ھامىلە ئېلىۋاتقان قىساس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.01.23
xizmet-gruppisi-kent-kadir-dehqan.jpg كەنتكە چۈشكەن كادىرلار دېھقاننىڭ ئۆيىدە. 2017-يىلى قىش خوتەن.
RFA/Abduweli Ayup

2014-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ليۇداۋان قاماقخانىسىدا تۇنجى بولۇپ بىر ئۇيغۇر كامېر باشلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. 1-7 كامېرىغا يۆتكەلگەن كۈنۈم ئېگىز بويلۇق ئابلىزكام مېنى ياغاچ سۇپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئادەتتە ھەر قېتىم كامېر ئالماشسام «مەھبۇسلۇق مەشىقى» نى قايتا باشتىن كەچۈرەتتىم. قاماق ھاياتىمدا كۆرگەن بۇنداق ئۆزگىچە «يېڭى مەھبۇس» لۇق مۇئامىلىسى ۋە تۇنجى ئىلتىپات مېنى مۇزدەك سېمۇنت يەردە پېيىم تارتىشىپ قېلىشتىن، خالانىڭ قېشىدا سۈيدۈك چاچراپ يېتىشتىن ساقلاپ قالدى.

ئادەتتە ھەر قانداق كامېرغا تۇنجى كىرگەن مەھبۇس 15 كۈنگىچە ھاجەتخانا ئوچىقىنىڭ يېنىدا يېتىشقا ۋە تاماق يېيىشكە مەجبۇر ئىدى. مەن بولسام ئۇ كۈنى كەچتە تاختا كارىۋاتتىن ئورۇن ئالدىم. ئالاھىدە بۇيرۇتۇلغان كادىرلار تامىقىنى ئۇنىڭ بىلەن «ئېلىڭ، بېقىڭ» دېيىشىپ بىللە يەپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ لەنەتلىك كامېردا ئىكەنلىكىمنى بىر پەس بولسىمۇ ئۇنتۇغان ئىدىم.

ئابلىزكام كورلادىن بولۇپ پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىكەن. پاراڭلىشىپ قارىسام، ئۇنىڭ چېتىلغىنى كورلانى زىلزىلىگە سالغان پارىخورلۇق دېلوسى ئىكەن. بۇ ئىشقا چېتىلىپ موللاق ئاتقان مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىلەنمۇ بىللە ياتقان ئىكەنمەن. 2-5 كامېردا ياتقان چاغلىرىمدا ئادەتتە زۇۋان سۈرمەيدىغان، گۇندىپايلار توختىماي تاماكا، تاماق ۋە مېۋە-چېۋە سۇنۇپ تۇرىدىغان جاڭ فامىلىلىك كامېر باشلىقى ئەسلى كورلانىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ تۇنجى كىرگەن كۈنى كۈندە بىر قېتىم بېرىلىدىغان قايناق سودا، قايناقسۇ ئۇسۇلىدىغان چېلەكتە ھەممەيلەننى قارىتىپ قويۇپ يۇيۇنىۋالغانلىقى پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ھەر قانچە ئېتىبارلىق مۇئامىلە قىلىنىپ گۇندىپاي يۇيۇنۇۋال، دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ 18 ئادەم بىر كۈن ئىچىدىغان چاينى تەڭشەپ يۇيۇنۇشى نەپرىتىمنى قوزغىغان ئىدى.

ئابلىزكام باشلىق بولغان كامېردا كۆزلىرىم مەينەتلىك، پەسكەشلىكنى ئازراق كۆرۈپ سەل راھەتلەندى. بۇرۇن ياتقان كامېرلاردا يېڭى مەھبۇسلار ئانىدىن تۇغما قىلىنىپ ئاختۇرۇلاتتى. كونا مەھبۇسلار يېڭىلىرىغا ئارتىلىپ ھايۋانىي قىلىقلار بىلەن بوزەك قىلىشاتتى. بىر بىرىنى پاھىشىلەرگە خاس سۆزلەر بىلەن ئازارلايتتى، چوڭى كىچىكىگە كۇسار يۇيغۇزاتتى. ئابلىزكام بولسا بۇنداق ئىشلارغا ئۆچ ئىدى. شۇنداقراق شەپىنى كۆرسە «دىل ئازار، خۇدا بىزار» دەپ يول قويمايتتى. قىزىق يېرى، مېنىڭ ئۆلچەملىك خىتايچە بىلەن توسۇشلىرىمنى «چۈشەنمىگەن» خىتاي مەھبۇسلار ئابلىزكامنىڭ ئۇيغۇرچە ۋارقىراشلىرىنى چۈشىنىپ شۈك بولاتتى.

ئابلىزكام بىلەن بەزىدە كورلادىكى دوستلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالاتتۇق. ئۇ بىر ئاغىنەمنىڭ «ئابدۇۋەلىگە نەچچە مىليون كەتسە مانا مەن بار، قېنى قايسىڭلار يول قىلالايسىلەر؟» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىكەن.

بىر قېتىم ئۇنىڭ «ئۇكام، تۇخۇم ئالسام كارىدوردا تاماق توشۇغان ئۇيغۇر بالىلار بەزەن بىر ئىككىنى ئارتۇق بېرىۋېتىدۇ، يېسەم كىشىنىڭ ھەققىنى يېگەن بولامدىم-يا!» دېگىنىگە ھەيران قالغان ئىدىم. بىچارە، كومپارتىيەگە كادىر بولۇپ شۇنچە ئىشلىگەن، پارىخورلۇق بىلەن قامالغان بىلەن ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا سىڭگەن «كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەسلىك، ئاجىزنى بوزەك قىلماسلىق» دېگەن مىراس چۈشەنچىلەرگە ئاڭسىز سادىق ئىدى. ئىچىمدە باشلانغۇچنىمۇ پۈتكۈزمىگەن ئابلىزكامنى كورلانىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان جاڭغا سېلىشتۇرۇپ قالاتتىم. جاڭ كامېرغا پەنجىرىدىن سۇنۇلغان نازۇنېمەتلەرنى ھېلىلا چاترىقىنى قاشلىغان قولى بىلەن يەيتتى، سەھەردە باشقىلارنى تەرەت قىلىشتىن توسۇپ ئۆزى ھەممە تەرىپى دۈملەنگەن كامېرنى چىقىرىندى پۇرىقىغا تولدۇرۇۋېتەتتى.

بىر كۈنى ئابلىزكام، - ئۇكام، ئۇيغۇرلاردا يۈز مىليون نەق پۇلى بار ئادەمنى تونۇمسىز؟ - دەپ سوراپ قالدى. مەن ئۇنداق پۇلى بار بىر قانچە ئادەمنى تونۇساممۇ ئۈندىمەي، سوئالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەردىم: - مېنىڭ بار ئىدى. مەن 80-يىللاردىن باشلاپ سودا قىلدىم، كەنتتىن ئۆسۈپ يېزىغا رەھبەرمۇ بولدۇم، يۈز مىليون سومدىن ئارتۇق نەق پۇلۇم بار ئىدى، باغلام باغلام قىپقىزىل قەغەز. مانا ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ بولدى. بىر ئۆمۈر ئىشلەپ، سوغۇقتا توڭلاپ، تومۇزدا تەرلەپ پۇل تېپىپ باي بولدۇق دەپتىمىز، جاھان بىزنىڭكىدەك ھۆركىرەپتىمىز. ئاخىرى كومپارتىيەنى باي قىپتۇق. ماۋۇ بىزگە گۆلىيىدىغان گۇندىپايدەكلەرگە چاغاندا بىر قەغەز تاشلاپ بەرسەك، ئالدىمىزدا ئىتنىڭ قىلىقىنى قىلاتتى، مانا ئەمدى ھەپتىدە بىر ياتاق تەكشۈرىمىز دەپ ئادەمنى يالىڭاچلاپ نەچچە دوڭغايتىپ، نەچچە سەكرىتىپ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، - دەپ كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى.

ئابلىزكام ئۆزىنى سەككىز ئايلىق ۋاقتىدا ئانا قارنىدىن ئوكۇل بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەن بىر ھامىلەنىڭ قىساسىنى تارتىۋاتىمەن دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كامېرنىڭ ئاق تاملىرىغا قارىسىلا ئاق خالاتلىق سېسترانىڭ قولىدىكى ئۆلۈك بوۋاق كۆزىگە كۆرۈنىدىكەن، ئۇخلىسا ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن بوۋاقلارنى كۆمۈپ چۈشەيدىكەن. ئۇ كورلاغا تەۋە قارا يۇلغۇن يېزىسىدا ئىشلەۋاتقاندا بىر ئايال پىلاندىن سىرت ھامىلىنى يەڭگىپ كېلىش ئۈچۈن تۇرپانغا قېچىپ كەتكەن ئىكەن. ئابلىزكام پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل كىشىنى باشلاپ بېرىپ ھامىلىدار ئايالغا ئوكۇل سالغۇزۇۋەتكەن ئىكەن. ئۇ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا يەتتە يېرىم ئايلىق بولۇپ تۇغۇلغان، تەستەرەك ئەي بولغان بولسىمۇ ھازىر بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان جىيەن قىزىم كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ئالدىمدىكى ھامىلە قاتىلىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگۈم كەلگەن ئىدى. سەككىز ئايلىق ھامىلە دېگەن تىرىك بىر جان، ئانا تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان بىر سۆيگۈ قۇياشى، ئاللاھ ياراتقان بىر مۆجىزە ئىدى. شۇنداق، ئۇ ھامىلە ئۆلۈپ كەتتى، بۇ ھوقۇقدار، باي ئادەم ئەينى چاغدا ئۇ ھامىلىنىڭ ئوكۇل بىلەن ئۆلگىنىنى پىسەنتىگە ئالمىغان بولۇشى مۇمكىن، مانا ئەمدى شۇ ئاجىز ھامىلىنىڭ روھى بۇ كۈچلۈك ئادەمنى كېچىلىرى ئۇيقۇسىز قويۇپ، قارا باستۇرۇپ، لەۋلىرىگە تولا قورققاق چىقىرىپ، قىساس ئالماقتا ئىدى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.