قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (5)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.09.25
merhum-edip-nizamidin-huseyin.JPG مەرھۇم ئەدىب، ئىنقىلابچى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 3-تۈرمىنىڭ دوختۇرخانىسىدا يېتىۋاتقان چاغدىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە تارتىلغان سۈرەت. ئۈرۈمچى.
RFA/Qutluq

بەشىنچى قىسىم: ئەرۋاھقا ئايلانغان مەھبۇس

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدىن سىرتقا يوشۇرۇنچە چىقارغان خېتى ئۇنىڭ قاماقتىكى ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىدۇ.

72 ياشلىق دادىسىنىڭ ھەپسىدە قان-ياش بىلەن يازغان خېتى جۈرئەت نىزامىدىننىڭ يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلىۋېتىدۇ. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ، دادىسىنى تۈرمە سىرتىدا داۋالىتىشنىڭ يولىنى ماڭىدۇ. ئارىدىكى نۇرغۇنلىغان جاپالىق جەريانلاردىن كېيىن ئۈرۈمچى 3-تۈرمە دوختۇرخانىسىنىڭ ما فامىلىلىك تۇڭگان باشلىقىنىڭ مەھبۇس نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئېغىر دەرىجىدە كېسەل ئىكەنلىكى، ئۇنى تۈرمە سىرتىدا داۋالاتمىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىمزالىق خېتىنى ئالىدۇ.

ھالبۇكى، 3-تۈرمە دوختۇرخانىسىنىڭ تۇڭگان باشلىقى يېزىپ بەرگەن بۇ كېسەللىك ئىسپاتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ياكى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولالايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جۈرئەت نىزامىدىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ياكى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش يولىنى ئىزدەيدۇ. دەل شۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ يىللىق يىغىنى ئۈرۈمچى شامالباغدىكى بىر مېھمانخانىدا ئېچىلىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن يىغىن ئېچىلىۋاتقان مېھمانخانىغا بارىدۇ ھەمدە بىر ئامال قىلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لى پېڭزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈشنىڭ ئىمكانىيىتىنى ئىزدەيدۇ.

ئۇ ئاخىرى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مېھمانخانىنىڭ 8-قەۋىتىدىن لى پېڭزىنىڭ خاس ئىشخانىسىنى ئىزدەپ تاپىدۇ ۋە ئېھتىيات بىلەن ئىشىكنى چېكىدۇ.

لى پېڭزى جۈرئەت نىزامىدىن ئېلىپ كەلگەن تۈرمە دوختۇرىنىڭ ئىسپات خېتى ۋە ئۇنىڭ دادىسىنى تۈرمە سىرتىدا داۋالىتىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپلا، ئۇنى 11-نومۇرلۇق ياتاقتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ جيەن بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇيرۇيدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن 11-نومۇرلۇق ياتاقتىن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ جيەننى ئىزدەپ تاپىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەپتىش خىزمىتى ساھەسىدىكى بۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدار سىياسىي مەھبۇس نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ دېلوسى بىلەن ئۆز ئالدىغا كەلگەن جۈرئەت نىزامىدىننى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالىدۇ. ئۇ جۈرئەت نىزامىدىننىڭ ئىلتىماسىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن تەستىق سۆزى يېزىپ ئىمزاسىنى قويىدۇ ۋە مەھبۇس نىزامىدىن ئەپەندىنى تۈرمىدىن ۋاقىتلىق چىقىرىپ سىرتتا داۋالىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ جيەنننىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن جۈرئەت نىزامىدىن ئۇدۇللا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت بىناسىغا بارىدۇ. تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس خىزمەتچى خادىمدىن بىرنى قوشۇپ جۈرئەت نىزامىدىننى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-تۈرمىگە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار تۈرمىنىڭ نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى قورشاۋ تاملىرىنى بويلاپ، سۈرلۈك بىر دەرۋازىدىن ماشىنا بىلەن ئىچىگە كىرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىچ تەرەپتىكى بىر كىچىك دەرۋازىدىن ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، ئاجىزلاپ نەپەس ئېلىشىمۇ قىيىنلاشقان، گويا بىر ئەرۋاھقا ئايلانغان نىمجان گەۋدە ئىككى گۇندىپاينىڭ قولتۇقىدىن يۆلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ.

بۇ 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بولۇپ، نىزامىدىن ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغىنىغا توپ-توغرا بىر يىل بولغان كۈن ئىدى. ئۇ 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچىدە ئۈرۈمچى قىزىل تاغ قېشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن ساق ھالەتتە تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر يىلدىن كېيىن نىمجان ھالەتتە داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. شۇ دەقىقىدە نىزامىدىن ئەپەندى زەئىپلىشىپ كەتكەن ۋۇجۇدىدىكى ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ئوغلىغا: «مېنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىڭلار!» دەيدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن دەرھال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دادىسىنى شۇ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بارىدۇ.

شۇ كېچىسى مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى نىزامىدىن ئەپەندىگە قارىتا جىددىي داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ. بىر كېچە ئىچى سۈرۈپ ھېچ ھالى قالمىغان نىزامىدىن ئەپەندى نەچچە قېتىملاپ ھوشىدىن كېتىدۇ، ھوشىغا كېلىشى بىلەن بەدىنى غالىلداپ تىترەپ، چىشلىرى كىرىشىپ نەپەس ئالالماي قالىدۇ. دوختۇرلار جۈرئەت نىزامىدىنغا دادىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى 20 كۈندەك ئۈرۈمچىدىكى 2-دوختۇرخانا، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان بولسىمۇ ئەمما ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمايدۇ. گەرچە نىزامىدىن ئەپەندى ساقىيىپ كېتىمەن دەپ پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئائىلىسىدىكىلەر پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن داۋالاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاجىزلاپ كەتكەن يۈرىكى بىر كۈن، بىر كۈندىن زەئىپلىشىپ ماڭىدۇ.

دوختۇرلار گەرچە ئەينى ۋاقىتتا جۈرئەت نىزامىدىنغا ئوچۇق-ئاشكارا دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دادىسىغا تۈرمىدە مەلۇم بىر خىل ئوكۇلنىڭ ئۇرۇلغان بولۇشى ئېھتىماللىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر ئامال قىلىپ دادىسىنىڭ تۈرمە دوختۇرخانىسىدىكى كېسەللىك ئارخىپىدىن كوپىيە ئېلىۋېلىشى كېرەكلىكىنى ئىشارە قىلىدۇ. 20 نەچچە كۈنلۈك داۋالىتىشتىن كېيىن جۈرئەت نىزامىدىن دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن دادىسىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ 1998-يىلى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئىدى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.