«26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» قۇربانلىرىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەرلەر

بۇ ھەپتىلىك سەھىپىمىزنى بۇندىن ئۈچ يىل مۇقەددەم خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىللىتىمىز يىگىت – قىزلىرىنىڭ روھىغا بېغىشلاپ ئىشلىدۇق. ئالدى بىلەن قەشقەرلىك بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ھەپتە كېيىن تور بەتلەردە ئېلان قىلغان ۋە كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغا تولۇق تارقىتىۋېتىلىشى ئۈچۈن رادىئومىزغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن: «ۋالىغا ئوچۇق خەت» ناملىق يازمىسىنى ئاڭلىتىمىز. ئاندىن يەنە ئېچىنىشلىق پاجىئەدە بىئەجەل ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ قىز – ئوغۇللىرىمىزغا ئاتاپ يېزىلغان: «سەن ئۈچۈن ھازىدار تۈمەنمىڭ يۈرەك» ناملىق شېئىر ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. ئاخىرىدا «بۇ دۇنيا» ناملىق شېئىرى ۋە «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي روماننىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.06.30
urumchi-herbiy-basturush-5-iyul-305.jpg ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
RFA

 

ۋالىيغا ئوچۇق خەت
باتۇر تەييارلىدى

ھۆرمەتلىك ئەركىن غوپۇر ۋالىي!


مەن بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، قاتىللىق ۋەقەسىنى خەنزۇلارنىڭ تور بەتلىرىدىن كۆرۈپ قەتئىي چىدىمىدىم. ئانىلىق يۈرىكىم بەرداشلىق بېرەلمىدى. چۈنكى مەن بىر ئانا، ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ خورلىنىشى، ئاياغ ئاستى قىلىنىشى، ئۆلتۈرۈلۈشىگە يۈرىكى چىدىمايدۇ. مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ جىنايەتنى، بۇ قاتىللىق ۋەقەسىنى مەندىن بۇرۇن كۆرگەن، بىلگەنسىز.

ھۆرمەتلىك ۋالىي!

ئۆز يۇرتلىرىدىن ھېچ يەرگە بېرىپ باقمىغان، ئانا قوينىدىن ئايرىلىپ باقمىغان، گۆدەك بالىلىرىمىز مەجبۇرىي ھالدا شۇ ئويۇنچۇق زاۋۇتلىرىغا ئىشلەمچى قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. بالىلىرىمىزنىڭ خەنزۇچە تور بەتلىرىدە ئېيتىلغاندەك ئاشۇ پەسكەش ئىشنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ ئەگەر مۇشۇنداق ۋەقەلىك يۇرتىمىزنىڭ نەرىدىلا، بولۇپمۇ قەشقەر تەۋەسىدە بىرەر خەنزۇغا يۈز بەرگەن بولسا، پۈتۈن جۇڭگو تەۋرەپ كەتكەن بولاتتى. مەن بۇ خەتنى ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي غۇرۇرۇم، قەدىر – قىممىتىم، ۋىجدانىم، مىللىتىمنىڭ قەدىر – قىممىتى ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن. مەيلى بۇ خەتنى ئوقۇڭ ياكى ئوقۇماڭ، بۇ سىزنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىڭىزگە باغلىق. ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن پەرزەنتلىرىم مېنىڭ نەزىرىمدە شېھىت بولدى دەپ ھېسابلايمەن ۋە بۇ كۈننى مەن ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىيەتنى قوللىغۇچى ئىنسانلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى دەپ جاكارلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ بېرىلغان پەرزەنتلىرىمنىڭ نېمە گۇناھى بار ئىدى؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلدى؟ ئۇلار سىزنىڭ خۇشامەتچىلىكىڭىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. ”خالىغىنىڭلار بويىچە ئاياغ ئاستى قىلىڭلار، خالىغىنىڭلار بويىچە خورلاڭلار، خالىغىنىڭلار بويىچە ئۆلتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇلار ئىگىسىز مىللەت“ دەپ سوۋغات قىلمىغانمىدىڭلار؟!

ھۆرمەتلىك ۋالىي! سىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچىڭىزنىڭ بارىچە تەشۋىق قىلىپ، ئىككى مىللەت بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ دەپ جار سېلىپ يۈرۈۋاتقانتىڭىز، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىمۇ؟ سىز بۇ گۆدەك ئوغۇل – قىزلىرىمىزنى يولغا سالغاندا، نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدىڭىزغۇ؟ ئاتا – ئانىلىرىنى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدىڭىزغۇ؟ سىز بۇلارنىڭ ئىشلەپ، يۇرتقا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ھاياتىغا، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىزغۇ؟ سىز ۋە بارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىق، كادىرلىرى بۇ قاتىللىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگىلى خېلى بولدى، سىز ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي، يۈزىڭىزمۇ ئۇيالماستىن، شېھىت بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى قورقۇتۇپ، دىنىي ئېتىقادىمىز بويىچە جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشكىمۇ رۇخسەت بەرمەي، مېيىتنى يەرلىككە قويدۇرۇۋېتىپسىز. بۇ، مۇسۇلمانلىق، ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىڭىزگە توغرا كېلەمدۇ؟

ھۆرمەتلىك ۋالىي! سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي، ئىشلەمچىلىككە يوللانغان پەرزەنتلىرىمىز ئىچىدە سىزنىڭ بىرەر بالىڭىز، ئۇرۇق – تۇغقىنىڭىز بارمۇ؟ مەنچە يوق. سىز بىرەر بالىڭىزنى ياكى ئۇرۇق – تۇغقىنىڭىزنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا يوللىمايسىز. چۈنكى سىز باشلىق، چۈنكى سىز ۋالىي. سىزنىڭ قولىڭىز ھەممە جايغا يېتىدۇ، سىزنىڭ بالىلىرىڭىز، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىزغا خىزمەت تەييار. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز مۇشۇنداق ۋەقەگە ئۇچرىسا، سىز قانداق قارايتتىڭىز؟ سىزمۇ بىر ئاتا، سىزنىڭمۇ ”بالام“ دەپ چاقىرىدىغان ئانىڭىز بار. ئىنسان يالغۇزسىراپ قالغاندا، ئەڭ مۇلايىم، ئەڭ سەمىمىي بولۇپ كېتىدۇ. شۇ ۋاقىت قىپقىزىل قان ئىچىدە تېپچەكلەۋاتقان يۈرىكىڭىزنىڭ ئۈستىگە قولىڭىزنى قويۇپ، ئويلىنىپ بېقىڭ. شۇ ۋاقىت ئۆزىڭىزگە جاۋاب تاپالايسىز ياكى ئايالىڭىزدىن: ”بالىمىز ئۆيگە بىر سائەت كەچ كەلسە، ئەنسىرەمسەن؟“ دەپ سوراپ بېقىڭ. ئەنسىرەيدۇ، ئەلۋەتتە. مانا مەنمۇ بىر ئانا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرىمدىنلا ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇر ئوغۇل – قىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.

ھۆرمەتلىك ۋالىي! سىز ۋەدە بېرىپ يولغا سالغان بۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ جىنايەتچىلىرىنى تېزدىن، جىددىي سۈرۈشتە قىلىپ، قانۇن بويىچە تېگىشلىك جازاسىنى بەرگۈزەلمىسىڭىز، باش جىنايەتچى سىز بولىسىز ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ كېتىسىز، چۈنكى بىز كۆرمىگەنلەرنى كۆردۇق، ئاڭلىمىغانلارنى ئاڭلىدۇق. بۇ جاھان – ئۆتنە جاھان. ئەمەل، مەنسەپ، ھوقۇق دېگەنلەر مەڭگۈلۈك ئەمەس. خەلقىمىز ئەڭ ئادىل باھالىغۇچى، ئەگەر مىللىتىمىز ئۈچۈن ئادىل ئىش قىلغان بولسىڭىز، خەلقىمىز ئەلۋەتتە ئالقىشلايدۇ. ئادىل بولمايدۇ، ساتقىن، مۇناپىق، خۇشامەتچى بولسىڭىز، مىللىتىمىز ئېغىر دەرىجىدە جازالايدۇ. خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىش تاغدىن چۈشۈپ كەتكەندىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. ئانىنىڭ دۇئاسى مەيلى خەيرلىك دۇئا قىلسۇن ياكى بەددۇئا قىلسۇن، شەكسىز ئىجابەت بولىدۇ. بۇ قاتىللىق ۋەقەسىنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز، بۇ دۇنيادىمۇ جازاسىنى تارتىسىز، قىيامەت كۈنىمۇ ئازابىنى تارتىسىز. بارلىق ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بەددۇئاسىغا قالماي دېسىڭىز، ئۆز خەلقىڭىزنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ قويۇڭ.

مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىكرىم شۇكى، ھوش – كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىپ، ئۆزىڭىزدە مىللىي ئاڭ تۇرغۇزۇڭ ۋە مىللىي ئىرادىڭىزنى تىكلەڭ، مەن سىزنى ھەقىقەتكە، ھەققانىيەتكە، يەنى ئۆزىڭىزگە، ئەسلىڭىزگە قايتىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن: يۈرىكى ئېزىلگەن بىر ئۇيغۇر ئانىسى


سەن ئۈچۈن ھازىدار تۈمەنمىڭ يۈرەك
(مەرسىيە)

پىدائىي تەييارلىدى


بۇ مەرسىيىنى گۇاڭدۇڭدا بىئەجەل ۋاپات بولغان قېرىنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن!


دەھشەتلىك شۇم خەۋەر تىلدى يۈرەكنى،
تەڭرىتاغ ئېچىنىپ قايغۇردى شۇ دەم.
سايرام خورسىنىپ تۆكتى يېشىنى،
قەلبىدە چايقىلىپ تۈمەنمىڭ ئەلەم.

تولغاندى ھەسرەتتە يېگانە تارىم،
سىغمىغاچ ئىچىگە بۇنچىلىك خورلۇق.
نە ئۈچۈن مۇپتىلا بولدۇڭ ئازابقا،
ئۇ جايدا كۆرمەيلا زەررىچە خۇۋلۇق.

ئاھ! تۇرمۇش بورىنى ئۇچۇرتۇپ سېنى،
تاشلىدى رەھىمسىز قارا قوللارغا.
تەگكەندە بېشىڭغا ئەشەددىي توقماق،
تەلمۈردى كۆزلىرىڭ بىزنىڭ يوللارغا.

ئويلايتىڭ ھەممىنى ئۆزۈڭدەك ساپ دىل،
بۇ ئىشتىن گاڭگىراپ قالدىڭ شۇ زامان.
ھەي!.. دېدىڭ ئىچىڭگە ئېغىر تىنىپلا،
چىقمىدى ئېغىزىڭدىن بىر ئېغىز «ۋايجان!».

ئېچىلماي تۇرۇپلا توزۇدى غۇنچەڭ،
ياشلىقىڭ تومۇرى ئۈزۈلگەن چاغدا.
تىلىدىڭ ئاناڭغا ئامان ئېسەنلىك،
قالدى - دە داداڭمۇ بىر ئۆمۈر داغدا.

بولمايتتىڭ چۈمۈلە جېنىغا زامىن.
كەڭ قورساق ئىدىڭغۇ شۇنچىلىك ھەتتا.
شۇ ناھەق تۆكۈلگەن قانلىرىڭ دوستۇم،
قويدىغۇ بىزلەرنى چەكسىز ئازابقا.

بېشىڭغا چۈشكەندە ئەجەل يامغۇر،
ئەسەبىي قانخورلار قىلدى تەنتەنە.
سوئاللار چاقماقتەك چېقىلدى شۇ دەم،
بۇ قانداق مەدەنىيەت، قانداق ئەنئەنە؟

سەن ئۈچۈن ھازىدار تۈمەنمىڭ يۈرەك،
تىلەيدۇ گىياھمۇ ھەتتاكى جەننەت.
«دۇئا» دەپ جۈپلەندى ئۇيغۇر ئالىقىنى،
ئۆلمىدىڭ، قەلبتە ياشنايسەن ئەبەد.


2009 – يىل 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.