بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.01.13
yawropa-parlamenti-namayish-1.jpg ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 12-يانۋار، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Erkin Tarim

12-يانۋار كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر نامايىشنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ياۋروپا كومىسسىيونى بىناسى ئالدىغا توپلانغان بېلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى جاراڭلىق شوئارلار توۋلاپ قارشىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

بىريۇسسېلدىكى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇللام ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، نامايىشقا بېلگىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەردىن سىرت ئەرەبلەردىنمۇ بولۇپ 1200 ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇللام ئەپەندى نامايىشچىلارنىڭ 7-8 تىلدا شوئارلارنى توۋلاپ 3 كىلومېتىر ماڭغانلىقىنى ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان ۋاراقچىلار تارقاتقانلىقىنى، نامايىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ياشار ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقىتىشنى تەلەپ قىلىش شۇنداقلا لاگېر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمان دۇنياسىنى سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى.

ياشار ئەپەندى 12-يانۋار كۈنىدىكى نامايىشقا بىر قىسىم بېلگىيە پارلامېنتى ئەزالىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسىيونلارنىڭ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى

بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بېلگىيەدىكى تۈركلەر قۇرغان «تىرىلىش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىم ئەپەندى نامايىشقا كۆپ ساندا تۈرك تەشكىلات ۋە پارتىيە مەسئۇللىرى قاتناشقانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەت بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە نامايىشقا تەييارلىق قىلدۇق. بىز بېلگىيەدىكى مىللىي چۈشەنچە تەشكىلاتى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەلىرىنىڭ بېلگىيەدىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇلارغا، ‹كېلىڭلار ئۇيغۇرلارنى قوللايلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىغا ياردەم قىلايلى›. دېدۇق. ئۇلاردىنمۇ نامايىشقا كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ناھايىتى ياخشى ئۆتتى، دۇنياغا ئاۋازىمىزنى يەتكۈزدۇق. بېلگىيەدىكى تۈركلەرنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز».

بۇنداق كۆلىمى چوڭ نامايىش ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم يۈز بەرگەنىدى. 2019-يىلى 9-ئاپرېل كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەنىدى. ياۋروپا كومىسسىيونى بىناسى ئالدىغا توپلانغان بېلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن كۆپلىگەن نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە سېلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرىغا قارشى جاراڭلىق شوئارلار توۋلاپ قارشىلىقلىرىنى نامايان قىلغان. بۇ نامايىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نامايىش ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.