«كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس پروگرامما

پاسپورت ۋە قېچىش يولىدىكى قىسمەتلەر (ئازاتجان بۇغرا بىلەن سۆھبەت - 1) -- ھەر بىر شەخسنىڭ ھاياتى بىر ھېكايە. مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپلۇققا تەۋە مىڭلىغان شەخسلەرنىڭ ھايات ھېكايىلىرى جەملەنگەندە شۇ توپلۇقنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋردىكى رېئال ھاياتى يورۇتۇلىدۇ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012-11-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
RFA Photo



ئارىمىزدىكى بىزگە تونۇش ۋە تونۇش بولمىغان شەخسلەرنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئاجايىپ كەچمىشلىرى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سەرگۈزەشتلىرى شۇنىڭدەك باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان ھايات ھېكايىلىرى تېخىچە دۇنيانىڭ دىققىتىدىن يىراقتا تۇرماقتا. ئەنە ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ئاچچىق كەچمىشلىرى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ئىجتىمائىي يۈزىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدا بىر ھېكايە بار. بۇ ھېكايىلەر رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن بەدىئىي توقۇلمىلارغا ئوخشىمايدۇ. قەدىمكى رىۋايەت قىسسىلەردە سۆزلەنگەن ئاجايىپ - غارايىپ ھېكايەتلەرگىمۇ تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان، مىللىي مەۋجۇتلۇقى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان، ئەمما ئاخىرقى ئۈمىدىنى يوقاتماي چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ رېئال رېئال ھېكايىسىدۇر. بۇ ھېكايىلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تونۇش ئەمما باشقىلار ئۈچۈن ناتونۇش. ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ ھېكايىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى، ھايات تەجرىبىلىرى ۋە يۈرەك سوقۇشلىرى بىلەن ھېس قىلىدۇ، چۈشىنىدۇ...

ئازاتجان بۇغرانىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ئەنە ئاشۇ مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدا دۇچ كەلگەن ئاچچىق كەچمىشلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەنە باشقىلارغا رىۋايەت تۇيۇلىدىغان ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رېئاللىق ھېسابلىنىدىغان ھېكايىلەردۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت