مەھبۇسلۇق تىياتىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.12.26
turme-uyghur-siyasiy-mehbus.jpg تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار.
Social Media

1-پەردە: مەجبۇرى ئىقرار

2014-يىلنىڭ ئىيۇن ئايلىرى بولسا كېرەك. تەڭرىتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئايگۈل بىلەن ئابدۇرازاق كەلدى. «جىنايىتىم» بېكىتىلىپتۇ. «جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز ئىگىلەش» جىنايىتىم بار ئىكەن. ھەيران قالدىم، تۇتقاندا «مەبلەغ چىقىرىشتا ساختىلىق قىلىش» دېگەن، قولغا ئالغاندا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدى، ئەمدى مەن خەقنىڭ ئامانەت پۇلىنى توپلاپ بانكا ئاچقان بوپتىمەن-دە! ئىككى سائەتتەك تالاش-تارتىش قىلدىم، ئابدۇرازاقنىڭ چەككەن تاماكىسى نەپسىمنى قىسىپ، كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرەتتى.

-بۇ ماڭا تۆھمەت، قانچىلىك كەسسە كەسسۇن، مەن بۇنىڭغا ئىقرار بولمايمەن - دېگەن گەپتە چىڭ تۇردۇم. ئابدۇرازاق ئىقرار قىلساملا قۇتۇلىدىغانلىقىم ھەققىدە توختىماي ۋەز ئېيتتى. مەن «ئىقرار قىلساڭ كەڭچىلىك» دېگەن گەپكە ئىشەنمەيتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەقنىڭ پۇلىنى ئىگىلىۋالدى دېگەنلىك ماڭا ئاھانەت ئىدى. ئابدۇرازاق ئاخىرى: - قارا، ساڭا ياخشىلىق قىلغاننى بىل، بۇ دېگەن جۇڭگو، ئاكاڭ تەكلىپ قىلغان ئادۋوكات بىر ئارتىس، بىز دېگۈزگەندىن باشقىنى دېمەيدۇ. ئۇ سېنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ ئاقلىيالمايدۇ. ساڭا پەقەت بىزلا ياردەم قىلالايمىز. بىز سېنى جىنايىتىنى تۆنىدى، ئىپادىسى ياخشى دېسەك، سوت بىزنىڭ دېگىنىمىز بويىچە يېنىكلىتىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەگەر سەن جاھىللىق قىلساڭ، دۆلەتنىڭ قوش تىل سىياسىتىگە قارشى چىققان سىياسىي جىنايەتچى قىلىپ قايتىدىن دېلو تۇرغۇزىمىز، ئۇ چاغدا تۈرمىدە سېسىپ كېتىسەن! ئاكاڭمۇ سېنى دەپ نەچچە ئاي بولدى دەرۋازىمىزدىن كېتەلمىگىلى!

ئاكامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلەشتى. «بەلكىم ئاكام شۇنداق قىلىشىمنى ئېيتقاندۇ، بەلكىم ئىقرار قىلمىسام بولمايدىغان بىر يېرى باردۇر» دەپ ئويلاپ، «جىنايىتىم» گە ئىقرار بولۇپ قول قويۇپ بەردىم. قارىسام مەمەتسىدىق بىلەن دىليارمۇ «ئىقرارنامە» گە قول قويۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ سەل كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى. چۈنكى ئىقرارغا قول قويۇشتىن بۇرۇن بۇ ئىككەيلەنگە يۈز كېلەلمىگەندەك تۇيغۇلاردا بولغان ئىدىم.

2-پەردە: ساختا سوت

سوت ئېچىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ خوش بولدۇم. تەپتىشلەرنىڭ ۋەدىسى بويىچە بولسا ياتقان ۋاقتىمغا توغرىلاپ كېسىم ئېلان قىلىنىپ بىر قانچە كۈن ئىچىدە قۇتۇلاتتىم. سوت زالىغا شىللىمىزدىن قورۇپ تۇتۇپ ئېڭىشتۈرۈپ ئېلىپ كىرگەندە قارىسام سوتخانا قۇپقۇرۇق، پەقەت ئۈچ ئادۋوكات، ئۈچ ئەيىبلىگۈچى، بىر كاتىپ ۋە ساقچىلار تۇراتتى.

ھەممەيلەن بىللە بىر قېتىم، ئايرىم-ئايرىم بولۇپ يەنە بىر قېتىم سوتقا ئېلىپ چىقىلدۇق. ئۈچىنچى قېتىم ئۈچەيلەن سوتچىنىڭ ئالدىغا تىزىلدۇق. ئادۋوكاتلار پەقەت بىزنىڭ جىنايىتىمىزنى تونۇش پوزىتسىيەمىزنى ماختاپ «ئاقلىغان» بولدى. دىليارنىڭ ئادۋوكاتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نۇقتىسىدىن چىقىپ بىر گەپلەرنى قىلىۋېدى، چىرايدىن ياۋاش، ئاق كۆڭۈللۈكى چىقىپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ قالغان ئۇ ئادەمگە ئىچىم ئاغرىدى.

بىز ئۈچ مەھبۇس تەپتىشلەر ئوقۇغان، توغرىسى ئۇلار توقۇپ چىققان «جىنايى قىلىمىش» لارغا «بەرھەق» دەپ ئىقرار قىلدۇق. بىز سوتتا دېيىش تەلەپ قىلىنغان ھەممە گەپلەرنى دەپ، ئۇمۇ ئاز كەلگەندەك سوتتىكى «ئىقرار» لارغا ئىمزا قويۇش تەلەپ قىلىنغاندا سورىساق، بۇ سوت ئەمەس ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئىكەن.

ساختا سوتتا بىز ھەققىدە قالدۇرۇلغان «ئىسپات» لارغا بىر بىرلەپ قول قويۇپ زېرىكىپ قولۇمنىڭ ئۇچىدا ھېلى چەمبەر، ئېلىپىسلارنى سىزىشقا باشلىدىم. قانۇن ساقچىسى يېنىمىزغا كېلىپ «قانداق ئىمزا بۇ» دەپ سورىۋېدى، دېليار: - مەشھۇلارنىڭ ئىمزاسى بولمامدۇ! - دەپ چاقچاق قىلدى. بۇ چاقچاقنى ئۈچىمىزدىن باشقا ھېچ كىم چۈشەنمىدى. بىر يىلدىن بېرى دوستلىرىمنىڭ ئاۋازىنى سېغىنىپ قالغان ئىكەنمەن، تۇنجى قېتىم ئۈچ مەھبۇس بۇرادەر بىر بىرىمىزگە قاراپ قاھقاھلاپ كۈلۈشتۇق.

3-پەردە: «كىم جىنايەتچى!»

ئالدىنقى قېتىم سوتقا ئېلىپ چىققاندا ئاكامنى كۆرۈشتىن باشقا ھېچ بىر ئارزۇيۇم يوق ئىدى. چۈنكى سوتقا ئاكامدىن باشقا ھېچ كىشىنىڭ كەلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. كېيىنكى نۆۋەت سوت ھەققىدە قايتا ئۇقتۇرۇش كەلگەندە بۇ ئويۇننىڭ بۇرۇنراق تۈگىشىدىن باشقا ئارزۇدا بولمىدىم. ئاكامنى كۆرۈشنىمۇ خالىمىدىم، مېنى پۇت-قوللىرىم باغلانغان، چاچ-ساقاللىرىم چاڭگىدەك ئۆسۈك ھالدا كۆرۈپ يۈرىكى ئېزىلمىسۇن دەيتتىم. ماڭا ئائىلەم ۋە قېرىنداشلىرىمدىن خەۋەر بېرىشتىن باشقا ئىشقا رولى بولمىغان ئادۋوكاتىم بۇ قېتىم ئانامنىڭمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كارىدوردا ئاكامنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى چىڭ تۈتىۋالدىم ۋە ئىشكەللەنگەن قوللۇرىمنى يۈرىكىمگە قويۇپ سالام قىلدىم. ئاكام مەن ئامراق ئىككى رەڭدە - ئاق ئىشتان، كۆك كۆڭلەك كىيىپ سوتقا كەپتۇ. ئايرىم ئايرىم سوتخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمىزدە ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلار، ياغلىقلىق مومايلار، سولاشقان گۈلدەك سولغۇن چوكانلارنىڭ قۇچاقلىرىدىكى بالىلارغا قاراپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى. ئۇلار دادام، ئانام، ئايالىم ۋە قىزلىرىمدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.