ARTE: ياۋروپا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-12-22
Share
ARTE: ياۋروپا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك؟ ياۋروپانىڭ ARTE تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «ياۋروپا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك؟» ناملىق نەق مەيدان پروگراممىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 22-دېكابىر.
Photo: RFA

22 – دېكابىر گېرمانىيە – فىرانسىيە ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان، گېرمانچە، فىرانسۇزچە، ئىنگلىزچە، ئىسپانچە، ئىتاليانچە، پولەكچە 6 تىلدا تارقىتىش بېرىدىغان، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «ARTE» قانىلى «28 مىنۇت» ناملىق پروگراممىسىدا «ياۋروپا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك؟» دېگەن تېما ئاساسىدا بىر نەق مەيدان پروگراممىسى تارقاتتى. پروگراممىغا ئېلىزابىت كۇيىن رىياسەتچىلىك قىلغان، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان، فىرانسىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، «خىتاينىڭ كۈچى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، خىتايشۇناس ۋالېرى نېكۇيت ۋە باشقا بىرقانچە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان ئىدى.

پروگرامما مۇقەددىمىسىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قوبۇل قىلغان 23 ماددىلىق قارارى، فىرانسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى رافائېل گلۇكىسماننىڭ 17 – دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان خىتابلىرىدىن ئۈزۈندىلەر بېرىلگەن.

رافائېل گلۇكىسمان يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ «مەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئەيىبلەيمەن. مەن نىكە، زارا قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرىنى قۇل قىلىنغان بىر خەلقتىن ئېلىۋاتقان مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئەيىبلەيمەن. مەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قورقۇنچاقلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەيمەن» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

پروگراممىدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەتتە بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىياننىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دۇنيانىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى، بۇ مەسىلىگە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاندىن شى جىنپىڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئادرىئان زېنزنىڭ 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ پاختا تېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئىزاھاتلىرى، لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ لاگېردا خىتايلار تەرىپىدىن تىرناقلىرىنىڭ يۇلۇنغانلىقى توغرىسىدا يىغلاپ تۇرۇپ بەرگەن گۇۋاھلىقى، دىلنۇر رەيھاننىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش تەشەببۇسىدا بولغانلىقى، جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، ئېتىزلاردا پاختا تېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى پروگراممىدا رىياسەتچىنىڭ تىلى ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىر قۇر بايان قىلىپ ئۆتۈلىدۇ.

ۋالېرى نېكۇيت خانىم سۆزىنىڭ بېشىدا، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ دۆلەتلىرى ئارا ئالاقىلىرىنىڭ ياخشى بولغانلىقى، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن بىر بۆلۈڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلغانلىقى، خىتايلار «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان بۇ رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشلارنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكى، 1949 – يىلى خىتايلار بۇ زېمىننى بېسىۋالغاندىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك شەكىللەردە زۇلۇم سېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ھەمدە «شىنجاڭ» دېگەن بۇ خىتايچە ئاتالغۇنىڭ «يېڭى ئىشغال قىلىنغان رايون» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر مەدەنىيەت ئوخشاشلىقىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئادەتلىرى بىلەن خىتايلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلىدۇ.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ئەۋجىگە چىققانلىقىنى، 2017 – يىلىدىن باشلاپ ئاز دېگەندە بىر يېرىم مىليون ئىنساننىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ قىينىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە يەرنىڭ نازارەت ئاپپاراتلىرى بىلەن تولغانلىقىنى، بۇنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ كەم دېگەندە 570 مىڭ ئىنساننى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، جازا لاگېرلىرىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەر تۈرلۈك قىيناشلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ دېيىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن گەپلەرنى دېيەلمەي قالغاندەك بىر ھېسسىياتقا كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ياۋروپا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك؟» دېگەن بۇ پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينى جازالاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكلىپلەرگە ئورۇن بېرىلدى. دىلنۇر رەيھان ۋە ۋالېرى نېكۇيت خانىملار ياۋروپانىڭمۇ ئالدى بىلەن ئامېرىكاغا ئوخشاش يول تۇتۇشىنى، ياۋروپانىڭ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا بىنائەن ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، بۇ زۇلۇمغا شېرىك بولغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش، خىتاينىڭ پاختا ۋە بىرقىسىم مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار بولغان مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش، خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، چولپانلار خىتاي بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈش، خىتاينىڭ خۇئاۋېي قاتارلىق تور سىستېمىلىرىنىڭ ياۋروپاغا يەرلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت