خىتاينىڭ «غەربىي قىسىمنى يېڭىچە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارغا يېڭى خىرىسلار (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.06.08
urumchi-kocha-qoralliq-herbiy.JPG ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم كوچىسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق كۈچ. 2010-يىلى ئاۋغۇست.
RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭى پەللىگە ئېلىپ چىقىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور درۇ گلادنىې بۇنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك قاتتىق ۋاستىلارنى ئايىماي ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن مىللەت بويىچە ھۇجۇم نىشانى قىلىشىدا ئۇلارنىڭ مەنپەئەت ئېھتىياجى بۇنىڭدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالغان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رايون نېمە ئۈچۈن خىتايغا نىسبەتەن شۇنچە مۇھىم بولۇپ قالغان؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي بۇ رايوننى كونترول قىلىشقا شۇنچە قاتتىق ۋاستىلارنى ئايىماي ئىشقا سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نى قۇرۇپ چىقىدۇ؟ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىدا. بۇ رايون ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمىسىدىكى بىر تۆت كوچا نۇقتىسى. ھازىر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات پىلانى بولغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. شىنجاڭ بولسا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ دەرىجىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. خۇددى قەدىمكى يىپەك يولىغا ئوخشاش بۇ يېڭى ‹قۇرۇقلۇق يولى› دىمۇ بىر قاتار ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى بارلىققا كېلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ قولىدا بولۇشى بەكمۇ مۇھىم. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق شىنجاڭ رايونى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ۋە مىنېرال بايلىقى ئۈچۈنمۇ ھەل قىلغۇچ رايون، بۇ بولسا خىتاينىڭ ئومۇمى تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە باغلىنىشلىق زور مەسىلە. چۈنكى ھازىر ئاللىقاچان بىر قىسىم تۇرۇبا يوللىرى شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى ئوتتۇرا ئاىسيا ۋە ياۋروپا بىلەن باغلاپ بولدى. 2000-يىللىرىدىن بۇيان ئۇ جايغا بېرىپ باققانلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ خىل زور مۇئەسسەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. خىتايغا ئوخشاش غايەت زور نېفت ئىستېمال قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ تەرەققىياتنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇ جەزمەن دۆلەت ئىچىدىكى نېفت ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە چەتئەلدىن ئېنېېرگىيە ئىمپورت قىلىشنىڭ توسقۇنسىز راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.»

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشتەك ئەڭ ھالقىلىق ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بۇنداق بىر ئاجىزلىقنى تۈگىتىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولۇش دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشقان. بىر قىسىم خىتاي ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زور قۇرۇلۇشنى باشلىشىدىكى مەقسەدنى خىتاينىڭ ئالىمادىس شەرقى قىسمىدىكى دېڭىز يولىنى ئاساس قىلغان ئېنېرگىيە يولى غەرب دۇنياسى تەرىپىدىن كېسىپ تاشلانسا «بىر بەلۋاغ بىر يول» نىڭ قۇرۇقلۇق قىسمى ئارقىلىق داۋاملىق ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما پروفېسسور درۇ گلادنېينىڭ پىكرىچە، خىتاي غايەت زور مەبلەغ سالغان بۇ قۇرۇلۇش نۆۋەتتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىشى بىلەن تېزدىن خاراپلىشىشقا يۈز تۇتقان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكيان رايونلىرىمۇ شى جىنپىڭنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر، مەسىلەن، ئىتالىيە قاتارلىقلار خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي ئافرىقا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم نامرات دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ مەبلىغىنى قوش قوللاپ ئالقىشلاۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ مەبلەغ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھالنى مازاق قىلىپ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى ‹ۋىرۇس يولى› دەپ ئاتاشماقتا. چۈنكى ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس دەل مۇشۇ يولنى بويلاپ ئاشۇ جايلارغا يامرىدى. بولۇپمۇ ئىتالىيە بۇ جەھەتتە ياۋروپادىكى ۋىرۇس مەركىزى بولۇپ قالدى. شۇڭا بەزىلەر ئىتالىيەنى بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ قۇربانلىق بولۇپ كەتتى، دېيىشىۋاتىدۇ.»

نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى توم نارىنس بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانى يېڭىۋاشتىن كونترول قىلغۇچى كۈچ بولۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىنكاسى دەپ قارايدۇ. خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئۇرغۇتۇلىشى، زېمىن داۋاسىنىڭ داۋام قىلىشى ھەمدە يېڭى رەھبىرىي نوپۇز ئورنىتىش ئۇرۇنۇشى بۇنى بەكمۇ روشەن نامايان قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھازىرقى خىتاي دۆلىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىدە مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش بۇنداق مۇھىم قۇرۇلۇشلاردا ھەرقاچان زور دا’‍ئىرىدىكى تېرىتورىيەلەرنى بىر-بىرىگە باغلاش ئارقىلىق بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەدنىڭ خىتايدىكى ئەنئەنىۋى ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىش خاھىشىنىڭ مەركىزىي نۇقتا بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇنىڭدا خىتاينىڭ مۇشۇ قۇرۇلۇش دائىرىسىدىكى سىياسىي پائالىيەتلەردە قارار بېكىتكۈچى ئورۇندا تۇرۇشنى ئىستەۋاتقانلىقى، شۇ ئارقىلىق بۇ قۇرۇلۇشقا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرنى بىر تۇتاش قوماندانلىق شەكلىدە ئىدارە قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى بەكمۇ ئاشكارا شەكىلدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ. مەسىلەن قارايدىغان بولساق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئەتراپلىرىدىكى بۇ قۇرۇلۇشقا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر بىردەك خىتاينىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىكىگە نىسبەتەن ئەندىشىگە چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا خىتاينىڭ بىر ئەسىرلىك خورلۇق تارىخىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنى ‹دۆلەتنىڭ نومۇسىنى ئۇنتۇماسلىق› قا چاقىرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە قەد كۆتۈرۈشى بىلەن بۇ خىل مائارىپ تەربىيەسىدىن بىخلانغان ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى خىتاينىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا ۋە كۈچلۈك دۆلەت سۈپىتىدە تاشقى دۇنياغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيشتىش ھەرىكىتىنى كەڭ قوللاشقا ئىگە قىلىۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوشۇرۇن تۈس ئالغان جاھانگىرلىك تەبىئىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرنىڭ «قەرزدارلىق» قا باغلىنىپ قالغان دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تىل قىسىلچىلىقى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنى بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.

«خىتاي ھۆكۈمىتىگە خاس رەھبەرلىك ۋە تۈزۈم دەل ئۇلارنىڭ سىياسىي دۇنياقارىشىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ جاھانگىرلىك تۈسىنى ئالغان يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا قەدىمكى زاماندا مەۋجۇت بولغان ‹ئولپان تاپشۇرۇش› تۈزۈمى يېڭىچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. يەنى خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلغان ھەمدە ھەرقايسى جەھەتتە ئاجىز بولغان قوشنا دۆلەتلەر خىتايغا بېقىندى بولۇش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ سودا دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىسكەنچىسىگە چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بېقىندىلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالغان بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ دۇنياۋى سەھنىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغۇچىلار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئاقىۋەت خىتاينىڭ ‹يۇمشاق كۈچ› ئۈستۈنلۈكى قانداقتۇر ‹ياردەم› ۋە ‹دىپلوماتىك ھەمكارلىق› نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى يېتەكچى كۈچ، دەپ قاراشقا يول ئېچىۋاتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى يېڭىچە شەكىلدىكى جاھانگىرلىك ئەندىزىسى ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى بويىچە كۆپ خىل يۆنۈلۈشكە يامراۋاتىدۇ. خىتاي بولسا بۇ خىل مۇناسىۋەتنى سىياسىي جەھەتتىن باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش شەكلىدە چۈشىنىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ تېررىتورىيەنى ئىدارە قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيىتى بارغانسېرى ئاشكارىلىنىپ ئۇنىڭ جاھانگىرلىك تەبىئىتىنى دۇنيا تونۇپ يېتىۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇنۇشىنىڭ مەھسۇلى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەنە شۇ تەرىقىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا بولغان كونتروللۇقنىڭ كەلگۈسى قىممىتىنى قايسى دەرىجىدە باھالىشى ھەققىدە ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن باشقىچە قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆز چاڭگىلىدىن چىقارماسلىقنى كۆزلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار دىيارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ مۇھىم بىر ئەنگۈشتەرگە ئايلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان تارىخىي ۋە سىياسىي خىرىسلار ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى مەنزىلنىڭ تېخىمۇ جاپالىق ۋە ئۇزۇن بولىدىغانلىقىدىن بەكمۇ ئاشكارا بېشارەت بەرمەكتە ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۇرۇنۇشى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋە خوڭكوڭ رايونىدا بىر قاتار زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا بۇنچە قاتتىق قوللۇق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا رەھىمسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ھېچقانداق ئويلىنىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت،» دېيىشمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.