يالقۇن روزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابى تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.04.20
obzorchi-yalqun-rozi.jpg ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندى.
Social Media

تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن «تەنقىدنىڭ كۆزىدە» ناملىق كىتابى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

يالقۇن روزى بۇ كىتابنى 2016-يىلى «يالقۇن روزى ماقالە، ئوبزورلار توپلىمى» نىڭ 4-قىسمى سۈپىتىدە تەييارلاپ، نەشر قىلىشقا تاپشۇرغان ئىكەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلىپ تارقىتىشنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم.

مەزكۇر كىتابقا يالقۇن روزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ژۇرناللار ۋە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك 18 پارچە ئوبزور ۋە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتاب ئەسلى نەشرگە تەييارلانغان نۇسخا ئاساسىدا ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشر قىلىندى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى يالقۇن روزىنىڭ «تەنقىدنىڭ كۆزى» ناملىق كىتابىنىڭ چەكلىنىشى، تۈركىيەدە نەشر قىلىنىش ۋە تارقىتىلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يالقۇن روزى تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزورچى. ئۇ 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1987-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا ئورۇنلاشقان ۋە مۇخبىرلىق قىلغان. 1991-يىلى 1-ئايدا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ مۇھەررىر بولغان. كېيىن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. يالقۇن روزى 2015-يىلى 2-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان بولۇپ، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سەرخىللىرى تۈزگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقان» دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت قاتارلىق مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە يالقۇن روزىغا ئوخشاش دەرسلىك كىتابلارنىڭ تۈزگۈچى ۋە تەھرىرلىرىنى قاتتىق جازالىغان. يالقۇن روزىغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، يالقۇن روزىغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەدرىجىي يوسۇندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا يالقۇن روزى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تىل تەتقىقاتچىسى مەريەم سۇلتان خانىم يالقۇن روزىغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يالقۇن روزى ۋە يالقۇن روزىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرۈپ يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر تىلىغا، تارىخىغا، ئەدەبىياتىغا ۋە مەدەنىيىتىگە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرغان ئامىللارغا خىزمەت قىلىدىغان ئەقلى ئەمگەكچىلەر. ئۇلارغا قىلىنغان زەربە يۇقىرىقى ئامىللارغا قىلىنغان زەربىدۇر.»

يالقۇن روزىنىڭ «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، «مەمتېلى ئەپەندى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان، يۈزلىگەن ماقالە-ئوبزورلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يالقۇن روزى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تەنقىدچىلىكىدە پېشقەدەم ئۇستاز ھېسابلىنىدىكەن.

يالقۇن روزى «تەنقىدنىڭ كۆزى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي كرىزىسنى يورۇتۇشقا تىرىشقان بولۇپ، ئاپتور ئەسەرلىرىدە مىللىي روھ، ئەنئەنە، ئائىلە ۋە ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان.

تەتقىقاتچىسى مەريەم سۇلتان خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا تونۇلغان يازغۇچى يالقۇن روزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.