جەننەت ماكان

سەيياھ
2013.09.28


ئانا يۇرتۇم باغرىدا تارىخىمىز ئىزناسى بار،
ياۋغا قارشى شان قۇچۇپ ئۆتكەن دەۋر ھەقداسى بار.
نەچچە كارۋان، نەچچە دەۋران ئۆتتى ئۇندىن توختىماي،
نەچچە قىسمەت، نەچچە ئۆتمۈش ھەسرىتى، نىداسى بار.

قوينى كەڭرى، مىھرى ئوتلۇق، خۇددى بىر جەننەت ماكان،
مەردۇ- مەرداننى يېتىشتۈرگەن شەھەر-سەھراسى بار.
نەچچە ئەۋلاد كۈچ ئېلىپ ئۆسكەچ ئەزىز تۇپراقىدىن،
ھەر ۋەتەن پەرزەنتىدە يۇرت سۆيگۈسى، سەۋداسى بار.

تۇپرىقى ھەر زەررىسى شېھىد قېنىغا ئاشىيان،
باشلىغان ئەلنى ھىدايەتكە ساتۇق بۇغراسى بار.
مۆھتىرەم ئەجداد سانالغان ھەزرىتى نەۋائىي ھەم،
خاس يۈسۈپ، مەھمۇد كەبى شۆھرەتكە باي داناسى بار.

نى باھادىر ئۆتتى بۇندا ئەل ئۈچۈن قانلار كېچىپ،
تىترىتىپ ياۋ قەلبىنى ئۆلگەن ئوبۇلئەلاسى بار.
چىن ئەقىدە، ئېتىقاد يولىدا جان قىلغان پىدا،
نازۇگۇمدەك ئەل قىزى، ئەل پەخرى ھەم بەرناسى بار.

ھەسرىتىدە ئۆرتىنىپ موللا بىلال ياد ئەيلىگەن،
قەھرىمان سادىرغا ھەم بولغان ماكان غۇلجاسى بار.
قەددى تىك خانتەڭرى مەغرۇر تۇرىدۇ ھەيۋەت بىلەن،
ئۇندا كۆز قاماشتۇرۇپ تۇرغان گۈزەل بۇغداسى بار.

ئەل- ۋەتەن بەختى ئۈچۈن ئاققان قىزىل قان شاھىدى،
تولغىنىپ ھەسرەت ئاقار تارىم كەبى دەرياسى بار.
بۇ بۈيۈك تۇپراقنى ياۋدىن تازلىماق پەرزى ئىرۇر،
ھۆرلىكىگە بەل باغلىغان ئاشىقى -شەيداسى بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.