ياپونىيەنىڭ مۇجى، يۇنىكلو شىركەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى» ئېلانى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.01
mejburi-emgek-lager.jpg خىتاينىڭ مەلۇم شىركىتىنىڭ زاۋۇتىدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 17-ئۆكتەبىر، خوتەن.
CCTV via AP Video

مۇجى ۋە يۇنىكلو ياپونىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ماركىلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار يېقىندا بۇ ئىككى شىركەتنىڭ تور بېتىدىكى ئۆزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىغا دائىر ئېلانىدا كۆرسىتىلگەن. بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ لاگېر سىرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى رايوندىكى خىتاي پاختا شىركەتلىرىدە ياكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدا ھەقسىز ياكى ئىنتايىن ئاز ھەق بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار دەلىللەر بىلەن ئاشكارىلىنىپ، بەزى غەرب كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى كارخانىلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلىنىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى تارگېت، كاتتون ئون ناملىق ئىككى شىركەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خوتەندىكى «دەيدا كىيىم-كېچەك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ياپونىيە مۇجى شىركىتىنىڭ تورىدىكى ئېلاندا مۇجىنىڭ ئوكسفورد ماركىلىق كۆينىكى تونۇشتۇرۇلۇپ، «مۇجىنىڭ شىنجاڭدا ئىنچىكىلىك بىلەن قولدا ئۈزۈلگەن ئورگانىك پاختىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئوكسفورد ئەركەكلەر كۆينىكى پاكىز لايىھەلەنگەن ھەم يۇمشاق ھەم سالقىن مەھسۇلاتتۇر،» دېيىلگەن. يۇنىكلونىڭ تورىدىكى ئېلاندا بولسا ئۇلارنىڭ ئەركەكلەر كۆينىكىنىڭ «سۈپىتىنىڭ ئېسىللىقى بىلەن داڭلىق شىنجاڭ پاختىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن. 

ريوخىن كېيكاكۇ «مۇجى» نىڭ ياپونىيەدىكى ئانا شىركىتى بولۇپ، مەزكۇر شىركەت تېخى بۇ يىل 8-شايدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، شىركەتنىڭ قارمىقىدا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قۇرغان. ئۇلار بەلگىلىمىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىز 1‏-نويابىر كۈنى ريوخىن كېيكاكۇ شىركىتى شۇنداقلا يۇنىكلونىڭ ئامېرىكادىكى شۆبە شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان ئىنكاسى ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سورىدۇق. يۇنىكلودا ھېچكىم تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. ئەمما ريۇخىن كېيكاكۇ شىركىتىنىڭ سىندى ئىسىملىك بىر مەسئۇل خادىمى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئۆزلىرىنىڭ تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقى، سۇئاللىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت شىركەتنىڭ ياپونىيەدىكى باش شتابىلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سىندى سوئالىمىزغا بۈگۈن جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى. 

لېكىن «ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى» ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ريۇخىن كېيكاكۇ شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئايا نىشىمۇرا ABC نىڭ مۇخبىرىغا ئۇلارنىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىغا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىسىنىڭ «شىنجاڭ» دا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىغا شىنجاڭنىڭ پاختا يىپى ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن قايسىي شىركەتلەرنىڭ ئۇلارنى بۇ ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ريۇخىن كېيكاكۇ شىركىتى «يېقىنقى تەلەپلەرگە ئاساسەن شىنجاڭدىكى پاختىزارلىقلارنىڭ ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇلارنى پاختا يىپى بىلەن تەمىنلەۋاتقان فابرىكىلارنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىغان.» ئۇ ABC نىڭ مۇخبىرىغا «ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا بىز تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىمىز،» دېگەن.

ھالبۇكى، يۇنىكلونىڭ ABC غا بەرگەن باياناتىدا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق بىر شېرىك كارخانىسى يوقلىقى تەكىتلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ «خىتايدىكى شېرىك كارخانىلىرىنىڭ پاختىسى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆپ خىل جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرىلگەن. لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، 2018‏-يىلى خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 84 % ئى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن. 

نۆۋەتتە مۇجى ۋە يۇنىكلونىڭ «شىنجاڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى» غا دائىر ئېلانى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختىزارلىق ۋە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئورگانلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىل 8‏-ئايدا «يالغانچىلىقنىڭ گەزمىلى ‏-پاختا: شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خىتاينىڭ يەر شارى تەمىنات زەنجىرى» سەرلەۋھىلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى 1‏-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختالدى. 

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي پاختا توقۇمىچىلىقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشكە باشلىدى. لېكىن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بولغاچقا، بەزى ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەر يەنىلا ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق سېتىۋالماقتا. بۇنداق بولغاندا ئۇلار مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ. . . خىتاينىڭ) ئۇيغۇرلارنى( مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىدىكى مەقسىتىمۇ بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخىنى چۈشۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىش. خېرىدارلار بۇ مەھسۇلاتلارنى ئۇنىڭ تەننەرخىنىڭ ئەرزانلىقىغا قاراپ سېتىۋېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردىكى بىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق بۇ مەھسۇلاتلارغا بولغان كۈچلۈك تەلەپ بىلەن تەمىناتنىڭ بىر بىرىگە تۈرتكە بولۇشىدۇر.»

ياڭ جيەنلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلەر، كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئىشلىشىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختىزارلىق ۋە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ سودا ئۇرۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكى، چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېنىك سانائەت ئىگىلىكىگە خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلە سودا توقۇنۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىڭنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ يېنىك سانائەت ئىگىلىكىگە قارىتا ئادالەتسىز رىقابەت پەيدا قىلىۋاتىسەن. شۇڭا بۇ مەسىلىمۇ سودا ئۇرۇشىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. مېنىڭچە، بۇ مەسىلىنى نوقۇل بىر خىل تەدبىر بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا چوقۇم كۆپ تەرەپلىمىلىك تەدبىر ئېلىش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نوقۇل كىشىلىك ھوقۇق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايغا تۇتقان تاشقى سىياسىتىدە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىشىمىزدىكى سەۋەبتۇر. ھەرقانداق ساھەدىكى دىپلوماتىيە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى شەرت. شۇنداق قىلغاندا خىتايغا ئۈنۈملۈك بېسىم پەيدا قىلىپ، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۇ رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.» 

«پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» بۇ يىل 8‏-ئايدا ئېلان قىلغان «يالغانچىلىقنىڭ گەزمىلى ‏-پاختا: شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خىتاينىڭ يەرشارى تەمىنات زەنجىرى» ناملىق دوكلاتىدا خىتاي توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى لاگېر ئىچىدىكى ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زاۋۇتلاردا ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىللەر ئاشكارىلانغان. 

دوكلاتتا 2014‏-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىغا 2200 توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «خۇافۇ مودا كىيىملىرى»، «لۇتەي توقۇمىچىلىق شىركىتى» قاتارلىق كارخانىلارنىڭ «تارگېت»، «بلۇبەرىي»، «كالۋېن كليان»، «ھيۇگو بوس»، «ئارمانى» قاتارلىق خەلقئارا شىركەتلەرنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2018‏-يىلى 450 مىڭ ئۇيغۇرنى بۇ كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلار، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقىنى، شۇنداقلا يوقسۇل ئۇيغۇر ئائىلىلەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.