ئوھسىنىش (سادايى، 9 - بابنىڭ ئاخىرقى قىسمى)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل
2015.09.05


ئۇلار كېتىشتى. مۇھەممەتتۇرسۇن قورام تاش ئۈستىدە ئىنجىقلاپ ياتاتتى. تولا دومىلاپ، ئۆزىنى ھەريان ئەپقاچىمەن دەپ، چىۋىقنىڭ زېدىسىدىن يامانراق قورام تاشلارنىڭ مودۇر - چوقۇرىمۇ ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى يارا قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ ئىشەنگەن قېرىنداشلىرىدىن كەلگەن بۇ بالا - قازانىڭ ئەلىمىگە، ئۆزىنىڭ ئانىدىن تۇغما يالىڭاچ ياتقىنىغا غۇرۇرى ئازابلىنىپ، خۇداغا قاغىنىپ خېلى ئۇزاق بۇقۇلداپ يىغلىدى. ئۇ بۇ قىسمەتنى ئۆزىدىنمۇ كۆردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.