موللا سادىق ئەلەم كاشغەرى ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزنىڭ ئىخلاسمەن تىڭشىغۇچىلىرى! بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. قەدىرلىك دوستلار! بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئالدى بىلەن 18 - ۋە 19 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن كاتتا ئالىم ۋە ئۆلىمالىرىمىزدىن بىرى، ئۆزىنىڭ 100 نەچچە يىللىق ھاياتىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلار قالدۇرغان، داڭلىق ئالىم، تەقۋادار ئۆلىما، تەزكىرە تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا ئۆز ۋەسىيەتنامىسى ئارقىلىق سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدىغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن پەزىلەتلىك كىشى موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئاندىن پىدائىي تەييارلىغان: «بىزمۇ ئۇيغۇرمۇ؟» ناملىق ئاۋازلىق ئەسەردىن بەھر ئالىسىلەر.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.06.02


ئاخىرىدا «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە ئاڭلىتىش بېرىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.

موللا سادىق ئەلەم كاشغەرى

باتۇر تەييارلىدى

قەشقەرلىك ئاتاقلىق ئۆلىما موللا سادىق ئەلەم كاشىغەرى تەخمىنەن 1725 - يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ مەھەللىسىدىكى موللا شاھ ئەلەم ئاخۇنۇم ئاتلىق مەشھۇر ئۆلىمانىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپكى مەلۇماتنى دادىسى شاھ ئەلەم ئاخۇنۇمدىن ۋە مەھەللىسىدىكى مەدرىسىلەردە ئالغان، كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن دادىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسىدىكى مەشھۇر بىلىم مەركەزلىرىدىن بولغان مەدرىسەئى ھامىدىيەدە ئوقۇغان. بۇ يەردە ئەرەب، پارس، تىللىرى، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە، شەرىئەت ئىلمى، تەپسىر، ھەدىس قاتارلىقلاردىن بىر قەدەر سىستېمىلىق بىلىم ئىلىپ، ئۆز زامانىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم ئەھلى، موللا، ئۆلىما بولۇپ يېتىشىپ، ئىلمىي كامالەت ۋە قەلىمىي ئىقتىدارنى قولغا كەلتۈرگەن.

موللا سادىق ئەلەم ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىمىنى پىششىق بىلىشى ۋە يۇقىرى سەۋىيىسى، تەپسىر ئىلمىدىكى ماھىرلىقى، شەرىئەت قانۇنلىرىغا كامىل بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە مۇدەررىس، چاپان بازىرىدىكى جامە قەدىمىيگە خاتىپ بولغان بولۇپ، ئۇستازلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىقتىدارلىق مىڭلىغان تالىبۇل ئىلىملەرنى يېتىشتۈرگەن، ئۆز زامانىدىكى تەڭداشسىز مۆتىۋەر ئۆلىما سۈپىتىدە پۈتكۈل يەتتە شەھەر دائىرىسىدە مۆھۈردار قازى ئەلەم بولغان.

موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم ئىلىم جەھەتتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىلمى مۇھاكىمە ۋە كىتاب تەسنىپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخ، ئەدەبىيات ۋە ئەخلاق ئىلمى قاتارلىق ساھەلىرىگە زور تۆھپە قوشقان ئالىملارنىڭ بىرى.

ئەينى دەۋردىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى مىرزا ئوسمان بەگ ۋە ئۇنىڭ ئانىسى رەھىمىخان ئاغىچا موللا سادىق ئەلەمنىڭ ئىلمىي مەلۇماتى، قەلەم قۇۋۋىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغان ۋە ئالىمغا قەشقەر دىيارىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تەزكىرىلىرىنى يېزىپ چىقىشىنى تەكلىپ - تەۋسىيە قىلغان. موللا سادىق ئەلەم ھاكىم ۋە ئاغىچىلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسەن «تەزكىرەئى ئەزىزان» (يەنى ئۇلۇغلار تەزكىرىسى) ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى يېزىپ چىققان. مەختۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ۋە خەلقنىڭ ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ كىتابنىڭ ھازىر ئۈچ خىل قوليازمىسى بار.

موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم تەقۋادار ئىسلام ئالىمى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئىسلامى ئىلمى ۋە ئەقىل قۇۋۋىتى ئارقىلىق قۇرئان كىرىمى ھېكمەتلىرى، ھەدىس شەرىف، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ - ئەھكام قىلىش مەقسىتىدە ئىسلامنىڭ ئاساسىي رۇكنىلىرى ۋە مىزانلىرىنى مەزمۇن قىلغان ھالدا 1792 - 1793 - يىللىرى ئەتراپىدا «ئاساسۇل ئىسلام» (ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى) دېگەن كىتابنى ۋە يەنە «كەشفۇل قۇلۇب» (دىلنى ئاچقۇچى) ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم ئۈچ يىل رىيازەت چېكىپ، 1795 - يىللىرى ئەتراپىدا ئەينى دەۋردىكى قەشقەر ھاكىمى يۇنۇس تاجىبەگ ئىبنى ئىسكەندەر بەگنىڭ ھاۋالىسى ھەمدە قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا دۇنيا تارىخى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولغان «تارىخى تەبەرى» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى «تەرجىمەئى تارىخى تەبەرى» نامىدا تەرجىمە قىلىپ چىققان.

ئۇ يەنە ئىسكەندەر بەگنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگاننىڭ مەشھۇر تارىخى ئەسىرى «تارىخى رەشىدى» ناملىق كىتابنى پارس تىلىدىن ئەينى دەۋردىكى قەشقەر تىلى يەنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ تاماملىغان.

موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم يەنە «مەسىلىلەرنىڭ جەۋھىرى ۋە ئەقىدىلىرى»، «ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقى»، «ئىنساننىڭ قىياپەت تۇرقى»، «كەسىپدارلار رىسالىسى»، «غار كىشىلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغاندىن سىرت، قۇرئان كەرىمىنىڭ چوڭ ھەجىملىك تەرجىمە تەپسىرىنى يېزىپ چىققان ۋە «مۇكاشىفۇل لۇغەت» (يەنى سۆزلەرنى يېشىش) ناملىق سېلىشتۇرما لۇغەتنى تۈزگەن.

تونۇلغان ئىسلام ئالىمى، مەشھۇر ئەدىب موللا سادىق ئەلەم ئەقلى ۋە ماھارىتىنىڭ كامالىتىدە تۇرغان مەزگىلدە يەنى 1849 - يىللىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر توپىلاڭدا ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى، دىن ۋە مىللەت ئاسىيلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان. ئۇنىڭ جەسىتىنى شاگىرت - ئىخلاسمەنلىرى، قەشقەر خەلقى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆز ۋەسىيىتىگە ئاساسەن سەئىد جالالىدىن باغدادى قەبرىستانىغا دەپنە قىلىنغان.

1982 - 1983 - يىللىرىدىن باشلانغان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ شاھ ئەسىرى «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ۋە ئۇنىڭ قەبرىگاھىنى ئىزدەش ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتى جەريانىدا ئەل ئىچىدىكى كىتاب ساقلىغۇچىلار ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ئىزدەپ تاپقان ئاپتورنىڭ «مەسنەۋى شەرىف پارسى» دېگەن ئەسىرىدىكى «ۋەخپەنامە» كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە ئالىم موللا سادىق ئەلەمنىڭ ئالىم - ئۆلىمالىق سالاپىتىنى قايتا نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئەل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى.

ئالىم موللا سادىق ئەلەمنىڭ بۇ ۋەخپەنامىسى مۇنداق يېزىلغانىدى:

«ھىجرىيە 1252 - يىلى (مىلادى 1834 - يىللىرى) ئۇلۇغ رەجەب ئېيىنىڭ 14 - كۈنى شەرىئەت قانۇنى ئاساسىدا قۇرۇلغان قەشقەر قازى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى مەنكى موللا سادىق ئەلەم شاھ ئەلا ئاخۇن ئوغلى شۇل ھەقتە ھۆججەت قىلىپ مۆھۈرۈمنى باستىمكى، مەن 114 ياشقا كىرگەن تەن دۇرۇسلۇق ھالىتىم، ئىلىمگە بولغان ھېسسىياتىم، ئىشتىياقىم ۋە ئەدەپلىك كەيپىياتىم بىلەن مەرىپەتنىڭ مەنبەسى بولغان، ئىلىم - مەرىپەتنى مەزمۇن قىلغان، ئالتە دەپتەرنى بىر مۇقاۋىغا تۈپلەپ ئىجتىھات قەلىمى بىلەن ۋاراقلىرىغا زىننەت بېرىپ يېزىلغان، قىممەت باھالىق ئالتۇنغا سېتىپ ئالغان مۈلكۈم بولغان «مەسنەۋى شەرىف» ناملىق كىتابىمنى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا سۈزۈك بۇلاق ئۈستىدە دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلان، دىننىڭ قۇياشى، ھۈسەيىن ئوغلى قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مازارىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە ئەبەدىي سەدىقە قىلدىم. بۇ ئۇلۇغ ئەدىبكە (مۇتلەق ۋەخپە قىلىنغان) بۇ كىتابىمنى ئەدىبلەر بىلەن ئىلىم ئەربابلىرىنىڭ دىننىڭ قۇياشى ھۈسەيىن (ئوغلى) مەھمۇد كاشىغەرى ھەققىدە دۇئا قىلىپ، مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى، مىللىتىمىزنىڭ خەلق ئاممىسىغا ئىلىم ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تولۇق پەزىلەتلىك بولۇشىغا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ۋەخپە قىلىنغان مەزكۇر كىتابىمغا باش شاگىرتىم موللا ھېيت خەلپەت بىننى موللا ئېۋەزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ تەيىنلىدىم، دەپ تۆۋەندە موللا سادىق ئەلەم ئۆز مۆھۈرۈمنى باستىم. مەزكۇر ئىقرارىمنىڭ راستلىقىغا مۇدەررىس ئۆلىما نەزەر ئاخۇنۇم، باش كاتىپ ئابدۇرەھىم نىزارى، نورۇز كاتىپ، تۇردۇش كاتىپ، تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم، موللا غوجىلاق، ئوپالدىن زەيدىن قۇرۇلبېگى گۇۋاھتۇر.

بۇ تارىخىي ھۆججەت - يەنى «ۋەخپەنامە»نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئوپال دىياردىكى ھەزرىتى موللا مازارىنىڭ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىگاھى ئىكەنلىكى موللا سادىق ئەلەمنىڭ ھۆرمەت - ئېتىبارى بىلەن تالاش - تارتىشسىز ھالدا ئىسپاتلانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر ئالىم موللا سادىق ئەلەمنىڭ شەك - شۈبھىسىز ئالىم - ئۆلىما ئىكەنلىكى زامانىمىز كىشىلىرى ئارىسىدا نامايان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى، خەت - پۈتۈكلىرى تارىخىمىزنىڭ تەۋرەنمەس ھەقىقىتى ئۈچۈن قىممەتلىك پاكىت بولدى. موللا سادىق ئەلەم كاشىغەرى يەنە «تەزكىرەئى خۇجەكان» (خوجىلار تەزكىرىسى) دېگەن ئەسەرنى يازغان، شۇنداقلا «غەزەل ۋە مەسنەۋىلەر» دېگەن ئەسىرىنى بىزگە قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنى نامايان قىلغان. ئۇيغۇر خەلقى ۋە كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسى موللا سادىق ئەلەمدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئالىمنى مەڭگۈ ياد ئەتكۈسى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.