خىتاي «ئاق تاشلىق كىتاب» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىماقچى بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-يانۋار.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-يانۋار.
REUTERS

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قامىغانلىقى خەلقئارادا دىققەت قوزغاپ، بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىق» بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

18-مارت كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابقا «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ «شىنجاڭ ئەزەلدىن بېرى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ۋە رادىكاللىقنىڭ يىلتىزى»، «زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋە دىنى رادىكاللىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى»، «تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش» قاتارلىق 7 بابتىن تەركىب تاپقان.

خىتاي، «ئاق تاشلىق كىتابى» دا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋەلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا كۆچۈش ۋە مىللەتلەر ئارا ئارىلىشىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «بۆلگۈنچىلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق ۋە رادىكاللىقنىڭ يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن ئاساس بولغان. تېررورچىلار ۋە رادىكال گۇرۇپپىلار يىللاردىن بېرى بۆلگۈنچىلىك دۇمبىقىنى چېلىش ئارقىلىق تارىخنى بۇرمىلاپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى كۆپتۈرۈپ، پەرقلىق بولۇشنى ۋە ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلىپ دىنى رادىكاللىقنى تارقاتتى».

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە تۆۋەندىكىلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن: «2014-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ دائىرىلىرى 1588 زوراۋان ۋە تېررورلۇق گۇرۇپپىلارنىڭ تارمار قىلدى. 12 مىڭ 995 تېررورچىنى قولغا ئالدى. 2052 پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى قولغا چۈشۈردى. 30 مىڭ 645 ئادەمنى 4858 قېتىملىق قانۇنسىز دىنى پائالىيەت سەۋەبلىك جازالىدى ۋە 345 مىڭ 229 پارچە قانۇنسىز دىنى ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈردى. . . تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقلىرى ھەر دائىم قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى».

ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم يۇقىرىدا خىتاي تەمىنلىگەن ئىستاتىستىكىلىق رەقەملەر گەرچە خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن دېيىلىۋاتقان «بىر مىليوندىن ئوشۇق» ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردىن «كۆپ ئاز بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بارغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئاغزى بىلەن قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەپتۇ. يەنى بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قانۇنسىز دىنى پائالىيەت› دەپ ئاتايدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى باشقا ئەللەردە قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغان نورمال دىنى پائالىيەتتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا تەمىنلىگەن رەقەملەر گەرچە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ھەققىدە خەلقئارالىق دوكلاتلاردا ناھايىتى ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا دېيىلىۋاتقان بىر مىليوندىن ئوشۇق دېگەن رەقەمدىن نەچچە ھەسسە ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق تۈسىنى ئالمىغان ھەرىكەتلەرنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ زور كۆلەمدە تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە».

ساراھ كۇك خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قانۇنسىز دىنى پائالىيەت سەۋەبلىك جازالانغان 30 مىڭدىن ئوشۇق كىشىگە ئائىت سوت ھۆكۈملىرىنى، ئۇلارنىڭ جىنايى ئىسپاتلىرىغا ئائىت تولۇق ماتېرىياللارنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسونمۇ بۈگۈن تىۋىتتىردىكى ئىنكاسىدا «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتىگە ئائىت ئىسپات بار بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنى ئادىل يوسۇندا سوتلىشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا ئۇنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

ئاۋسترالىيە لاتروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس لېيبولد بولسا تىۋىتتىردىكى ئىنكاسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا تەمىنلىگەن يۇقىرىدىكى رەقەملەر ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدىكى تېررورىستلارنىڭ ۋە قولغا چۈشۈرۈلگەن قانۇنسىز دىنى ماتېرىياللارنىڭ سانىنى شۇنداق ئېنىق بىلىدىكەن، بىراق ئۇلار كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلىنىش مەركەزلىرىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانىنى بىلمەيدىكەن. بۇ قەتئىيلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەسقۇ» دەپ يازغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىنى «تەربىيە مەركىزى» دەپ ئاتاپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ «ئالدىنى ئېلىش» خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، 1990-يىلىدىن 2016-يىلى دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە 30 قېتىم ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا ۋە باشقا توپىلاڭلاردا 458 ئادەم ئۆلۈپ، 2540 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتنى توختىماي بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «خەلقئارادا خىتايغا قارىتىلغان تەنقىد ۋە بېسىم قاتتىق كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىماقچى. بىراق بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېدى.

ساراھ كۇك خانىم بولسا خىتاي دەۋاتقان تېررورلۇق ئاتالغۇسى بىلەن خەلقئارا قوبۇل قىلغان تېررورلۇق ئۇقۇمى ئارىسىدا كۆپ پەرق بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە: «بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولسا ئالدى بىلەن خىتاي ئاساسەن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر قانۇن ئالدىدا ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئەمەس. خىتايدا تېررورلۇق ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەت دېگەن ئاتالغۇلار ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. خىتايدا بىر دىنغا ئائىت ۋىدىيو كۆرۈشمۇ تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت خەلقئارادىكى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ ئىسپاتلانمىغۇچە بۇنداق ئاق تاشلىق كىتابلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق، دەپ قارايمەن» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت