قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (18)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.01.22
Xinjang-Geziti-19581129.png 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە نىزامىدىن ھۈسەيىنگە «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان باش ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى.
RFA/Süretni Jür’et Nizamidin teminligen.

ئون سەككىزىنچى قىسىم: «بىزگە خەنزۇلارسىز شىنجاڭ كېرەك!»

1958-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» دولقۇنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭلىغان بىلىم ئىگىلىرى ۋە سىياسىي سەھنىدىكى سەرخىللار زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان ئىدى. ئەنە ئاشۇ بوران-چاپقۇنلۇق يىللاردا ھاياتىنىڭ نەۋقىران مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياش نىزامىدىن ھۈسەيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە 50 كۈندىن 80 كۈنگىچە كۈرەشكە تارتىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭغا «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى» دېگەن سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈلىدۇ. شۇ يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 29-نويابىردىكى سانىدا «‹شىنجاڭ گېزىتى› ئىدارىسىدە ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ رېئاكسىيىن ئەپتى-بەشىرىسى تولۇق ئېچىپ تاشلاندى» سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن ماقالە تەھرىرات ئىلاۋىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىنىدۇ. 

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ شەخسىي ئارخىپىدا ساقلىنىپ كەلگەن مەزكۇر ماقالە ھەققىدە ئاڭلارمەنلەرگە ئۇچۇر بەردى. ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان مەزكۇر ماقالىدە دادىسىغا سەككىز تۈرلۈك «جىنايەت» ئارتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرىدە «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىن خەنزۇ خەلقىگە چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇردى ۋە ‹چېگرانى تاقاش› خام خىيالىدا بولدى» دېيىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى:

«ئوڭچى نىزامىدىن ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىدە مىللىي زۇلۇم، مىللىي تەڭسىزلىك تۈپ يىلتىزى بىلەن يوقىتىلىپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق-ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋىتى تىكلىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئائىلىسى ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدىن كۆز يۇمۇپ، ‹شىنجاڭدىكى ئاساسىي زىددىيەت مىللىي زىددىيەت›، ‹بۇ زىددىيەتنىڭ باش جىنايەتكارى خەنزۇلار›، چۈنكى ‹ئۇلار شىنجاڭنى بېسىۋالدى›، ‹بىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ› دەپ جۆيلىدى.»

نىزامىدىن ھۈسەيىنگە «يەرلىك مىللەتچىلىك» بويىچە قالپاق كىيدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بۇ ماقالىدە يەنە ئۇنىڭ «خەنزۇ كادىرلىرى، خەنزۇ ئىشچىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن سەمىمىي ياردەملىرىگە كۆز يۇمغانلىقى» ۋە «خەنزۇلاردىن ئايرىلىپمۇ سوتسىيالىزم قۇرغىلى بولىدۇ» دېگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جۈرئەت نىزامىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان مەزكۇر ماقالىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئۆتتى:

«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى شۇنى روشەن كۆرەلىدىكى، پەقەت خەنزۇ خەلقىنىڭ ياردىمى بولغاندىلا شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەندۈرگىلى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى-سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇشنى تېخىمۇ تېز ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن ئوڭچى نىزامىدىن بۇ ئەمەلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆز يۇمۇپ، ‹ئىچكىرىدىن چىققانلار شىنجاڭ خەلقىگە ياردەم بېرىدۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بىرى ياردەم بەرسە ئونى ياردەم ئالىدۇ›، ‹خەنزۇلار چىققان بىلەن سۇسىز جاڭگاللارغا بارمايدۇ، ئۇلارنى يەنە ئىلگىرىدىن بار ئاۋات يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ› دەپ جار سالدى. ئۇ يەنە ئىنتايىن نومۇسسىزلىق بىلەن ‹ئىچكىرىدىن چىققانلار بىزگە خوجايىنلىق قىلىۋاتىدۇ›، ‹ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ› دەپ تۆھمەت قىلىپ، ‹بۇ ئىشنى پارتىيە مۇۋاپىق ھەل قىلسۇن، بولمىسا چېگرانى توسايلى› دەپ كانىيى يىرتىلغۇچە ۋارقىرىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋالنى قېنى كىم كۆرۈپتۇ؟ بۇ جانىجان پارتىيەمىزگە ۋە ئۇلۇغ خەنزۇ خەلقىگە غالجىرلىق بىلەن قىلىنغان تۆھمەت. ئوڭچى نىزامىدىن يەنە قېرىنداش خەنزۇ خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بېرىۋاتقان ياردىمىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقىرىپ، ‹خەنزۇلاردىن ئايرىلىپمۇ سوتسىيالىزم قۇرغىلى بولىدۇ› دېگەننى تەشەببۇس قىلدى.»

مەزكۇر ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «تىغ ئۇچىنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە قاراتقانلىقى»، «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى خىتايلارنىڭ ئارمىيىسى، مۇستەملىكىچى ئارمىيە دەپ ھاقارەت قىلغانلىقى» بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتۈلگەن.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىككىنچى كىچىك ماۋزۇسىدا يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «خەنزۇ كادىرلىرىغا تۆھمەت ۋە ھۇجۇم قىلغانلىقى» نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. جۈرئەت نىزامىدىن مەزكۇر ماقالىدىكى بۇ نۇقتىلارنى ئوقۇپ ئۆتتى:

«ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىن شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان خەنزۇ كادىرلىرىنىڭ ئۆز يۇرتى، ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاشلاپ، پۈتۈن بارلىقىنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن بېغىشلاپ ئىشلەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، نەدە خىزمەتنىڭ ئېغىرى بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلىگەنلىكىدىن ۋە ئۆزىدە بار ھەممە بىلىم، قابىلىيەتنى ھېچ ئايىماي مىللىي كادىرلارغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنى يېتىشتۈرىۋاتقانلىقىدىن كۆز يۇمۇپ، ‹خەنزۇ كادىرلار خەنزۇلار ئۈچۈن ئىشلەيدۇ›، ‹ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ مىللەتچى›، ‹شەھەر خەنزۇلارنىڭ، يېزا، تاغ، چۆللەر مىللەتلەرنىڭ›، ‹خەنزۇلار قوماندان، مىللىي كادىرلار بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى› دەپ ۋالاقلىدى.»

مەزكۇر ماقالىدا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئىبارەت كومپارتىيەنىڭ ئورگان گېزىتىدە ئىشلەپ تۇرۇپ «خەنزۇلارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ۋە ئاساسسىز ئىغۋا تارقاتقانلىقى» نى تەنقىدلەپ، مۇنۇلار بايان قىلىنغان:

«خەنزۇلارنى ‹ماڭقا›، ‹چېكەتكە›، ‹قارا چاپان› دېگەندەك زەھەرلىك سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەش ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىننىڭ ئادىتى بولۇپ قالغان. ئۇ بارغانلا يېرىدە خەنزۇ خەلقىنى، خەنزۇ كادىرلارنى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى ھاقارەتلەپ، ئىغۋا تارقىتىپ يۈرگەن. ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردە مۇخبىرلىقتا بولغان چاغلىرىدا ھەمىشە تىرناق ئاستىدىن كىر كولاپ، خەنزۇ كادىرلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئۈستىدىن يالغان پاكىتلارنى توپلاپ، كىچىك مەسىلىلەرنى چوڭايتىپ ماقالە-خەۋەرلەر يازغان.»

ماقالىدىكى ئىككىنچى كىچىك ماۋزۇنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «خەنزۇلارنى شىنجاڭدا تۇرغۇزماسلىق»، «خەنزۇلارنى ئىچكىرىگە قايتۇرۇش» دېگەندەك تەشەببۇسنى ئوچۇق-ئاشكارا توۋلاپ يۈرگەنلىكى، 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ «ئاپتونومىيە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ يېڭى شەكلى، بىزگە ئاپتونومىيە لازىم ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىق لازىم، بىزگە خەنزۇلارسىز شىنجاڭ لازىم» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.