ياپونىيە بىلەن ئاۋستراليەدىمۇ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.10.05
awstraliye-namayish-1.jpg

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

awstraliye-namayish-2.jpg

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

awstraliye-namayish-3.jpg

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-abdukerim-abdurahman-1.jpg

ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى مەتبۇئات يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-1-oktebir-1.jpg

خىتايغا قارشى مەتبۇئات يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-3-oktebir-namayish-1.jpg

ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-3-oktebir-namayish.jpg

ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

1-ئۆكتەبىر كۈنى توكيودا مەتبۇئات يىغىنى، 3-ئۆكتەبىر توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش، 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋستراليەنىڭ ئادېلايد شەھىرىنىڭ مەركىزىدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 1-2-3 ئۆكتەبىر كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن. جۈملىدىن 1-ئۆكتەبىر كۈنى توكيودا مەتبۇئات يىغىنى، 3-ئۆكتەبىر توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرى مەركىزىدىمۇ خىتايغا قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.

1-ئۆكتەبىر كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەتبۇئات يىغىنىغا 10 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، ئۆكتىچى خىتايلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەر قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ، 120 دەك كىشى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى چەكلىمە بولغاچقا، نامايىشقا ئاز كىشى ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتتە ياپونىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەردىن 10 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قاتنىشىپ، سۆز قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەسلىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن 2020-يىلى 4-ئايدا ياپونىيەگە كېلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ زىيارىتى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ قېتىمقى نامايىشتا نامايىشچىلار «شى جاللات ياپونىيەگە كەلمىسۇن» دەپمۇ شوئار توۋلاشقان. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەدۇللاھ ئونئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھەر مەركىزىدا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71-يىلىدا خىتايغا قارشى تۇرۇڭ» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتنى ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار ئۇيۇشمۇسى تەشكىللىگەن. ئاۋستالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرى مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئەتىگەن سائەت 10 دىن كەچ سائەت 5 كىچە قولىدا «ئاۋسترالىيە خەلقى، ئۇيغۇرلارنى قوللاڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان يېزىلغان لۇزۇنكىنى كۆتۈرگەن ھالدا ۋاراقچە تارقاتقان. ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئاياللار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى رامىلە چانېشېف خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى ئاۋسترالىيەگە كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا قانۇن ماقۇللىتىش ئۈچۈن ئىمزا يىغىش بولغانلىقىنى، بىر كۈن ئىچىدە 800 كىشىنىڭ ئىمزاسىنى يىغقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئەلدانە ئابباس خانىم پارلامېنت ئەزاسى رېخ پاترىك ئەپەندىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىكلەر بىرلىكتە 60 قېتىمدەك خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.