خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا مەخسۇس تېررورلۇق دېلولىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان سوتچى ۋە تەپتىش يېتىشتۈرمەكچى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش شوئارى ئاستىدا ئەدلىيە ساھەسىدە يەنە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلماقچىكەن.

خىتايچە «قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ 21-ئاۋغۇست كۈنىدىكى سانىدا بۇ توغرىلىق خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس تېررورلۇق دېلولىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان سوت ۋە تەپتىش خادىملىرى سېپى ھاسىل قىلىنىدىكەن. بۇ سەپ چوڭ سانلىق ئامبار ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپپاراتلار ئارقىلىق دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. ئەمما خەۋەردە دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىنىڭ نېمىلىكىگە ئىزاھات بېرىلمىگەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىن ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزدە ئاساسى قاتلامدىكى دائىرىلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قانۇن ئورگانلىرىغا كۆپ تۇتۇش ۋە تېز بىر تەرەپ قىلىشنى بۇيرۇغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئالدىن تەييارلانغان سوت ھۆكۈملىرىگە ئاساسەن تۈرمە ياكى قاماققا يوللانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. يەنە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ھەقسىزلىققا چىدىمىغان بىر قىسىم ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئارقىسىغا داجىۋالغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

مەزكۇر خەۋەردە ئەدلىيە سېپىدىكىلەرنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش ئىزچىل تەكىتلەنگەن، ئەمما دېلولارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن. خەۋەردە بايان قىلىنغان مەزكۇر چاقىرىقتا ئەدلىيە سېپىدىكىلەرنى «بۆلگۈچىلىككە قارشى كۈرەش» نىڭ ئىنتىزامچانلىقىنى كۈچەيتىش ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت