خوتەندىن دۇنياغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان گۈزەل چاچلار ئەسلى كىملەرنىڭ؟ (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.05.12
yalghan-chach-wigs.jpg خىتاي ئاخباراتىدا تارقىتىلغان خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى توغرىسىدىكى خەۋەردىن ئېلىنغان. 2020-يىلى 23-ئاپرېل.
xj.chinanews.com

خوتەن لوپقا جايلاشقان «خاۋلىن چاچ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» نىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەك قوللىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2020-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئامېرىكانىڭ بارلىق تاموژنا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى تۇتۇپ قېلىنىشقا باشلىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا دەل شۇ كۈنى، يەنى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى لوپقا جايلاشقان شىنجاڭ خوتەن چاچ مەھسۇلاتلىرى سانائەت باغچىسىدا چاچ مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىشچىلارنىڭ تۇنجى ماھارەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ يۈجۈننىڭ بۇيرۇقى بىلەن چاچ مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىدىكى ئىشچىلار قاتناشقان بۇ مۇسابىقىگە 250 خىزمەتچى قاتناشتۇرۇلغان. خەۋەردىن قارىغاندا لوپ ناھىيەسىدە 2018-يىلى خۇنەننىڭ شۈچاڭ، خېنەن ۋە شاۋياڭدىن كەلگەن چاچ مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى يەرلىشىشكە باشلاپ، ئىككى يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن، 400 مو كۆلەمدىكى چاچ مەھسۇلاتلىرى سانائەت باغچىسى قۇرۇلغان. ئۇلار ئاساسلىقى چاچ يىغىش، چاچ ياساش، چاچ بۇيۇملىرى ياساش تېخنىكا ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ھالبۇكى بۇ ھەقتىكى ۋىدېيولۇق خەۋەردىن سېخلاردا ئادەتتىن تاشقىرى كۆپلىگەن كۆزىتىش كامېرالىرى ئورنىتىلغانلىقى، ھەممىسىنىڭ خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇتلار ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ يۇقۇم مەزگىلى بولۇشىغا قارىماي، ماسكىلارنى تاقىغان ھالەتتە ئىنتايىن قاتتىق نازارەت ۋە كونترول سىستېمىسى ئاستىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

2019-يىلى 11-ۋە 12-دېكابىر، «شىنجاڭ گېزىتى» «تەربىيەلەش مەركىزىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاڭ» تېمىسىدا خىتاي كەسپىي ماھارەت مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتاۋاتقان لاگېردىكىلەرنىڭ خىزمىتى ۋە ھاياتى توغرىسىدىكى ئۇدا ئىككى بەتلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ سۈرەتلىك خەۋىرىدىنمۇ مەزكۇر زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇت كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

خەۋەردە لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەن مۇخبىرغا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مەمەتجان مەتتوختىنىڭ: «ئەگەر مەن كەسپىي ماھارەت مائارىپى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگىنىش ۋە مەشىقنى قوبۇل قىلمىغان بولسام، مەن يامان يولدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مېڭىشىم مۇمكىن. مېنى قۇتۇلدۇرۇپ، ماڭا يېڭى ھايات ئاتا قىلدى» دېگەنلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ، 2017-يىلى مايدا، لوپ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركىزىگە كەلگەن. بۇ يەردە دۆلەت تىلى ( خىتاي تىلى)، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن. ھەر تەرەپلىمە باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا كارخانىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ گەرچە لاگېرلارنى تاقىغانلىقى، لاگېردىكى ئىنسانلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە زاۋۇت-كارخانىلاردا داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

مەزكۇر خەۋەرلەرنىڭ كىشىنى ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان نۇقتىسى، بۇنچە كۆپ ئادەم چېچىنى خام ئەشيا قىلىدىغان زاۋۇتلارغا خام ئەشيا نەدىن كەلدى دېگەن مەسىلىدۇر.

چۈنكى ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىل، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق 10 غا يېقىن لاگېر شاھىتلىرى ئۆزىنىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرىنى سۆزلىگەندە ئوخشاش لاگېرغا كىرگەندىن كېيىن چاچلىرىنىڭ قىسقا كېسىۋېتىلگەنلىكى ياكى پۈتۈنلەي چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىشقان ئىدى. تەبىئىي ھالدا بۇ بىزگە 3 مىليونچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلار قامالغان لاگېردىكىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنغان چاچلىرى نەگە كەتتى؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ.

بۇ ھەقتە ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان گۈلباھار جېلىلوۋا ئۆزىنىڭ لاگېرغا كىرىپ بىر ئايدىن كېيىن ۋە باشقا تۇتقۇنلارنىڭ لاگېرغا كىرگەندە چېچىنىڭ پۈتۈنلەيچۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئامېرىكادا پاناھلىنىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ بېرىلىپ ئەتىسى ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۇزۇن چېچىنى قۇلاق تۈۋىدىنلا كېسىۋەتكەنلىكىنى، لاگېردا ئاياللارنىڭ چېچى قىسقا قىلىپ كېسىلىپ، ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ پۈتۈنلەي چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە خاۋلىن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لوپتىكى چاچ ياشاش كارخانىلىرىدىن تەركىب تاپقان سانائەت باغچىسى خۇئاياڭ گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، 2015-يىلدىن باشلاپ، خۇئاياڭ گۇرۇھى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك سىياسىتىگە ماسلىشىپ، خەلقئارادىكى ئىناۋەتلىك ماركا، ئەڭ ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشكەن مەھسۇلات نامىنى قازىنىش ئۈچۈن لوپ ناھىيەسىگە مەبلەغ سالغان. دېمەك، لوپ ناھىيەسىدىكى ئوخشىمىغان نامدا قۇرۇلغان بۇ چاچ ياساش شىركەتلىرى خىتاي خۇئاياڭ گۇرۇھى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىكەن.

ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بىلەن باغلانغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتلاردا قۇل بولۇشتىن يەنىلا قۇتۇلالمايدىغان بىر سىستېما بەرپا قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول زور پىلانى بارلىقى ئىلگىرى ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

لوپتا يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرىنىڭ سېتىش زەنجىرىنى ئېنىقلاش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئاساسەن خىتايدىكى چاچ ئېكسپورت مەركىزى بولغان چىڭداۋ ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە باشقا جايلارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. چاچ ئېكسپورت ئىمپورت شىركىتىدىن ئامېدا ئېكسپورت شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونى ئېلىندى.

مۇلازىمەتچى؛ «قانداق چاچ كېرەك، ئۇلايدىغانمۇ ياكى كەيمە چاچمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭدىن شىركەتنىڭ توردىكى ئېلانىدا «‹شىنجاڭ راست قوڭۇر چېچى چ ج 0080؟› دەپ بەلگە قويۇپ ئېلان بېرىلگەن چاچنىڭ مەھسۇلات مەنبەسى شىنجاڭمۇ؟» دەپ سورىدۇق.

مۇلازىمەتچى، «بۇ قوڭۇر رەڭلىك چاچنىڭ شىنجاڭلىقلارنىڭ تەبىئىي بويالمىغان قوڭۇر چېچى» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن چاچ مەھسۇلاتلىرىغا ئەسلى مەنبەسىنىڭ ئەسكەرتىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى سورىدۇق. ئۇ جاۋابەن «ھەر كۈنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە مال سالىمىز ھېچكىم بۇنى سوراپ باقمىدى مەسىلە چىقمىغانغۇ؟» دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن «بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە شىنجاڭدىن كىرگەن چاچلارنىڭ كېلىش مەنبەسى گۇمانلىق ئىكەن. لاگېر ۋە تۈرمىدىكىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنغان چاچلىرىمۇ بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن، شىركىتىڭلارغا ئۇيغۇر رايونىدىكى قايسى زاۋۇت ياكى ماركىلاردىن چاچ كىرگۈزىسىلەر؟» دەپ سورىدۇق.

بۇ سوئالىمىزغا، «بۇ دېگەن سودا مەخپىيەتلىكى، بۇنى دەپ بېرەلمەيمەن» دەپ تېلېفوننى قويدى.

چىڭداۋ ئېمېدا سەنئەت ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئامېرىكانى چاچ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ بىرى.

ھازىر ئۇيغۇر دىياردا خىتاي شىركەتلىرىدىن باشقا «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى بويىچە سودا ھەمكارلىقىغا قاتنىشىۋاتقان پاكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن چاچ ئېكسپورت ۋە ئىمپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، لوپتىكى ئاياللار گۈزەللىك بۇيۇملىرى ئېكسپورت شىركىتىنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى. پاكىستانلىق ئامىر ئىسىملىك بىر سودىگەر تېلېفوننى ئېلىپ ئۆزىنىڭ 3 ئاي ئىلگىرى خوتەن لوپتىكى شىركىتىنى تاقاپ پاكىستانغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما لوپتىكى چاچ زاۋۇتلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇ يەردە ساپ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ پاكستانلىقتىن ئۆزىنىڭ شىركىتىدە لوپتىكى بۇ چاچ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ماللىرىنى ساتقان-ساتمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئەسلىدە چاچ سودىسىنىڭ پايدىسى جىق بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ مال سېتىۋېلىش خىيالىدا ئۇ چاچ زاۋۇتلىرىغا بارغان بولسىمۇ، كۈنىگە دەم ئالماشتىن جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ ئۇ سودىنى كۆڭلى تارتمىغانلىقىنى، ئاخىرى لاگېردا ساقچى ۋە باشقا خىزمەتلەرنى قىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن زاۋۇتلاردا ئىشلىنىۋاتقان چاچلارنىڭ خام ئەشيا مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، بۇ چاچلارنىڭ ئەسلىدە لاگېردىكىلەرنىڭ چاچلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ چاچ سودىسىدىن ۋاز كېچىپ گىرىم سودىسى قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

جىيەن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئېلان قىلغان «چاچ بازىرى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ۋە ئالدىن مەلۇمات دوكلاتى» غا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چاچ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج 2009-يىلدىكى 719 مىليون يۈەندىن 2018-يىلى 5 مىليارد 434 مىليون يۈەنگە يەتكەن 2019-يىلى، جۇڭگودىكى چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 6 مىليارد 725 مىليون يۈەن بولغان،

خوتەندىكى 24 خىتاي چاچ پىششىقلاپ ئىشلەش شىركەتلىرىدىن تەركىب تاپقان خوتەن چاچ پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت باغچىسىمۇ دەل مۇشۇ يېقىنقى ئىككى يىلدا بەرپا قىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايدى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا خىتاينىڭ چاچ ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ ئېكسپورت يىلدىن-يىلغا ئېشىپ بارماقتىكەن.

ئېكسپورت قىممىتى جەھەتتە، 2019-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە شىمالىي ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 22مىڭ 200 توننا بولۇپ، چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 80 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 45. 16 نى ئىگىلىگەن.

1-ماي ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىش چەكلەنگەن خاۋلىن شىركىتى بولسا خىتايدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان چاچ مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبلىك ماللىرى چەكلەنگەن ئۇيغۇر دۇنيادىكى خىتاي شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى بايقىغاندەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان بۇ شىركەتلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپلا قالماي ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتكە چېتىشلىق تەرەپلىرىمۇ ئاستا-ئاستا سۇ يۈزىگە چىقماقتا.

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئىلگىرى خىتاي ھاكىمىيىتى يوشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزۈلمەي ئاشكارىلىنىپ تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئەڭ زور ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.

لاگېر مەسىلى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئالىدىغان مەنپەئەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى مۇتەخەسسىسلەرمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېردىكىلەردىن مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنغان چاچنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتقان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى ۋە خىتاي چاچ شىركەتلىرىنىڭ لاگېر قۇرۇلۇش بىلەن تەڭلا ۋاقىتتا پەيدا بولۇپ كۆپەيگەنلىكىگە ئوخشاش دەلىللەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ مۇلاھىزە قىلغاندا، بۇ خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ چېچىدىن پايدا قازىنىۋاتقانلىقى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر يەنە چاچمۇ ئىنساننىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ئوخشاش ئورگان قاتارىدا سانالغان تەقدىردە، لاگېردىكىلەرنىڭ چېچىنى مەجبۇرىي ئېلىش ۋە ئۇنىڭدىن ھەر قانداق شەكىلدە پايدىلىنىش، خۇددى مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش بىلەن ئوخشاش ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنىڭ داۋامىنى كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.