زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن سۆھبەت: «كۈرەشلىرىم ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىققۇچە داۋام قىلىدۇ!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە جۈمە تەييارلىدى
2024.07.04
zumretay-erkin-mukapat-1 د ئۇ ق خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم روزۋېلىت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» (Four Freedoms Awards) نىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 31-يانۋار.
X/Roosevelt Foundation

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى شوئارلىرىدىن بىرى «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئالاقىسىنى بوغۇپ تاشلاش» بولۇپ، شۇ ئارقىلىق  ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئىرادىسىنى ئاشكارا جاكارلاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى رەزىل مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار تاكى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۆز قولىغا ئالمىغۇچە بۇ خىلدىكى كۈرەشلەرنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دۇنياۋى ھىمايەگەرلىك ئىشلىرى دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن ئەنە شۇ خىل ياشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئەمىلى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆز مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتئاي بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.