ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ شىركىتىنى «ئىنتايىن خەتەرلىك شىركەتلەر» دەپ ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.10.15
xuawei-shirkiti.jpg خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى 5G سىمۋولى قويۇلغان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئالدىدا تېلېفون سۆزلىشىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 5-دېكابىر، شېنجېن.
AP

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 40 تىن ئارتۇق ئەزاسى خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ شىركىتىنى ياۋروپانىڭ ئالاقە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان «ئىنتايىن خەتەرلىك شىركەتلەر» دەپ ئاتىغان.

ياۋروپا «سىياسەت» تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 5 چوڭ پارتىيەگە مەنسۇپ بولغان 40 تىن ئارتۇق ئەزالىرى 13-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىگە، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پوچتا-تېلېگراف مىنىستېرلىقلىرىغا بىرلەشمە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ياۋروپادا 5G تور ئېقىمىنى بازارغا سېلىۋاتقان خۇاۋېي ھەمدە ئۇنىڭ تارماق شىركىتى بولغان جوڭشىڭنى «ياۋروپانىڭ ئالاقە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك شىركەتلەر» دەپ ئاتىغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇلارنى تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىشنى، 5G نى ياۋروپادا ئورتاق چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ 5G تور ئېقىمىنى ياۋروپادا يولغا قويۇش تىرىشچانلىقى ئەنگلىيەدە ئاقمىغان بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىش قىلىپ، پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرەلمىگەن ئىدى. خۇاۋىي بازارغا سېلىۋاتقان 5G تور ئېقىمىنىڭ تەننەرخى شىۋېتسىيەنىڭ ئېرىكسون ۋە فىنلاندىيەنىڭ نوكىيا شىركەتلىرىنىڭ 5G تور ئېقىمىنىڭكىدىن تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ5G تور ئېقىمىنى قوللىنىش تەرەپدارلىرىمۇ ئاز بولمىغان. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەزالىرى خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭنىڭ 5G تور ئېقىمىنى «جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىمالى يۈكسەك» دەپ ئەيىبلىگەن.

مەزكۇر مەكتۇپقا ياۋروپا كومىسسىيۇنىنىڭ سابىق رەئىسى ئاندرۇس ئانسىپ، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنھارد بۇتىكوفېر قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر ئىمزا قويغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى يېشىللار پارتىيەسى، كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى، لېبىراللار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ياۋروپا خەلق پارتىيەسى قاتارلىق 5 پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى 40 ئارتۇق ئەزاسى يوللىغان بۇ بىرلەشمە مەكتۇپقا خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ شىركىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «جاسۇسلۇق قورالى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىرلەشمە خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بارلىق خىتاي شىركەتلىرىگە ئوخشاش، خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭ كىچىك رىقابەتچىسى جوڭشىڭمۇ خىتاي قانۇنىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن دېموكراتىيەدىن خالىي بولغان خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىغا بوي سۇنىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى ئىدارە قىلىشنى، غەرب ھۆكۈمەتلىرى، شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنى نازارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

خەتتە يەنە مۇنۇلار ئورۇن ئالغان: «شۈبھىسىزكى، خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك شىركەتلەردۇر. ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى كەلگۈسىدە ياۋروپانىڭ 5G تور ئېقىمى قۇرۇلۇشىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاي يالغۇز خۇاۋېيدىنلا ئەمەس، خىتايدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بارلىق مۇلازىمەت شىركەتلەردىن قانۇنىي كۈچ بىلەن پايدىلىنىدۇ.»

ئۇلار خېتىدە خىتاي شىركەتلىرىنى تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينى يۇقىرى نازۇك تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى توختىشى توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق بىر قارار ھاسىل قىلىش لازىملىقىنى، خىتاينىڭ ئالاقە زاپچاسلىرىغا بولغان تايىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 5G تور ئېقىمىنىڭ ياۋروپادا ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ ياۋروپا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويۇش زۆرۈرلۈكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا ئۆتكەن يىلىلا «جاسۇسلۇق يۇمتالى قاچىلانغان» دەپ ئەيىبلىگەن، ئۇنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تور ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئادەتتىن تاشقىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاخبارات ۋاننىلىرىدا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنماقتا.

BBC قانىلى 15-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ئەنگلىيە ھەربىي ئاخبارات 5-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تۇنجى قېتىم سۆز قىلىپ، خىتاي تەھدىتىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ۋە مۇرەككەپلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خۇاۋېي ئەنگلىيەدە چەكلەنگەن بولسىمۇ، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى يەنىلا زور دەرىجىدە كېڭەيگەن.

ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي ئاخبارات 5-باشقارمىسىغا بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ مەسئۇل بولغان كېن مەككالۇم 14-ئۆكتەبىر قىلغان سۆزىدە نۆۋەتتە ئەنگىلىيەنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تەھدىتنىڭ ئاساسلىقى رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوڭچىل تېررورىستلاردىن كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ كەلگۈسى 10 يىلدا خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئەنگىلىيەنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجى بارلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.