لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ ھېكايىسى كارتونلۇق كىتاب بولۇپ چىقتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.09.01
yaponiye-uyghur-karton-1.jpg

yaponiye-uyghur-karton

yaponiye-uyghur-karton-2.jpg

ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ «بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق چاتما كارتونلىرىدىكى ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا تەسۋىرلەنگەن قىسمىدىكى رەسىمنىڭ بىرى.

yaponiye-uyghur-karton-3.jpg

ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ «بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق چاتما كارتونلىرىدىكى ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا تەسۋىرلەنگەن قىسمىدىكى رەسىمنىڭ بىرى.

yaponiye-uyghur-karton-4.jpg

ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ «بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق چاتما كارتونلىرىدىكى ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا تەسۋىرلەنگەن قىسمىدىكى رەسىمنىڭ بىرى.

كارتون تەسۋىرىي ھېكايە-رومانلىرى ياپونىيەدىكى ئەڭ تەسىرچان ۋە تېز بولغان تارتقۇ ياكى مەتبۇئات ژانىرى ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيەلىك يازغۇچى ۋە كارتونىست تومومى شىمىزۇ خانىم ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېما قىلغان 6 پارچە كارتونلۇق ھېكايە-رومانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ياپونىيەدە تونۇلۇشىدا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ مەتبۇئاتلارغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى تېما قىلغان كارتونلۇق رومانلىرى تورلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ كەلمەكتە.

تومومى خانىم ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ لاگېردا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى يورۇتۇلغان «ماڭا نېمە بولدى؟: بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ماۋزۇسىدا تەييارلىغان 2-ئەسىرىنى، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ كەچمىشلىرىگە بېغىشلىغان. بۇ يىل ئىيۇلدا ياپون ۋە ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ رومان، يېقىنقى كۈنلەردە تۈركچىگىمۇ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، 30-ئاۋغۇست تۈركچە «مۇستەقىللىق» تور گېزىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بەرگەن.

تومومى خانىم گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ كارتون ئوبرازىنىمۇ يۈزىدىكى خالىدىن تارتىپ ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەپ سىزىپ چىققان.

مەزكۇر روماندا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تىجارەتچى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ 2017-يىلى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا لاگېرغا قامىلىپ، ئۇ زۇلمەتلىك جايدا 1 يىل 3 ئاي قامىلىش جەريانىدىكى ئازاب ئوقۇبەتلىرى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.

ھېكايەنىڭ كولمىناتسىيەلىرى «جېلىلوۋانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 14 ياش، ئەڭ چوڭى 80 ياش ئىكەن.»، «ھەممەيلەن جۇڭگونىڭ 5 ناخشىسىنى يادلاشقا مەجبۇر بولدى» دېگەندەك قىسقا تەسىرلىك جۈملىلەر بىلەن تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان.

بۇ كارتوندا يەنە مەھبۇسلارغا كۈنىگە پەقەت بىر قېتىملا 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 7 سانتىمېتىر كېلىدىغان تازىلىق قەغىزى بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، رۇس تىللىق گۈلباھارنىڭ باشقا تۇتقۇنلار بىلەن بىرلىكتە 5 خىتايچە قىزىل ناخشىنى يادلاشقا مەجبۇر بولغانلىقى ۋە بۇ ناخشىنى بۇيرۇق بويىچە نازارەت ئاستىدا ئېيتىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

تومومى كارتونلۇق تەسۋىرلەردە لاگېردىكى كامېرلارغا بېكىتىلگەن كۆزىتىش كامېرالىرى، خىتاي ساقچىلىرى ۋە گۇندىپايلارنىڭ چىراي ۋە قىياپەتلىرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر، لاگېردىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان تۇتقۇنلار بىلەن روشەن پەرق ھاسىل قىلغان. لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، گۈلباھار ۋە ئۇنىڭ كامېرداشلىرىنىڭ چاچلىرىنىڭ ئوخشاش كېسىلگەنلىكى قاتارلىقلارمۇ ئوبرازلىق يورۇتۇپ بەرگەن.

ياپون سەنئەتكارى تومومى گۈلباھارنىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرىنى تەسىرلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك كارتونلاشتۇرۇشتا، گۆلباھارنىڭ خەۋەرلەرگە چىققان گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسلىنىپلا قالماي ئۇنىڭ ئۆزى بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە تىرىشقان. بۇ جەرياندا تومومى خانىمغا ياردەملىشىپ تەرجىمانلىق قىلغان، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلىستان خانىم، سەنئەتكار تومومىنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈسىدىن، ئىنسانپەرۋەرلىكىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ كارتونلۇق روماندا گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ يازغۇچىلار، ئادۋوكاتلار، پروفېسسورلار ۋە سەنئەتچىلەر قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەر بىلەن بىر لاگېردا تۇرغانلىقى، ئۇنىڭ تېخى يېڭىلا بالىسىنى يەڭگىگەن ياش ئانىنىڭ دوختۇرخانىدىن بىراقلا تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆكسىدىن ئېقىپ چۈشكەن ئانا سۈتىنى كۆرگەندىكى ئازابلىرىغىچە تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن.

تومومى كارتون رومانىغا يەنە گۈلباھارنڭ «مەن دۇنياغا ئاياللار ئۇچرىغان بۇ زۇلۇملار ھەققىدە ئېيتمىسام، ئۇلارغا خىيانەت قىلغان بولاتتىم» دېگەنلىرىنى يازغان.

گۈلباھار جېلىلوۋانى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ تومومى خانىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىر قانچە قېتىم تېلېفون ئارقىلىق ئالاقە قىلغانلىقى، كىتاب ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇنىڭ تۈزىتىشكە تېگىشلىك جايلار ھەققىدە مەسلىھەت سورىغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزنىڭ لاگېردىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ چىققىنىغا ئىككى يىل تولغان كۈنلەردە ئېلان قىلىنغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىپ رادىيومىز ئارقىلىق ياپونىيەلىك تومومى شىمىزۇغا ئالاھىدە تەشەككۈرىنى يەتكۈزۈشىمىزنى ھاۋالە قىلدى.

تومومى خانىمنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان كارتونلۇق ئەسەرلىرىنىڭ تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا. تومومى ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، گەرچە بۇ كارتونلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۆزىگە ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يورۇتقان ئەسەرلىرىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.