ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (18)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.02.18
abdurehim-eysa-siyasiy-xarakterliq-ammiwiy-yighilish.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي خاراكتېرلىك ئاممىۋى يىغىلىشلاردىن بىر كۆرۈنۈش. 1960-1970-يىللار. (ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Qutlan

ئون يەتتىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيساغا «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» قالپىقىنىڭ كىيدۈرۈلۈشى

ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەج سەپىرىدىن قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدا پەيدا بولۇۋاتقان بىر مەيدان جۇدۇن-چاپقۇننىڭ شەپىسىنى ھېس قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇ 1957-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلغۇچە بولغان بىرقانچە ئاي جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق سىياسىي بوران-چاپقۇننىڭ تۇنجى ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى.

1957-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېچىلغان چىڭداۋ يىغىنىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭدا 8-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە» ئىچكى قارار قوبۇل قىلىدۇ. خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەيدىن مەخسۇس يوليورۇق ئالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋ ئۈرۈمچىدە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» قوزغاشنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر قانچە ئايغا سوزۇلغان زىيارەتتە بولۇۋاتاتتى.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك مىللىي كادىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 1957-يىلى 12-ئايدا باشلانغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» غا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىرقانچە ئايلىق ئىچكى تەييارلىقلاردىن كېيىن، يەنى 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىنى» ئېچىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەيلى ئۇيغۇر كادىرلار بولسۇن ياكى قازاق كادىرلار بولسۇن، ھەتتا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى بولسۇن، بۇ ھەرىكەتنىڭ بۇنچىلىك دەھشەتلىك رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدى.

سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن ئەسلىمىسىنىڭ 3-تومىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «12-ئاينىڭ 17-كۈنى فېنجۈنىڭ بىر كېڭەيتىلگەن مەجلىسى ئېچىلدى. بۇ مەجلىس ۋاڭ جېن ئېيتقاندەك ‹تەربىيە بېرىدىغان مەجلىس› بولماستىن، بەلكى ئىنتايىن سۈرلۈك، جىددىي ۋە ھەيۋەتلىك بىر مەجلىس بولدى. مەجلىستە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن سۆزلەيدىغان ئادەملەر ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئىكەن. ئۇلار ھە-دېسىلا ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشىدىغان ھېلىقى ئاتالمىش ئاكتىپ مىللىي كادىرلار ئىدى. مەجلىس باشلىنىپلا ‹51 چىلەر ئەكسىيەتچىل ھەرىكىتى› تىلغا ئېلىنىپ، ‹يەرلىك مىللەتچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش› ھەققىدە ھوگا-سۈرەن ۋە شوئارلار توۋلاندى. مەجلىسكە قاتناشقان كادىرلار، بولۇپمۇ مىللىي كادىرلار بۇ ئىشتىن ناھايىتى ھودۇقۇپ قالدى.»

بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىنىدىغان تۇنجى سۆزنى ۋاڭ ئېنماۋ ئەمەس، بەلكى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ سۆزلىشى ئالدىن بېكىتىلىدۇ. ھالبۇكى، يىغىندا ئالدىن-ئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاكتىپلار سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دوكلاتىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش» دېگەن ئىبارىنى «يەرلىك مىللەتچىلىك ئەكسىيەتچىل ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش» دەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ: «مەن 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى باشلانغان يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نامىدىن ئېچىلىش سۆزى سۆزلەيدىغان بولدۇم. دوكلاتىم ئالدىن تەييارلىنىپ، كېڭەيتىلگەن يىغىندىن بۇرۇن پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى. چاڭۋېيلار مۇزاكىرىسىدە بىرى مېنىڭ دوكلاتىمدىكى ‹يەرلىك مىللەتچىلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش› دېگەن سۆزنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر. ئۇنى ‹ئىدىيەگە ئەمەس، بەلكى يەرلىك مىللەتچىلىك ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش كېرەك› دەپ ئۆزگەرتىش لازىم، دېگەن پىكىرنى قويدى. مەن: ‹ئىدىيە ھەل بولمىسا، مەسىلە تۈپتىن ھەل بولمايدۇ، › دېدىم. كېڭەيتىلگەن يىغىن باشلىنىشى بىلەن مەجلىسنىڭ كەيپىياتىدا بىر خىل سۈرلۈك ۋە جىددىي ھالەتنى ھېس قىلدىم. مەن سۆزۈمنى سۆزلەپ بولۇشۇمغا بىر مىللىي كادىر ئورنىدىن تۇرۇپ: ‹يەرلىك مىللەتچىلىك ئىدىيەسىگە ئەمەس، بەلكى يەرلىك مىللەتچىلىك ئەكسىيەتچى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش كېرەك، › دېدى. مەن ھەيران قالدىم. مەجلىسنىڭ ئارقىسىدا قانداقتۇر بىر مەخپىي پائالىيەت بارلىقىنى سېزىپ قالدىم.»

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسى باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىش ئالدىن-ئالا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تەق قىلىپ قويۇلغاندەك، بىرىنچى پاي ئوق ئالدى بىلەن زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى ۋە ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈچ كىشىگە ئېتىلىدۇ. ئۇلارغا «ئوڭچى»، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «تەتۈر ئىنقىلابچى»، «ئۇيغۇرىستانچى»، «خەنزۇلارغا قارشى» دېگەندەك بىر قاتار قالپاقلار بىلەن قاتتىق ھۇجۇم باشلىنىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە شۇ قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىندىكى جەريانلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ھەرىكەتكە ماۋ زېدوڭ بېيجىڭدا تۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ شىئەندە تۇرۇپ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى. ھەرىكەتنىڭ شىنجاڭدىكى قوماندانى ۋاڭ ئېنماۋ ئۆزىنى پەردىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇپ، سەيپىدىن ئەزىزىنى سەھنىگە چىقىرىپ قويدى. ئۇ ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش› ھەرىكىتىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا خىتايلار تەييارلاپ بەرگەن ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى› دېگەن دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇرىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرگە قارشى بىرىنچى ئوقنى ئېتىپ بەردى. كېيىن يىغىندىكى كادىرلار سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دوكلاتىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى. ئاخىرىدا پاش قىلىش ۋە ‹يەرلىك مىلەتچىلىك ئىدىيەسى بار› دەپ قارالغان كادىرلار ئۈستىدىن كۈرەش قىلىش باشلاندى. ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتناشقان گۇرۇپپىدا شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ھېۋزۇللايوفمۇ بار ئىدى. ئۇ ئەسەبىيلەرچە چالۋاقاپ، ھە-دېسىلا ‹ئابدۇرەھىم ئەيسادا مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئېغىر› دەپ جار سېلىپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئېيتىلغان راست-يالغان پىكىرلەرگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ، ئۇنى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ، ئابدۇرەھىم ئەيساغا زادىلا ئارام بەرمىدى.»

1957-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى جىددىي كەيپىيات باشلانغان كېڭەيتىلگەن يىغىن يېرىم ئايدەك داۋاملىشىپ، 1958-يىلىنىڭ يانۋار ئېيىغا بارغاندا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. دەسلەپ زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى ۋە ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق 3 كىشىگە ھۇجۇم قىلىشتىن باشلانغان بۇ يىغىن جەريانىدا يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ئابدۇرەھىم سەئىدى، سودا نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز قارى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئابدۇرەھىم پەتەك، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قۇربانوف، ج. خ. نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئەلىيېف قاتارلىق كىشىلەرمۇ «يەرلىك مىللەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى سەيپۇللايوف، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئەسئەت ئىشاقوف قاتارلىق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلارغىمۇ ھۇجۇم باشلىنىدۇ.

سەيپىدىن ئەزىزىمۇ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش يىغىنى بارغانسېرى كۈچىيىپ، بىرىنچى ئوت ئىبراھىم تۇردى بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيساغا قارىتىلدى. ئۇلاردا يەرلىك مىللەتچىلىك خاتا ئىدىيەسى ئېغىر ئىدى. ئۇلارنى يادرو قىلىش ئۈچۈن ‹تەتۈر ئىنقىلابچى› دېگەن نام بىلەن كۈرەش ئېلىپ بېرىلدى. ئابدۇرەھىم ئەيسا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ئۇندىن كېيىنكى ئوت ئىمىنوف، سەيپۇللايوف ۋە ئەسئەت ئىسھاقوفلارغا قارىتىلدى.»

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.