توكيودا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.07.05
Yapon-Professor-1024 توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پىروفېسسور نايتو يوسۇكې سۆزلەۋاتىدۇ، 2024-يىلى 4-ئىيۇل، توكيو
RFA/Erkin Tarim

4-ئىيۇل كەچقۇرۇن توكيودا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا، ياپونىيەلىك تونۇلغان يازغۇچى سېيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىككى توملۇق «ھازىرقى زامان ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتى تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى نايتو يوسۇكې ئەپەندى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى نەگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ؟ » دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى، يىغىندا سۆز قىلغان ياپون پىروفېسسور نايتو يوسۇكې ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر رايوننىڭلا مەسىلىسى ياكى بىر مىللەتنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، ياپونىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلمىسە، كۈن تەرتىپكە ئالمىسا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 4-ئىيۇل، توكيو
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 4-ئىيۇل، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىرىنچىسىنىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بىر يۈرۈش پائالىيىتىمىزنىڭ تۇنجىسى بولغان مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتۇق. بۇ زال لىق توشتى. كۆپ ساندا مۇخبىرلار كەلدى. يىغىن 2 سائەت داۋاملاشتى. يىغىندا ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. يىغىندا سۆز قىلغان ياپونىيەلىك پىروفېسسور نايتو يوسۇكې ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ2001-يىلىدىن باشلاپ دۇنياۋى يۈز بەرگەن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورغا چېتىپ تۇرۇپ باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، 2016-يىلىدىن باشلاپ دىنغا قارشى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر رايوننىڭلا مەسىلىسى ياكى بىر مىللەتنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، ياپونىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلمىسە، كۈن تەرتىپكە ئالمىسا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئەتە بۇلار ياپونىيە ئاخباراتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالىدۇ دەپ ئويلايمەن. »

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىنغا ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخباراتلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان ن ھ ك ۋە ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشتى. »

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى يىغىندا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كۆپرەك خىتاي ئاخباراتىدىن بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەردار بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنى ئاڭلىشىنى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغانلار توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 4-ئىيۇل، توكيو
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 4-ئىيۇل، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە سەۋەب بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايغا مەجبۇرىي يۆتكەپ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ياپونلارنىڭ سەمىگە قايتا سېلىش، ھەم ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئاكتىپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى ئۈچۈن جامائەت پىكىرىنى قوزغاش ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ياپونىيەدىكى چوڭ مەتبۇئاتلاردا ئۆزلىرى يازغان ماقالىلارنىمۇ ئېلان قىلغان. ئۇ، بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

ئەخمەت لېتىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-ئىيۇلدا توكيودا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى، ئوساكادا ئەڭ ئاۋات بېكەت بولغان نانبا كېكىتى ئالدىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بولسا توكيودا ئەڭ ئاۋات رايونلاردىن بىرى بولغان شىبۇيادادا كوچا ئايلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.