تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ ئەپەندى مەزكۇر پارتىيەنىڭ باش شتابىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 16-سېنتەبىر، ئەنقەرە.

تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانماقتا

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىزچىل «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېڭىچە تۈس ئېلىشقا باشلىدى.