قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (3)

1997-يىلى 3-ئايدا 71 ياشلىق نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 20 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە قايتىدىن ئىشقا چۈشكەن يىللىرىدىكى سۈرىتى. 1980-يىللار، ئۈرۈمچى.

ئۈچىنچى قىسىم: قوراللىق ساقچى دوختۇرخانىسىدا

1997-يىلى 3-ئايدا 71 ياشلىق نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ.

ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپمۇ ئۇنىڭ قايسى تۈرمىگە قامالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمايدۇ. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 1-باشقارمىسىنىڭ 6 نەپەر ساقچىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى ئۆيىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرىدۇ. ئۇلار ئۆيدىكى گۇمانلىق دەپ قارىغان گېزىت-ژۇرنال، يازما ماتېرىيال ۋە باشقا نەرسىلەر ئېلىپ ماڭغىنىدا جۈرئەت نىزامدىن دادىسىنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ساقچى ماشىنىسىنىڭ كەينىدىن يوشۇرۇنچە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ھالبۇكى، ئويلىمىغان يەردىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال قېشىدىكى 3-تۈرمىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. قورقۇنچ ۋە ۋەھىمىدىن قارا تەرگە چۆمۈلگەن جۈرئەت نىزامىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ.

ساقچى باشلىقى جۈرئەت نىزامىدىنغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنى سوئال-سوراققا تارتىدۇ. گېزى كەلسە ئۇنىمۇ قوشۇپ سولىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىر ھازا تەھدىت ۋە تەنبىھدىن كېيىن ساقچى باشلىقى جۈرئەت نىزامىدىنغا تۇتقۇندىكى دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنى يېقىندا دوختۇرخانىغا داۋالاتقىلى ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن دوختۇرخانىغا تاماق توشۇپ دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

دېگەندەك بىرقانچە كۈندىن كېيىن جۈرئەت نىزامىدىنغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن تېلېفون كېلىدۇ. بۇ دېلوغا مەسئۇل ساقچى ئۇنىڭغا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم دوختۇرخانىسىغا ۋاقىتلىق داۋالىنىشقا ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا تاماق توشۇپ «بىمار تۇتقۇن» غا قارىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن بۇ خەۋەرنى دەرھال قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يەتكۈزىدۇ. چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ، كېسەللىك ۋە قىيناق ئازابىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ساقچىلارنىڭ كېچە-كۈندۈز كۆزەتچىلىكىدە داۋالىنىدۇ. شۇ كۈنى جۈرئەت نىزامىدىن ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن بىللە تاماق كۆتۈرۈپ قوراللىق ساقچى قىسىم دوختۇرخانىسىنىڭ بالنېتسا ئۆيىگە كىرىدۇ. ئۇ جىددىي ھالەتتە كۆزەتتە تۇرغان ساقچىلارنى ۋە كېسەلخانىدىكى سۈرلۈك كەيپىياتنى كۆرۈپ، دادىسى بىلەن پاراڭلاشقاندا گەپ-سۆزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ھېس قىلىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى ھاياتىدا ئۇزۇن يىللار تۈرمە ئازابى چەككەن بولغاچقا ئېغىر دەرىجىدە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئىدى. بۇ قېتىملىق تۇتقۇن ۋە قاماقتىكى زەي ھاۋا ئۇنىڭ كونا كېسىلىنى قايتىدىن قوزغايدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى ساقچىلارنىڭ كۆزىتىدە كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى بىلەن يىغلىشىپ كۆرۈشىدۇ. چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ چاڭگىلاشقان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئېغىر گەۋدىسىنى تەسلىكتە مىدىرلىتىپ، بالا-چاقىلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىدۇ.

ئۇلار بىر ھەپتىدەك دوختۇرخانىغا تاماق توشۇپ، ئاجىزلاپ كەتكەن دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بىر كۈنى جۈرئەت نىزامىدىن ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن تاماق كۆتۈرۈپ دادىسى ياتقان بالنېتسا بۆلۈمىگە كىرگىنىدە ياتاق ئىچىنىڭ قۇپقۇرۇق تۇرغانلىقىنى، دادىسىنىڭ يەنە غايىب بولغانلىقىنى كۆرىدۇ. سېسترالار ئۇلارغا سىرلىق بىر كەيپىياتتا قاراپ، ساقچىلارنىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىدە نىزامىدىن ئەپەندىنى تۈرمىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئېغىر كېسەللىك ئىلىكىدىكى دادىسىنىڭ يەنە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان جۈرئەت نىزامىدىن ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى لاسسىدە بولۇپ، قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە پاتىدۇ. ئۇلار دادىسىغا ئېتىپ كەلگەن تاماقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار داۋاملىق نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى ئۆيىنى قەرەللىك تۈردە ئاختۇرۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا زادىلا ئارام بەرمەيدۇ. نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆمۈر بويى يىغقان قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللىرى ۋە قوليازمىلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ.

(داۋامى بار)