زۇمرەت داۋۇت: «ب د ت يىغىنىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، دۇنيا بىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋېتىپتۇ!»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.09.25
zumret-dawut زۇمرەت داۋۇت نيو يوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا
RFA

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈشلۈك سۆھبەت (4)

24-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش ساھىبخانىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ناملىق يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەكنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سۆزگە چىققان لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە 2 ئاي لاگېرغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ جەريانىدا چەككەن ئازاب ۋە خورلۇقلىرى ھەمدە ئۇ يەردە كۆرگەن ئەھۋاللىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. 

يىغىندا بېرىلگەن 10 مىنۇتلۇق نۇتۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ زۇمرەت خانىم ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش لاگېرغا قامالغان بارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ بايانلىرىنىڭ يىغىن ئەھلىدە ھەمدە مەتبۇئاتلاردا زور دىققەت قوزغىغانلىقى مەلۇم.

زۇمرەت داۋۇت يەنە خەلقئارا جامائەتتىن ئۇيغۇرلارنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مەزكۇر يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغان زۇمرەت داۋۇت خانىم يىغىن ئاخىرلاشقاندا كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش يوللىرى ئۈستىدە تىرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

زۇمرەت داۋۇت يىغىن زالىدىن چىققاندا نۇرغۇن مۇخبىرلار ئۇنى قورشىۋالغان. ئۇلار ئاساسلىقى لاگېرنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇملارنى، ئۇنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىش جەريانى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان. 

بۇ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا خىتاينىڭ لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، بۇنىڭدىن بەش ئاي ئىلگىرى پاكىستان ئارقىلىق ئامېرىكاغا كەلگەن زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيىدىكى يىغىنلارغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ۋە شۇنداقلا تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىشى ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ھاياجان ئىلىكىدە مۇنداق دېدى: «بۇرۇن بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىپ باقمىغان ئىدىم. مەن بۇنداق چوڭ يىغىنلاردا سۆزلەپ باقمىغان بولغاچقا بەكمۇ جىددىيلىشىپ كەتتىم. مەن ئۇنچىلىك جىق دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ يىغىنغا كېلىپ قاتنىشىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. مەن ئۆزۈمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ ئاڭلىتالىدىم دەپ ئويلىدىم ۋە بەك ھاياجانلاندىم، بەك خوش بولدۇم. ئامېرىكاغا ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەقىقەتەنمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، بىز ئۈچۈن ياخشى ئىشلار قىلىۋېتىپتۇ. شۇڭا ناھايىتى خوش بولدۇم.»

ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ قاتتىق ئۈمىدلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن زۇمرەت خانىم ئىلگىرى ئۆزىنىڭ لاگېردا يېتىۋاتقان مەزگىللىرىدە دۇنيادا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى ھەمدە مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۆزى ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «چەتئەلدە ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن بىزنى قۇتقازمايدىغاندۇ؟ ئۇلار بىز ئۈچۈن ھېچنېمە قىلمىدى،» دەپ ئويلىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ ھازىر چەتئەلگە چىقىپ ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يەنە كېلىپ ئۆزىمۇ ھازىر ئامېرىكىدا پاناھلانغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ لاگېرلار ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە جاسارەتلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.