مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق گومىنداڭ مەركىزىدە ۋاقىتلىق سىياسىي كۈرەش يولىنى تۇتقان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىيونلارنىڭ 1945-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چوڭچىڭدا ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى-مىلىتارىست شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتى بولغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى 10 يىلدىن ئارتۇق قانلىق ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان مىلىتارىست شېڭ شىسەي 1944-يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ چوڭچىڭغا كەلگەن، شۇنداقلا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. شېڭ شىسەينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تالان-تاراج قىلىپ توپلىغان غايەت زور ئالتۇن-كۆمۈشلىرى بەدىلىگە جياڭ جيېشىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشى ۋە مىنىستېرلىق ئىمتىيازى بىلەن چوڭچىڭدا كېرىلىپ يۈرۈشى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىلا ئەمەس، بەلكى گومىنداڭ مەركىزىدىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىغا قارىغاندا، گومىنداڭ مەركىزىدە مىلىتارىست شېڭ شىسەينى جازالتىش ئۈچۈن قوزغىتىلغان بىرىنچى قېتىملىق ھەرىكەت 1945-يىلىنىڭ ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ مەسئۇت سابىرىنىڭ گومىنداڭ قۇرۇلتىيىدا شېڭ شىسەينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانلىق ھۆكۈمرانلىقى ئۈستىدىن ئۇزۇن ۋە تەسىرلىك بىر نۇتۇق سۆزلىشى، پۈتكۈل يىغىن زالىنى تەۋرىتىپ تاشلىغان. يۈزلىگەن گومىنداڭ ۋەكىللىرى ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، «شېڭ شىسەيگە ئۆلۈم!» دەپ توۋلىغان.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ خاتىرەلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا تايىنىپ، بۇغرا ۋە مەسئۇت ئەپەندى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ شۇ قېتىملىق گومىنداڭ قۇرۇلتىيىدا مىلىتارىست شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتىنى رەسمىي كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىققانلىقىنى، ئەمما جياڭ جيېشىنىڭ ئارىغا چۈشۈپ شېڭ شىسەينى قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن بۇ ھەرىكەتنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان گومىنداڭ ئارخىپلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، بۇغرا ۋە مەسئۇت ئەپەندى قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى 1945-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يەنى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى شىمالىي ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشلەر بويىچە غەلىبىلىك يۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى قاتتىق بېسىم ئىچىدە قالغان بىر مەزگىلدە باشلىتىلغان.

مەسئۇت سابىرى ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدا گومىنداڭ مەركىزىدە قوزغىتىلغان شېڭ شىسەيدىن ھېساب سوراش ھەمدە ئۇنى جازاغا تارتىش ھەرىكىتى، كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم خىتاي سىياسىي مەركىزىدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. جياڭ جيېشىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن شېڭ شىسەي ۋاقىتلىق پاناھلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قاتتىق ۋەھىمە ۋە دەككە-دۈككىدە قالغان. نەتىجىدە ئۇ «شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەھۋالىم ۋە ماڭا قارشى شىكايەتلەرگە رەددىيە» ناملىق ئۆزىنى ئاقلايدىغان مەخسۇس كىتاب يېزىپ، 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلدۇرغان. گەرچە شېڭ شىسەي چوڭچىڭدا باشلىتىلغان بۇ ھەرىكەتتە ۋاقىتلىق قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان.
دەرۋەقە، 1945-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چوڭچىڭدا ئېچىلغان گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا مەسئۇت ئەپەندى ۋە بۇغرا قاتارلىق سەرخىللەرنىڭ نۇتۇقلىرى ئارقىلىق، مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 10 يىلدىن ئارتۇق زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ۋە قانلىق تېررورلۇقى تۇنجى قېتىم خىتاي سىياسىي مەركىزىدە پاش قىلىنىدۇ. قۇرۇلتاي زالىدا كۆتۈرۈلگەن بۇ زور غەۋغانى بېسىش ئۈچۈن جياڭ جېيشىنىڭ شەخسەن ئۆزى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئىبارەت مۇنبەت تۇپراقنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركەزگە 50 مىڭ سەر ئالتۇن تاپشۇردى» دەپ ئاقلايدۇ.

مىللەتچى خىتاينىڭ مىللەتچى داھىيسى جياڭ جيېشى ئاخىرى جاللات شېڭ شىسەينى قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. بۇغرا ۋە مەسئۇت ئەپەندىلەر تەرىپىدىن گومىنداڭ مەركىزىدە باشلىتىلغان شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتى شۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولىدۇ. قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە چارەسىز قالغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەڭ ئاخىرىدا قۇرۇلتاي زالىدىن دەس تۇرۇپ چىقىپ كېتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ «سىياسىي ھاياتىم ناملىق» بىئوگرافىك يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن مەجلىس زالىنىڭ ئوتتۇرىدىكى يولدىن مېڭىپ، ئەڭ ئارقىدىكى ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم. بۇ ھەرىكىتىم بىلەن قۇرۇلتاينى تەرك ئەتكەنلىكىمنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇقۇم پەيدا قىلماقچى بولدۇم. مەندەك بىر ئادەمنىڭ يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىشى ھېچكىمنىڭ پەرۋايىغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما ئۆز خىيالىمدا ۋەتىنىم ئۈچۈن بىر شەرەپ نامايىشى قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم.»
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادەك قوراللىق ئىنقىلاب تەجرىبىسىگە ئىگە بىر شەخسنىڭ گومىنداڭ مەركىزىدە ۋاقىتلىق سىياسىي كۈرەش يولىنى تاللىشى ۋە كۆزلىگەن مەقسىتى ئىشقا ئاشمىغاندا يىغىن زالىنى تەرك ئېتىپ چىقىپ كېتىشى، «چارەسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى!»
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ گومىنداڭ مەركىزىدىكى سىياسىي كۈرەشلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ شۇ قېتىم چوڭچىڭدىكى قۇرۇلتاي زالىنى تەرك ئېتىپ چىقىپ كېتىشى، «ئەڭ ئاخىرقى بىر قارشىلىق يول»، شۇنداقلا «گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك سىياسىي مادارانىمۇ تەرك ئېتىش» ئىدى!
(داۋامى بار)