ئىستانبۇلدا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.11.23
yusup-eset-yusup-kosen-doxturxana.jpg شەرقى تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن يۈسۈپ كۆسەن ئەپەندىم ۋە سەپداشلىرى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرماقتا. 2020-يىلى نويابىر، ئىستانبۇل
RFA/Azigh

ئىستانبۇلدا سۇيىقەسكە ئۇچرىغان يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئازراق ياخشىلىنىش بولغان بولۇپ، لېكىن ھاياتى خەۋپى تېخى تامامەن ئۆتۈپ كەتمىگەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئارقىلىق نەپەس ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان دوستلىرىدىن دوكتور نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى ۋە يۈسۈپجاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

بىز يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەسئۇل دوختۇرلاردىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن باكىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىغا كەلدۇق. جىددىي كۆزىتىش ئۆيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن يۈسۈپجاننى كۆرۈشىمىزگە رۇخسەت قىلىنمىدى. دوختۇرخانا خادىملىرى يۈسۈپجاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانا ئالدىدا كېچە-كۈندۈز نۆۋەتتە تۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن يۈسۈپ كۈسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى ۋە يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

يۈسۈپجاننىڭ ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي جەريانلار ھەققىدە تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئادۋوكات جەمال چېچەك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جازا قانۇنىدا سۇيىقەست جىنايىتى دېگەن جىنايەت تىپى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋۋال يۈسۈپجانغا قىلىنغان سۇيىقەستنىڭ قايسى جىنايەت تىپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. يۈسۈپجانغا قىلىنغان سۇيىقەستتە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتى شەكىللەنگەن دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇ يەردە دۆلەت رولى مۇھىم. تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت ئەيىبلىگۈچى ئادۋوكاتلىرى دېلونى كۆرۈپ چىقىدۇ. دۆلەت نامىدىن دېلونى ئىشلەشكە باشلايدۇ. يۈسۈپجاننىڭ دېلوسىدا دۆلەت دېلو تۇرغۇزدىمۇ-تۇرغۇزمىدىمۇ بىلمەيمەن. ۋەقەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغانلىقىغا قاراپ دېلو تۇرغۇزۇلغان بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ دەپ قارايمەن. يۈسۈپجان ئادۋوكاتى ئارقىلىق جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. دۆلەت رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇپ ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن سۇنمىسىمۇ بولىدۇ. يۈسۈپجاننىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا قىلغان سۆزىدە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. تەھدىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايان ۋە ماتېرىياللارنىمۇ مەھكىمىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك.»

يۈسۈپجان ئەمەت 2-نويابىر ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغانىدى. يۈسۈپجان ئەمەت خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئۆزىنىڭ بۇرۇن خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ بۇ سەۋەبلىك خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. يۈسۈپجان ئەمەت ئۇچرىغان قوراللىق ھۇجۇمدا قولى ۋە دولىسدىن ئوق يېگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر جىددىي داۋالانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.