يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ قارىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.05.05
يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ قارىدى يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى 4- ۋە 5-ماي كۈنلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قارار لايىھەسىنى ئىككى كۈن مۇنازىرە قىلىپ، ئاخىرى بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئېلان قىلغان.
Yettesu

يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى 4- ۋە 5-ماي كۈنلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قارار لايىھەسىنى ئىككى كۈن مۇنازىرە قىلىپ، ئاخىرى بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئېلان قىلغان.

5-ماي يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى «ئەمگەكچىلەر» پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پارتىيەلەرنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان قارار لايىھىسى خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپلا قالماي، «ھۆكۈمەتنى ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلاردىكى قوراللارنى ئىشقا سېلىپ، بۇ دەپسەندىچىلىككە خاتىمە بېرىشكە» چاقىرغان.

يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە-ACT پارتىيەسىنىڭ ئوتكەن ھەپتە پارلامېنتقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى يېڭى زېلاندىيە سىياسىي سەھنىسىدە مۇنازىرە قوزغىغان. ACT پارتىيەسىنىڭ قارار لايىھەسى پارلامېنتتىكى يېشىللار پارتىيەسى، مىللەت پارتىيەسى، ماۋرى پارتىيەسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق جاسىندا ئاردېرن ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان «ئەمگەكچىلەر» پارتىيەسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، قارار لايىھەسىنىڭ ئەينەن ماقۇللىنىشى تەھدىتكە دۇچ كەلگەنىدى.

شۇنىڭ بىلەن پارلامېنتتىكى پارتىيەلەر قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىدى مۇرەسسە قىلىپ، قارار لايىھەسىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى چىقىرىۋەتكەن. قارار لايىھەسىنى سۇنغان ACT پارتىيەسى 5-ماي ئەتىگەن سەھەردە رادىيومىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا «ئەمگەكچىلەر» پارتىيەسىنىڭ «قارار لايىھەسىنى يۇمشىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېگەن سۆزنى ئېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى»، «بۇنىڭ قايغۇ ياراتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «بىراق ACT پارتىيەسى بۇنى داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتايدۇ» دېگەن.

ACT پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى، پارلامېنت ئەزاسى بروك فون ۋېلدېن پارلامېنتتىكى سۆزىدە، بۇ لايىھە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بروك فون ۋېلدېن مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ۋىجدانىمىز بۇ قارارنى قوللىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. كۆپ خىل مەنبەلەردىن كەلگەن، ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپاتلار كۆپ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭگودا تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمۇ راست. بۇ جاۋابسىز قالماسلىقى كېرەك بولسىمۇ، بىراق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەر قانداق ئىشقا باھانە بولالمايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» دا «مۇتلەق رەھىم قىلماسلىق» چاقىرىقىنى ھەقلىق قىلمايدۇ.»

بروك فون ۋېلدېن سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئائىت ماددىلارنىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئازلاپ كېتىشى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «كۆپ مەنبەلەردىن قارىغاندا بۇ ماددىلارنىڭ بىرى ئەمەس، بەلكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈكۈنىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىشى ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنىڭ شىنجاڭدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىگە ماس كېلىشىدۇر» دېگەن.

ACT پارتىيەسىنىڭ باياناتىدا ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ مۇھىم مەسىلىنىڭ پارلامېنتتىكى بارلىق پارتىيەلەر بىلەن ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىپ، پارلامېنتتا مۇنازىرە قىلىنىشى ئۈچۈن مۇرەسسە قىلغان. ACT پارتىيەسىنىڭ قارار لايىھەسى ئىلگىرى يېڭى زېلاندىيەدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ماۋرى پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. يېشىللار پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى، پارلامېنت ئەزاسى گولرىز گاھرامان پارلامېنتتىكى سۆزىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سۆزىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گولرىز گاھرىمان مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ قارار لايىھىسىنى پارلامېنتقا سۇنغان ئەزالارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىراق ئاخىرقى قارار لايىھىسىنىڭ سۆزى يۇمشىتىۋېتىلگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. پارلامېنت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ۋەھشىيلىكنى سۆزلەشتىن قېچىپ، ئۇنى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، دەپ ئىپادىلىدى. بىزنىڭ خىتايدىكى شىنجاڭدا ياكى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا نېمە ئ‍ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانقانلىقى، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ كۆلىمى ۋە سىستېمىلىق دەرىجىسىنى ئەيلىگەندە ئىشلەتكەن سۆزىمىز مۇھىم.»

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، پارلامېنتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سۆزىنى چىقىرىۋېتىشىنى «ئەخلاقىي جەھەتتىن ئاقلىغىلى» بولمايدىكەن. ئۇ «مۇھىمى ئەيىبلەپ قويۇشلا ئەمەس. بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىلا ئەمەس. مۇھىمى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز. پارلامېنتتىكى ئ‍ئىككى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قارار لايىھىسىدە ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا-ئېلىش ئالماسلىقنى مۇزاكىرە قىلغاندا سودىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشى مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى……. ئەخلاقىي جەھەتتىن قەتئىي ئاقلىغىلى بولمايدۇ, شۇنىڭدەك بۇ يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ» دېگەن.

لېكىن يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نانائىيا ماخۇتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئاقلاپ، خىتاينى داۋاملىق ئەڭ كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينى داۋاملىق ئەڭ كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن ب د ت ۋە باشقا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي مەنىدە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرىدۇ…… بىز ب د ت ۋە خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىز، ئالاقىدار خەلقئارالىق قانۇن ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، بۇ دەپسەندىچىلىككە خاتىمە بېرىشكە داۋانلىق تىرىشىدۇ» دېگەن.

يېڭى زېلاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئەمگەكچىلەر» پارتىيەسىنىڭ قارار لايىھىسىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى چىقىرىۋېتىشى يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. لېكىن بەزى غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى «ئىجابىي قەدەم» بولۇپ، بىر «زور ھادىسە» ئىكەن.

ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىس، «خەلقئارا پارلامېنتلار ئەزالىرى خىتاي ئىتتىپاقى» نىڭ مەسئۇل خادىمى لوك دې پۇلفروت ئەپەندى 5-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئورنى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەردە مەيلى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئەركىن سۆزلەش ياكى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش بولماي تۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ ئېتىراپ قىلىش جەھەتلەردە بولسۇن راھەت ھەرىكەت قىلغۇدەك جاي ئەمەس. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنداق قىلمىدى.»

لوك دې پۇلفورتنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى ھۆكۈمەتنىڭمۇ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئىلگىرى ئەنگلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان ئۇيغۇر «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق» لايىھەسى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدىكەن.

لوك دې پۇلفورت: «بىزنىڭ سىستېمىمىزنىڭ فۇنكسىيەسى پەرقلىق ئىشلەيدۇ. بۇ يەردىكى پەرق بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشىدا ھۆكۈمەت كۆپرەك ئارىلاشقان. بولۇپمۇ ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتتى. شۇڭا بىز مەسىلىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىجابىي تەرىپىگىمۇ قارىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئەنگلىيەدە ماقۇللىغان قارارىمىز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئەمەس. لېكىن يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان قارار لايىھىسى ئەكسىچە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ قارار لايىھەسىنى ئۇلار شەكىللەندۈرگەن. بۇ ناھايىتى چوڭ ۋەقە» دېدى.

يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى باش مىنىستىر جاسىندا ئاردېرن 3-ماي كۈنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوكلاند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي سودا باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ ئارقىدىنلا ئاۋازغا قويۇلغان.

جاسىندا ئاردېرن سۆزىدە زېلاندىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئۇنىڭ خىتاي بىلەن يارىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاي بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئارىسىدا «قىلمايدىغان، قىلالمايدىغان ۋە قوشۇلمايدىغان ئىشلار» نىڭ بارلىقى، لېكىن بۇ ئىختىلاپلار ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەلگىلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «خىتاينىڭ دۇنيادىكى رولى كۈچەيگەنسېرى ۋە ئۆزگەرگەنسېرى ئۇلارنىڭ مەنپەئەت ۋە قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن ئىككى سىستېما ئارىسىدىكى پەرقنى ياراشتۇرۇش تېخىمۇ قىيىنلاشماقتا» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.