غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (2): 1930-يىللاردىكى قەشقەر ۋە پاختا جەمەتىنىڭ قىسمەتلىرى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«پاختا» دېگەن لەقەم بىلەن پۈتۈن قەشقەر دىيارىغا تونۇلغان بىر جەمەت كىشىلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا مەلۇم ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرگە ئىگە ئىدى.

بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى نيويوركتىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆز نەسەبىنىڭ نېمە ئۈچۈن «پاختا» دېگەن جەمەت لەقىمى بىلەن ئاتالغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «دادام ئەخمەتئاخۇن پاختا، ئۇنىڭ دادىسى مۆمىن چوڭ پاختا ۋە ئۇنىڭمۇ ئالدىدىكى ئەجدادلىرىمىز قەشقەردە پاختا يىغىپ، رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەرگە پاختا سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر ئىكەن. چوڭ دادام مۆمىنئاخۇن چوڭ ۋە دادام ئەخمەتئاخۇننىڭ زامانىغا كەلگەندە دادام رۇسىيەدىن پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى ئېلىپ كىرىپ، توققۇزاق ھىلاكودىكى قىزىل دەرياسىنىڭ بويىدا پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرغان ئىكەن. بۇ زاۋۇتتا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشلىگەن ئىكەن. شۇڭا قەشقەر خەلقى جەمەتىمىزدىن تارتىپ بىزنى ‹پاختا› دېگەن كەسپىي لەقەم بىلەن ئاتاپ كۆنگەن ئىكەن.»

غۇلامىدىن ئەپەندى بۇنىڭدىن 80 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بالىلىقىنى ئەسلىگىنىدە قەشقەردىكى خىتاي دوتىيىنىڭ دادىسى ئەخمەت پاختانىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنى ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى 14 يىللىق ھىجراندىن كېيىن، يەنى 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا دادىسى ئەخمەت پاختا بىلەن ئىستانبۇلدا جەم بولغىنىدا، دادىسىنىڭ ئەينى يىللىرى ئۆزىنىڭ ئاقسۇدا ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە مەدەنىيەت ئاقارتىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، دادىسى ئەخمەت پاختا شۇ يىللىرى ئاقسۇدا ۋىلايەتلىك مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىپ، ئاقسۇدىكى بايلارنى تەشكىللەپ، خىتايلارنىڭ چاڭچىلە قويىدىغان تاشلاندۇق جايىغا «خەلق كۇلۇبى» دېگەن تۇنجى مەدەنىيەت كۇلۇبىنى سالىدۇ. شۇ يىللىرى ئۇ يەنە قەشقەردىكى داڭلىق خەلق سەنئەتكارلىرىدىن قاسىم ئەلنەغمە، تۇردىئاخۇن تەمبۈرى قاتارلىقلارنى ئاقسۇغا دەۋەت قىلىپ مەزكۇر كۇلۇبتا مۇقام كونسېرتى قويىدۇ. بۇ 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئاقسۇ دىيارى ئۈچۈن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭىلىقلار ئىدى.

ھالبۇكى، ئەخمەت پاختانىڭ ئاقسۇدىكى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئاقارتىش پائالىيەتلىرى ئاقسۇ دوتىيىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويىدۇ. يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئېڭى بىلەن ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئويغانسا خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولىدۇ، دەپ قارىغان ئاقسۇ دوتىيى ئەخمەت پاختانى قەشقەرگە يولغا سېلىپ، ئۇ يەردە كۆزدىن يوقاتماقچى بولىدۇ.

دېگەندەك ئەخمەت پاختا قەشقەرگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەر دوتىيى تەرىپىدىن زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. زىياپەت ئاخىرلىشىپ، ئۆيىگە قايتىشقا تەرەددۇت قىلغان ئەخمەت پاختا قەشقەر دوتەي يامولىدا قولغا ئېلىنىدۇ. پۇت-قوللىرىغا ئىشكەل سېلىنىپ، بېشىغا تاغار كىيدۈرۈلگەن ئەخمەت پاختا شۇ كۈنى كېچىسى بىر قوراللىق ئەسكەرنىڭ كۆزەتچىلىكىدە مەپىگە سېلىنىپ، يەكەنگە ئەۋەتىلىدۇ. ئاقسۇ ۋە قەشقەر دوتەيلىرى مەھبۇسلۇق قىسمىتىگە تۇتۇلغان ئەخمەت پاختانى يەكەندىكى ھەربىي گازارمىدا مەخپىي ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى پىلانلايدۇ.

ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە يەكەن دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلگەن ئەخمەت پاختا تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋېلىش باھانىسىدە ھارۋىكەش ئارقىلىق قەشقەردىكى ئائىلىسىگە ئۆزىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت