ياپونىيەنىڭ يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ توكيودىكى ياپونىيە پارلامېنت بىناسىدا ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندىن كېيىنكى خاتىرە سۈرەت. 2020-يىلى 18-مارت.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ توكيودىكى ياپونىيە پارلامېنت بىناسىدا ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندىن كېيىنكى خاتىرە سۈرەت. 2020-يىلى 18-مارت.
Photo: RFA

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى 19-مارت كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۇچرىشىش 18-مارت كۈنى توكيودىكى ياپونىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

خالمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىغا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

خالمەت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن. يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

يىغىن مەيدانىدىن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن باشقۇرغۇچىسى نومۇرا ئەپەندى ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى كورونا ۋىرۇسىغا مەركەزلەشكەن بىر ۋەزىيەتتە خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نەزەردىن تاشلىنىپ قالغان. شۇڭا ئۇ سۆزىدە خىتاي لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا دۇنيانىڭ خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە جىددىي دىققەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

بۇ قېتىملىق يىغىندا ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مارۇياما ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان.

مارۇياما ئەپەندى سۆزىدە خىتايدا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزالىرى ئەتكەسچىلىكىنىڭ يېقىندا تېخىمۇ بەك ئەۋجگە چىققانلىقىنى، لاگېرلارغا قامالغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئاساسلىق قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ جىنايى قىلمىشلارنى توختىتىش، لاگېر مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى لازىملىقىنى، بۇ جەرياندا ياپونىيەدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى خالمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندى بىلەن ئابدۇكېرىم ئەپەندى قاتارلىق ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ سۆز قىلغان. ئۇلار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى ئەڭ جىددىي دەپ قارالغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان.

غەيرەت كەنجى ئەپەندى سۆزىدە پائالىيەتكە كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇ يەنە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇندىن كېيىن ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى بارغانچە كۈچەيتىشكە جىددىي ئېتىبار بەرمەكتىكەن. ئۇلار يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھەر خىل يىغىن ۋە ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرغان.

خالمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلى پىلاندا بۇ ھەپتە ئىچىدە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە بىرقانچە پىلان-پروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئەمما خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر سەۋەبلىك ئىلگىرىكى بەزى پىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى كېچىكتۈرۈلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت