قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (2)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.09.04
merhum-edip-nizamidin-huseyin.JPG مەرھۇم ئەدىب، ئىنقىلابچى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 3-تۈرمىنىڭ دوختۇرخانىسىدا يېتىۋاتقان چاغدىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە تارتىلغان سۈرەت. ئۈرۈمچى.
RFA/Qutluq

ئىككىنچى قىسىم: دادام قايسى تۈرمىدە؟

1997-يىلى 3-ئاينىڭ سوغۇق بىر كېچىسى 71 ياشلىق نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۈرۈمچى قىزىل تاغ قېشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ. دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي قاتتىق ئەندىشىدە قالغان جۈرئەت نىزامىدىن قولغا ئېلىش قەغىزىدىكى ئادرېسقا ئاساسەن ئۈرۈمچى شىمالىي قوۋۇقتىكى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى باشقارمىسىغا سۈرۈشتە قىلىپ بارىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ساقچى ئىدارىسىدىن ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۈرۈمچىدىكى تۈرمە دوختۇرخانىلىرىنى ئىزدەپمۇ ھېچ بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن جۈرئەت نىزامىدىن ئاخىرى تىكقۇدۇق، يەنى «ليۇداۋان تۈرمىسى» گە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمەكچى بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، جۈرئەت نىزامىدىن 1997-يىلى مارت ئېيىنىڭ سوغۇق بىر سەھىرىدە ئۈرۈمچى تىكقۇدۇق تۈرمىسىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. تۈرمە دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقىۋاتقان خادىملاردىن دادىسىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. قولتۇقىغا ماتېرىيال قىستۇرۇپ سىرتقا ماڭغان بىرەيلەن ئۇنىڭغا تۈرمە ساقچىلىرى ئەتىگەنلىك تاماق يەيدىغان ئاشخانىغا كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن غەيرەتكە كېلىپ تىكقۇدۇق تۈرمىسىنىڭ دەرۋازىسى قېشىدىكى ساقچىلار تاماق يەيدىغان ئاشخانىغا كىرىدۇ. ئۇ ئاشخانىغا كىرىپلا لىققىدە ئولتۇرغان ساقچىلارنىڭ ئالدىراش ھالدا ئەتىگەنلىك تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ قاتتىق ھودۇقۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۆزىنىڭ 70 ياشتىن ئاشقان دادىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ساقچىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: «سەن كېتىۋەر، سېنىڭ داداڭ، بىزنىڭمۇ دادىمىز، خاتىرجەم بولۇپ، خىزمىتىڭنى ئىشلىۋەر!» دەيدۇ.

ساقچىلار گەرچە ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ تىكقۇدۇق تۈرمىسىدە بار-يوقلۇقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېلىقى ساقچىنىڭ سۆزلىرىدىن دادىسىنىڭ بۇ يەرگە قامالغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ساقچىلار يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى ئۆيىگە كېلىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن بۇنى ئاڭلاپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىدە 6 نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئۆي ئىچىنى ئاختۇرۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكەنلىكىنى، ھەتتا دادىسىنىڭ يەيدىغان دورىلىرىنىمۇ ئېلىپ مېڭىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ساقچىلار ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ يەنە يوشۇرۇپ قويغان قانداق ماتېرىياللىرى بارلىقىنى، كىملەرنىڭ دادىسىنى كۆپرەك ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىنى، تالا-تۈزگە كۆپ چىقالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا كىملەرنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىپ-كېتىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ.

ساقچىلار نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، گۇمانلىق دەپ قارىغان بارلىق كىتاب-ماتېرىياللارنى ۋە ئۇنىڭ يەيدىغان دورىلىرىنى ئېلىپ ماڭىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن ساقچىلارنىڭ قورۇ ئىچىگە توختىتىپ قويغان بولكىۋاي ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال تاكسى چاقىرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. تاكسى يېرىم يولغىچە ساقچى ماشىنىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قىزىل چىراقتا توختاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئالدىدىكى بولكىۋاي ماشىنىغا ئەگىشەلمەي قالىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن ساقچىلارنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدىن چىقىپ ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسى تەرەپكە ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، «دادام بەلكىم جەنۇبىي ۋوگزال قېشىدىكى 3-تۈرمىدە بولسا كېرەك، » دەپ ئويلايدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن تاكسى بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال قېشىدىكى 3-تۈرمىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. بۇ ئەتراپقا قاراڭغۇ چۈشكەن بىر چاغ بولۇپ، 3-تۈرمىنىڭ ئېگىز قورشاۋ تېمى ۋە تام ئۈستىدىكى كۆزىتىش مۇنارىدا پوستتا تۇرۇۋاتقان قوراللىق ساقچىلارنىڭ تىنىمسىز مېڭىشلىرى كىشىگە سۈرلۈك تۇيغۇ بېغىشلايتتى. ئۇ تۈرمىنىڭ سىرتقى تېمىغا يانداش سېلىنغان بىر بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئىخشخانىدىن چىراغ نۇرىنىڭ يېنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ-دە، قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ئىلكىدە ئاستىغىنە ئىشىكنى ئىتتىرىدۇ. ئىشىك بىردىنلا ئىچىگە قىيا ئېچىلىدۇ، ئۇ ئىشخانا ئىچىدىكى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ھېلىقى 6 نەپەر ساقچىنى كۆرىدۇ-دە ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالىدۇ. . .

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.