خوڭكوڭ خەلقى نامايىش ئارقىلىق ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداپ قالالامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوڭكوڭدا ھۆكۈمەتنىڭ «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى» گە قارشى مىليون كىشىلىك نارازىلىق نامايىشىنى ساقچىلارنىڭ باستۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 12-ئىيۇن.
خوڭكوڭدا ھۆكۈمەتنىڭ «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى» گە قارشى مىليون كىشىلىك نارازىلىق نامايىشىنى ساقچىلارنىڭ باستۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 12-ئىيۇن.
AP

غەرب ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتقان «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» گە قارشى نامايىش توغرىسىدىكى قاراشلار.

غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 9-ئىيۇن باشلانغان خوڭكوڭ خەلقىنىڭ «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» كە قارشى نامايىشى توغرىسىدا ھەر خىل مەزمۇنلاردا ماقالە ۋە خەۋەرلەر ئېلان قىلماقتا.

ماقالىلەردە بايان قىلىنىشىچە، 1997-يىلى خوڭكوڭ ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «خىتاي-ئەنگلىيە ئورتاق باياناتى» ئىمزالانغان بولۇپ، 50 يىللىق مۇددەتكە ئىگە بۇ باياناتتا خىتايدىن «خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسى، قىممەت قارىشى ۋە يەرلىك قانۇنلىرىغا چېقىلماسلىق» تەلەپ قىلىنغان ھەمدە خىتاينىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى مەزكۇر باياناتنىڭ ئاساسىي نېگىزى بولغان.

ھالبۇكى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسى، قىممەت قارىشىنىڭ خىتايدىكى خەلقلەرگە يامان تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ ئالغان 22 يىلدىن بۇيان بۇ باياناتنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، خوڭكوڭنى تەدرىجىي ھالدا كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە ۋە رېجىمنىڭ چۈمپەردىلىرى بىلەن چۈمكەشكە باشلىغان. خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى» ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى ئەخلەتكە چۆرۈپ تاشلاش قەدىمىنى دادىل بېسىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ ھالدا، 2014-يىلىدىكى «كۈنلۈك ئىنقىلابى» دا، 2017-يىلىدىكى «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» كۈرىشىدە مەغلۇپ بولغان خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» كە قارشى نامايىش ئارقىلىق ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىگە يىتەلىشى مۇمكىنمۇ؟

غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ سوئالغا ئوخشاش بولمىغان جاۋابلارنى بەرمەكتە.

11-ئىيۇن «فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئەركىنلىكنىڭ ئەرۋاھى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ گەرچە «خىتاي-ئەنگلىيە ئورتاق باياناتى» دا يەر ئالغان خوڭكوڭ خەلقىگە مەنسۇپ ھەق-ھوقۇقلارغا 2047-يىلىغىچە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا ھەمدە خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادىغا ئەمدى ئانچە ئېھتىياجى قالمىغان. ھەتتا ئالاھىدە ئاپتونومىيە ئىمتىيازى بولغان خوڭكوڭ ھازىر خىتاينىڭ نەزىرىدە بۇرۇنقىدەك مۇھىملىق ئېتىبارىنى يوقاتقان. خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي رېجىمىغا قارشى ئۇرۇنۇشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشىنى، قارشىلىق كۆرسىتىش مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشتا قىسمەن رول ئوينىسىمۇ، «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى» نى توسۇپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەسكەن. خىتاينىڭ «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى» ماھىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى قارشى گۇرۇھلارنى قورقۇتىدىغان بىر قورالى ئىكەن.

بېرلىندا نەشردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك كۆزنەك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «دۇنياغا بىر سىگنال» ناملىق ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۇ نامايىشىنىڭ غەلىبە قىلىش ئىستىقبالى يوق ئىكەن. چۈنكى، خىتاي خوڭكوڭدا دېگىنى قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. خوڭكوڭدىكى كۈرەش غەرب قىممەت قارىشى بىلەن «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ، بۇ كۈرەش پات ئارىدا خوڭكوڭدىن ھالقىپ دۇنياغا كېڭىيىدىكەن. كۈنسېرى ئۆزىگە ئىشەنچ باغلاۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى غەرب قىممەت قارىشىغا ئاللىقاچان جەڭ ئېلان قىلىپ بولغان بولۇپ، غەرب قىممەت قارىشى ئانچە چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغان كامبودژاغا ئوخشاش ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە ئۆز ئىدېئولوگىيەسىنى سىڭدۈرۈپ بولغان. تەيۋەنگە ئوخشاش دېموكراتىيە ئېڭى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە بولسا قورال تەھدىتى ئارقىلىق ئۆز مەۋقەسىنى تېڭىشقا ئۇرۇنماقتىكەن. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئەمەلىيەتتە ئۆز ئىدېئولوگىيەسىنى دۇنياغا ھاكىم قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت ئىكەن.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «خوڭكوڭ بېيجىڭ يامان كۆرىدىغان ھەممە نەرسىگە ۋەكىللىك قىلماقتا» ناملىق ماقالىدا تەسۋىرلىنىشىچە، خىتاينىڭ قولىنىڭ بارغانسېرى ئىچكىرى ئۇزارتىلىشى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» دېگەننى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان، مۇستەقىل سىياسىي تۈزۈلمە ئاستىدىكى ئەركىن مۇھىتتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان خوڭكوڭلۇقلار ئارىسىدا بۈگۈن «قورقۇنچ» ئىبارىسى ئومۇملىشىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بارغانسېرى قاتتىق قاماللارنى ياۋروپالىقلار، ئامېرىكالىقلار قول قوشتۇرۇپ تاماشا قىلماقتا ئىكەن.

ماقالىدا مۇنداق ئىبارىلەرگە يەر بېرىلگەن: «بېيجىڭنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە رىئايە قىلماسلىقىنىڭ ئەجەبلەنگۈچىلىكى يوق. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ ئادا قىلمايۋاتقان بىر دۆلەت. نوپۇسىنىڭ يەتتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلغان خوڭكوڭلۇقلار بۈگۈن كوچىلارغا چىقىپ قانۇن-تۈزۈم، دېموكراتىيە، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق قىممەت قارىشىنى قوغداش يولىدا نامايىش قىلماقتا. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھېساباتنى كۆزدە تۇتۇپ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئېتىبارسىز قارىسا، ھالاكەت خاراكتېرلىك بىر سىگنال تارقاتقان بولىدۇ. دېموكراتىيە كىشىلەرنى ھەر زامان مەمنۇن قىلالمايدۇ. ئەگەر بىز پەقەتلا زور سىياسىي كىلىماتقا ئۇيغۇن چاغدىلا دېموكراتىيەنى قوغدىماقچى بولساق، ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيەنى ئاللىقاچان سېتىۋەتكەن بولىمىز.»

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «ئەگەر خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بۇ نامايىشىمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، خوڭكوڭنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ئوخشاشلا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ رېجىمى ئاستىدىكى بىر رايونغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى» تىلغا ئالدى.

11-ئىيۇن كۈنى خىتاي سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېي BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئەگەر خوڭكوڭدا قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەمەلىيلەشسە، خوڭكوڭدىكى ھەربىر پۇقرانىڭ ئەركىنلىكى خەتەرگە يولۇقىدۇ. خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى ئادالەتسىز. خىتاي ئەسلا قانۇن دۆلىتى ئەمەس. بۇ سىستېما يولغا قويۇلسا، خىتاي ھۆكۈمىتى خۇددى ئۆز تەۋەسىدىكى پۇقرالارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن خالىغانچە ئادالەتسىز ھۆكۈم چىقارغانغا ئوخشاش، خوڭكوڭلۇقلارنىمۇ خالىغانچە جازالايدۇ ۋە بۇ جازالىرىنى قانۇنىي ئاساسقا تاياندۇرغان بولىدۇ،» دەيدۇ.

خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، بۈگۈن 12-ئىيۇن كۈنى تاڭ يورۇماستىنلا خوڭكوڭلۇقلار خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەتراپىنى ئىشغال قىلىپ، «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» كە قارشى نامايىشىنى باشلىۋەتكەن. خوڭكوڭنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنىڭ ھەممىسىلا نامايىشچىلارنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلارمۇ كېلىپ چىققان. خوڭكوڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتى «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى» نى ئىككىنچى قېتىم كۆزدىن كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نامايىشلار سەۋەبلىك كەينىگە سۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ 11-ئىيۇن «خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن تۈزۈش ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت