ياپونىيە ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەلىرى ھىندى ئوكياندا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.06.28
YAPON-HINDISTAN-MANIWER-2020.jpeg ياپونىيە ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەلىرى ھىندى ئوكياندا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى
Social Media

خىتاينىڭ ئۆزىگە قوشنا دۆلەتلەرگە ھەربىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان مەزگىلدە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەلىرى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا مانېۋىر 27-ئىيۇن ھىندى ئوكياندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مانېۋىردىن مەقسەت ئىككى تەرەپ قىسىملىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.

ھىندىستاندىن چىقىدىغان «جۇمھۇرىيەت دۇنياسى» خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قوشنىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى سىناش ئۇرۇنۇشلىرى ئىزچىللاشقان ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەنلىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، 16-ئىيۇن ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىدىكى چېگراسى-گالۋان جىلغىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە ۋە تەيۋەنگە تەۋە دېڭىز رايونلىرىدىمۇ ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن.

نەتىجىدە ياپونىيە خىتايغا يېقىن چېگرا رايونلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى يۆتكىگەندىن باشقا، مەزكۇر رايونلاردىكى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتكەن.

ھىندىستان بىلەن ياپونىيەنىڭ ھىندى ئوكياندا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىك خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققان پەيتلەردە خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» تۋىتتېر ئۇچۇرى تارقىتىپ ھىندىستان ۋە قوشقا ئەللەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. 

ئۇلار ئۇچۇرىدا «ئەگەر ھىندىستان خىتاي بىلەن بولغان چېگرا دەتالىشىدا ئامېرىكىنىڭ قوللىشىنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بولسا، قاتتىق خاتالاشقان بولىدۇ. خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى خىتاي-ھىندىستان چېگراسى، جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزى قاتارلىق كۆپلىگەن فرونتلاردا ئۆزىنى تولۇق مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىگە» ئىكەنلىكنى كۆرسەتتى.

16-ئىيۇل گالۋان جىلغىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھىندىستان تەرەپتىن 20 نەپەر، خىتاي تەرەپتىن 43 نەپەر ئەسكەر ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

بۇ توقۇنۇشتىن كېيىن ئامېرىكا خىتاينىڭ چېگرا سۈركىلىشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستانغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.