خىتاي خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ باشقا ئۆلكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.07.02
xongkong-2019-namayish-saqchi.jpg خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن مىليون كىشىلىك نامايىشنى باستۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلار. 2019-يىلى 2-ئىيۇل.
AP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقالغان.

«فىرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى چاقىرغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تەرىپىدىن تارقالغان بىر مەخپىي يىغىننىڭ «مۇقىملىقنى ساقلاش قوماندانلىق شتابىنىڭ مەخسۇس يوليورۇقى» ناملىق ھۆججىتى بۈگۈن خوڭكوڭلۇق مۇخبىر يۇ شۇجى تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان. ھۆججەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى تېخى مەلۇم بولمىسىمۇ، يىغىنغا سىياسىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قاتناشقانلىقى، خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى ئىپادە قىلىنغان.

بۇ مەخپىي ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشى ئۇسۇلىدا بىر ئىچكى يىغىن چاقىرغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى زېڭ شىيەنجياڭ يىغىندا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى يۈز بەرگەن 3-قېتىملىق نامايىش سەۋەبلىك، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلەش كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم كېڭىيىدىغانلىقى، ھەرقايسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىچكىرىگە، چېگرا سىرتىنىڭ چېگرا ئىچىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى لازىم» لىقىنى بايان قىلغان.

بۇ يىغىن 12-ئىيۇن خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن مىليون كىشىلىك نامايىشتا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ گەنلو «ئامېرىكىنىڭ بېسىمى جۇڭگونىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ تاشقى ئامىلغا ئايلاندى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

مەزكۇر ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن زور نامايىشتا «ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشى، پەردە ئارقىسىدا پىلانلىشى ۋە قوللىشى زور رول ئوينىغان. قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاۋازغا قويۇلغاندا، نامايىشنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ زورىيىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ۋە خوڭكوڭ ھەم باشقا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىچكىرىنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ مۇتلەق ئالدىنى ئېلىش، سەزگۈرلۈكنى ئەڭ يۈكسەك پەللىگە چىقىرىشى كېرەك» كەڭ.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ۋەقەنى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ خاتالىقىدىن كۆرمەي، بەلكى باشقىلارنىڭ تەسىرىگە، سۇيىقەستىگە ئارتىپ باھا بېرىدىغان ئەنئەنىسى بارلىقىنى، خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ خىتايدىمۇ قارشىلىق دولقۇنلىرىنى قوزغىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى، خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خوڭكوڭدا يەنە بىر قېتىم زور نامايىش يۈز بەردى. خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى بۇ كۈننى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى كەڭرى مەيداندا بايراق چىقىرىپ خاتىرىلەشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان. چۈنكى خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىناسى ئەتراپىنى قاق سەھەردىن باشلاپلا بېسىۋالغان. بىنا ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىمۇ خاتىرجەملىك بولمىغان. «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن! لىن يۇئې ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرسۇن!» دېگەن شوئارلار توۋلىنىپ مۇراسىم كەيپىياتىنى بۇزغان. نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ قاتتىق تىركىشىشىنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ كۈنى كەچ قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىغا بېسىپ كىرگەن. 12-ئىيۇندىكى سۈركىلىشتە 30 كىشى قولغا ئېلىنغان، بۇ قېتىم قانچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما 3 نەپەر ياش «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» كە قارشى ئىرادىلىرىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، «خىتاي مەركىزى كومىتېتى خوڭكوڭ-ئائۇمىن بۆلۈمى» 7-ئاينىڭ 2-كۈنى خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلارنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ «خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنى ۋە ساقچىلارنىڭ قانۇنغا ئاساسەن بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى» جاكارلىغان.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «خىتاي ئەنگلىيە ئورتاق باياناتى» غا ھۆرمەت قىلمىسا، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ئىيۇل ئەنگلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەنگلىيەنىڭ «خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرىغا ھەرقانداق شەكىلدە ئارىلاشماسلىقى كېرەك» لىكىنى تىلغا ئالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يان شۇئاڭ سۆزىدە، خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلىغىنى، خىتاينىڭ ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئەنگلىيەنى «ئېغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىدى» دەپ ئەيىبلەپ، ئەنگلىيەنىڭ باياناتىغا قارىتا خىتاينىڭ «ئىنتايىن نارازى بولغانلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.