باقىركۆي دوختۇرخانىسىنىڭ ئاخبارات خادىمى: «يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.11.04
yusupjan-emet-dozturxanida.jpg رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ھازىر ئىستانبۇلدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يۈسۈپجان ئەمەت دوختۇرخانىدا. 2020-يىلى 2-نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Shöhret Hoshur

ئىستانبۇلدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مۇھاجىر يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى يۈزلىنىش ھەققىدە مۇخبىرىمىز بۈگۈن باقىركۆي دوختۇرخانىسىدىن مەلۇمات سورىدى. دوختۇرخانىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، شۇڭا ئوپېراتسىيە بولۈمدىن مۇلازىمەت بۆلۈمىگە يۆتكەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. بۈگۈن يەنە ۋەقەنىڭ بىردىن-بىر شاھىتى بولغان سۇلتانجان مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۈسۈپجاننىڭ ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى سۆزىنىڭ «ۋەقەنى نەق مەيداندىن فېيسبۇكقا تارقىتىش ۋە خىتاينىڭ سۈيقەستىنى پاش قىلىش» بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىز ئىستانبۇلدا قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە نۆۋەتتە باقىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان يۈسۈپجان ئەمەتنى 3-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، يەنى ۋەقە يۈز بېرىپ بىرقانچە سائەتتىن كېيىن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە زىيارەت قىلغان ئىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، يۈسۈپجان ئەمەتنى زىيارەت قىلىش ۋە يوقلاشنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلىگەن. شۇڭا بىز بۈگۈن ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى يۈزلىنىش ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن باقىركۆي دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم بۇ ھەقتە دوختۇرخانىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. دوختۇرخانىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئوقتىن زەخىملەنگەن بىر يارىدار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە مەلۇامات ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇشىمىز كېرەكلىكى ۋە شۇلار رۇخسەت قىلغاندىلا، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭغا يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭدىن ھېچ بولمىدى دېگەندە ئۇنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە 10 مىنۇتتىن كېيىن جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا مەزكۇر باياناتچى يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن نورمال داۋالاش بۆلۈمىگە چىققانلىقى، بۇنى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى ياخشىنىشقا قاراپ يۈزلىنىش دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. لېكىن ئۇ يۈسۈپجاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تولۇق ئەسلىگە كېلىش ياكى كېلەلمەسلىك مەسىلىسىگە ھازىرچە بىر نېمە دېيىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

3-نويابىردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ يۈسۈپجان ئەمەت باقىركۆيدىكى بىر دوستىنى زىيارەت قىلىپ بارغاندا يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بىز بۈگۈن يۈسۈپجاننىڭ ئەنە شۇ ۋەقەەگە شاھىت دوستى «سۇلتانجان» نى زىيارەت قىلدۇق. سۇلتانجان ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپجان ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغاندىن كېيىن يېنىدا پەيدا بولغان دوستى سۇلتانجانغا نەق مەيداننى ۋىدېيوغا ئېلىش ۋە ئۇنى فېيسبۇكتا تارقىتىشنى بۇيرۇغان. لېكىن ئەينى چاغدا تېلېفونى ئىشلىمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانلىق سورۇننى كۆرۈپ جىددىيلەشكەن سۇلتانجان نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىلمىگەن، پەقەتلا يۈسۈپجاننىڭ تېلېفونى ئارقىلىق نەق مەيداننى ۋىدېيولۇق خاتىرىگە ئالغان.

يۇقىرىدا ئىستانبۇلدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ۋەقەنىڭ بىر قىسىم نەق مەيدان تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.