇچرىشىشتا ئەدەپسىز قىلىقلاردا بولغان. خىتاي ئەركەك ھەددىنى بىلمىگەندىن كېيىن سېستىرا قىز قولىدىكى نامەلۇم تىغلىق ئەسۋاپ بىلەن خىتاي ئەركەكنى يارىلاندۇرۇپ، ئۆزىنى مۇداپىيە قىلغان.
بىز ئىنكاستىكى بەزى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاراقاشنىڭ دۇۋا يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. دۇۋا يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى خادىمىمۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.
قەشقەردىكى بىر يېزىنىڭ «خىزمەت گۇرۇپپىسى» دا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم ئۆزلىرىنىڭ خوتەندە ئەمەس، قەشقەردىمۇ نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئىشارەتلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى» نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاي ياشلىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ پائالىيەتتە «مىللەتلەر ئارا توي قىلىشنىڭ پايدىلىرى» ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن قاراقاشتا بىر ئۇيغۇر سېستىرا قىزنىڭ ئۆزىگە توي قىلىش تەكلىپىنى سۇنغان ۋە زوراۋانلىق قىلغان خىتاي كادىرنى يارىلانغاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ئايدىڭلاشمىدى. ئەمما قەشقەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا رىغبەلەندۈرۈلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.