شىۋېتسىيەدە زۇلھايات ئۆتكۈرنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق كىتابىنى ئىمزالىق تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.11.01
شىۋېتسىيەدە زۇلھايات ئۆتكۈرنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق كىتابىنى ئىمزالىق تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىش ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ مېۋىسى بولغان «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
Photo: RFA

2003-يىلىدىن بۇيان شىۋېتسىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە فولكلورى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. يېقىندا ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىش ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ مېۋىسى بولغان «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق كىتابى تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان.

مەزكۇر كىتابتا شۋېتسىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرىسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ۋە بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان تەكشۈرۈش-تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، زۇلھايات ئۆتكۈرنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى كىتابىنىڭ ئىمزالىق تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

زۇلھايات ئۆتكۈرنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى كىتابىنىڭ ئىمزالىق تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
زۇلھايات ئۆتكۈرنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى كىتابىنىڭ ئىمزالىق تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.

مۇراسىمغا ستوكھولمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە شىۋىت تەتقىقاتچىلارمۇ قاتناشقان.

مۇراسىمغا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرغان ئۇ سۆزىدە زۇلھايات خانىمنىڭ ئىلگىرى «شىۋېتچە-ئۇيغۇر لوغەت» تۈزگەنلىكىنى، بۇ قېتىم نەشىردىن چىققان كىتابىنىڭ ئۇنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىلمي ئەمگىكى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

مۇراسىمدا قاتناشقان ئۇيغۇرشۇناش پاترېك خەلزون بىلەن پېنسىيونېر مارگارېتتا خانىم ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا بولغان تەبرىكى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىزھار قىلغان.

ستوكھولمدىكى جامائەت چوڭلىرىدىن فەرۇق ئەپەندى، زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى كىتابى ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ۋە يوقىرى باھا بەرگەن.

زۇلھاياتنىڭ دوستلىرىدىن شائىرە راھىلە كامال خانىم، زۇلھايات خانىمنىڭ بۇ كىتابقا سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىگە يۇقۇرى باھا بېرىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادە قىلغان.

ئىمزالىق كىتاپ تارقىتىش پاالىيىتىدىن تەسىرلەنگەن ۋە زور ئىلھام ئالغان ئالغان زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم، ئىنساننىڭ ھاياتىدا قىلغان خىزمەتلىرى ئىچىدە ئۆز خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىدىنمۇ ئىپتىخارلىق، ساۋابلىق خىزمەت نىڭ يوقلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى ھەقىقدە توختىلىپ ئۆتكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇلھايات خانىم «بۇ كىتابىنىڭ مۇستەملىكە ئىچىدە ئۆز تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەنكى 100 يىللىق تارىخىدا بوش قالغان سەھىپىلەرنى تەتقىق قىلىپ تولدۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلار بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى زامان مەدەنىيەت ئالاقە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولغۇسىدۇر،» دېدى.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم مەشھۇر يازغۇچى ۋە شائىر مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان نەۋرە قىزىدۇر.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بەختىنۇر خانىم، زۇلھاياتقا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە سۆزىنى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق شئىېرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن باشلاپ، پائالىيەت ئىشتراكچىلىرىنى يەنىمۇ تەسرلىك ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە دوستى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تەقدىم ئەتكەن بۇ چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەمگىكىنى پەقەت «سەيياھلار ئىزىدىن» مېڭىپ يىغقان جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىدەك ئەل سۈيگەن بۈيۈكلەرنىڭ قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلىرىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن تۆككەن تەرى، سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ شېرىن مېۋىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

يىللاردىن بۇيان ۋەتىنىدە ئالىملىرى، ھەر ساھەنىڭ سەرخىللىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق يەنە بىر چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەرنىڭ نەشردىن چىققانلىقى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئۇمىدلەر بېغىشلىغان. ئۇلار زۇلھايات خانىمنى تەبرىكلەپ دەستە-دەستە گۈللەر سوۋغا قىلىشقان. مۇراسىم ئاخىرىدا زۇلھايات خانىم پائالىيەت ئىشتراكچىلىرىغا ئۆز قولى بىلەن ئىمزالىق كىتابىنى تارقاتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.