ئالمۇتادا خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى ئايرىم كىتاب بولۇپ چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.08.20
Ziya-semedining-pyesilar-toplimi-kitab.jpg زىيا سەمەدى ئەپەندىنىڭ «پيەسىلار» توپلىمى كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى. 2019-يىلى ئاۋغۇست ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇن يىللار داۋامىدا قازاقىستاندا ئىجاد قىلىپ، «خەلق يازغۇچىسى» دېگەن ئاتاققا مۇيەسسەر بولغان مەشھۇر يازغۇچى زىيا سەمەدى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنى، رەھىمسىزلىكىنى، ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئاشكارىلايدىغان ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازلىرىنى، ئازادلىق، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئىدىيەلىرىنى تەرغىب قىلىدىكەن. ھازىر بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشىر قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە.

يېقىندا ئالمۇتادىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن زىيا سەمەدىنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى بىر توپلام بولۇپ يورۇققا چىقتى. زىيا سەمەدى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا بىر قاتار دراما ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئومۇمەن ئۇيغۇر دراماتورگىيەسىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشقانىدى. 1950-يىللىرى ئۇ «غېرىب-سەنەم» درامىسىنى يازغان بولسا، كېيىنرەك 1944-1949-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ھەققىدە «ئىلى دەرياسى بويىدا» ناملىق كىنو پوۋېستىنى يېزىپ چىقتى.

يازغۇچىنىڭ بۇ يىلى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن چىققان «درامىلار» ناملىق كىتابى 25 باسما تاۋاقتىن ئوشۇق ھەجىمگە ئىگە. توپلامغا يازغۇچىنىڭ «قانلىق داغ»، «زۇلۇمغا زاۋال»، «مۇھەببەت داستانى»، «لاشمان»، «مايىمخان» ۋە «ئىپارخان» ئەسەرلىرى كىرگەن بولۇپ، ئۇ زىيا سەمەدى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىغا بېغىشلانغان.

بىز مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان زىيا سەمەدىنىڭ قىزى بېلقىز خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

بېلقىز سەمەدى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى زىيا سەمەدى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەشر قىلىنغان ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى «ئىستەك ۋە قىسمەت» كىتابى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «‹ئىستەك ۋە قىسمەت›دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە يېزىلغان ئەسەر. لېكىن، بۇ ئەسەرنى ئاخىرىغىچە يېزىپ پۈتتۈرەلمىدى. بۇ ئەسەرىدە ئۆزى گۇۋاھچى بولغان ۋەقەلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارنى، كېلەچەككە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنى تەسۋىرلەيدۇ. ‹دەرتمەننىڭ زارى› ۋە ‹بىر تال پاپىروس› پوۋېستلىرىدىن ئىبارەت كىتابىدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىنى بايان قىلىدۇ.»

بېلقىز سەمەدىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ يورۇققا چىقىشى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق بولغان ئىكەن. ئۇ يازغۇچى ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق تۈردە تارىخىي ۋەقەلەرگە بېغىشلىنىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ۋەتەندە خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىپ، قۇتۇلۇپ چىققان بالىلار دادام بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۈرمە ئازابلىرى توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن. دادام شۇنىڭدىن كېيىن مانا مۇشۇ ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. 2011-يىلى بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا چىقىدۇ».

بېلقىز سەمەدىنىڭ دېيىشىچە، 2014-يىلى زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىقىغا دائىر «مايىمخان» رومانى قايتىدىن نەشىر قىلىنغان بولسا، «ئىپارخان» درامىسى ئەنقەرەدە تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىنغانىكەن. 2016-يىلى بېلقىز سەمەدىنىڭ ئاپتورلۇقىدا «مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ تىرىك گۇۋاھچىسى» كىتابى نەشىر قىلىنغان. دادىسىغا بېغىشلانغان بۇ كىتاب ئۈستىدە ئاپتور ئىككى يىل داۋامىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭدا زىيا سەمەدىنىڭ كۈندىلىك ھاياتتا يېزىلغان قىزىقارلىق خاتىرىلىرى، زامانداشلىرىنىڭ يازغۇچى ئىجادىيىتى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى، ئىنكاسلىرى، شېئىرلىرى ۋە باشقىلار ئورۇن ئالغان.

بېلقىز سەمەدى يازغۇچىنىڭ يەنە «مايىمخان»، «يىللار سىرى»، «ئەخمەت ئەپەندى» رومانلىرىنى يېزىپ، بۇلار ئىچىدىن «يىللار سىرى» نىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا تۆت كىتاب بولۇپ يورۇق كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە دەسلەپكى ئىككى كىتابىنىڭ رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىقىنى، ھازىر بولسا قالغان ئىككى قىسمىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېلقىز سەمەدى يازغۇچىنىڭ باشقىمۇ سەھنە ئەسەرلىرىنى ئايرىم كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىش ئۆيىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ شۇنداقلا زىيا سەمەدى ئەسەرلىرىدە يورۇتۇلغان خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ، رەھىمسىزلىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

تونۇلغان ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق مەھمۇدوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى سەھنىدىن كۆرۈش بىزگە نېسىپ قىلمىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى يېزىلغان. ئۇلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئۆتمۈشى، كېلەچەككە بولغان ئۈمىدلىرى نامايان قىلىنغان.»

ئابدۇخالىق مەھمۇدوفنىڭ پىكرىچە، زىيا سەمەدىنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىدا ۋەتەنگە ئازادلىق، مىللەتكە ئەركىنلىك تەشۋىق قىلىنغان ئىكەن. ئۇ سۆزىنىڭ داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «سەھنە ئەسەرلىرى كىتاب بولۇپ چىقىپتۇ. قىزىغا مىڭ رەھمەت. بۇنى ئاڭلىغانلار ئەمدى ئوقۇيدۇ. ئۇلارنى بىر كۈنلىرى يەنە قويۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ياخشى ئەسەرلەرنى مۇشۇنداق ساقلاش كېرەك. ۋاقىتلار كەلگەندە ۋەتەندىمۇ مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى چىقىرىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ، سەھنىدە قويۇلسا، دېمەك بۇ زىيا ئاكىنىڭ تارىختىكى ئىزى ھېچ قاچان ئۆچۈرمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، زىيا سەمەدى 1914-يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدىكى خونىخاي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1931-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي پائالىيىتى 1934-يىلى باشلانغان بولۇپ، 1937-يىلى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى ئۈچۈن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 1944-يىلى بوشىتىلغان. زىيا سەمەدى شۇ يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ھەر خىل يۇقىرى لاۋازىملارنى ئىگىلىگەن. 1950 ۋە 1958-يىللار ئارىلىقىدا ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت نازىرى بولغان. كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن سىياسىي تەقىبلەشلەر نەتىجىسىدە ئۇ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە ئۇزۇن يىللار داۋامىدا يازغۇچىلىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 2000-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە 86 يېشىدا ئەلەمدىن ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.