لەنەتلىك مىراس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.09.19
abduweli-ayup-hokumname.jpg ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۇستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈمنامە. 2014-يىل 11-ئاۋغۇست
Photo: RFA

قامالغىنىمغا 36 كۈن بولغاندا قولغا ئېلىندىم. ئۇقتۇرۇشنى ئۈرۈمچىدە قىلىنغان تۇنجى سوراقتىن كېيىن يوقاپ كەتكەن پەرھات ۋە گۈلباھار دېگەن ئىككى ساقچى ئېلىپ كەلدى. بۇلار تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئەترىتىدىن ئىدى. ئۇقتۇرۇشقا «قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش جىنايىتى» دەپ يېزىلىپتۇ.

قەشقەردە تۇتقاندا «مەبلەغ چىقىرىشتا ساختىكارلىق» دېيىلگەن ئىدى. قارىغاندا، بۇلار ماڭا قانداق جىنايەت ئارتىشنى بىلەلمەي خېلى ھەرەج تارتىۋاتقان بولسا كېرەك. پەرھات كېتىدىغان چاغدا «بىلەمسەن، شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلىرىنىڭ بىرى مۇشۇ، ئادەتتىكى ئادەملەر ياتىدىغان يەر ئەمەس بۇ! رابىيە قادىرمۇ مۇشۇ يەرگە قامالغان!» دېدى.

قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلانغان بۇ گەپنىڭ نېمە مەقسەتتە دېيىلگەنلىكىنى ئۇقالمىدىم.

ساقچىلار كەتكەندىن كېيىن مەشىق كامىرىدىن ئادەتتىكى كامىرىغا يۆتكەلدىم. ئۈستۈمدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەر كىيىدىغان دائىملىق ھاقارەتكە، تۆھمەتكە، چەكلەش ۋە يەكلەشلەرگە سەۋەب بولىدىغان قىزىل كىيىمنىڭ ئورنىغا ئادەتتىكى جىنايەتچىلەرنىڭ كۈلرەڭ كىيىمى ئالماشتى. «ئۇھ!» دەپ راھەت بىر نەپەس ئېلىۋالدىم. يېڭى كىيىمدە مۈرەمنى بېسىپ تۇرغان بىر تاغدىن ئازاد بولغاندەك يېنىكلەپ قالغان بولدۇم، ئەمما يۈرەك ھېلىھەم كۆرۈنمەس بىر قارا چاڭگالدا تىنىمسىز تېپىرلايتتى.

يېڭى كامىرىدا پەقەت مەن بىرلا ئۇيغۇر بولۇپ ياتىدىغان يېرىم سېمونت يەر، قالغانلارنىڭ ئورنى ئۇزۇن تاختاي كارىۋات ئىدى. بىر قانچە ھەپتىگىچە غىڭ قىلمىدىم. قارىسام يېڭى كىرگەن خىتاي مەھبۇسلار ئۇدۇل كارىۋاتقا چىقىدۇ، پەقەت مەنلا مۇزدەك سېمونت يەردە ياتىمەن. سەۋەبىنى كامېر باشلىقىدىن سوراپ ھەيران قالدىم. مەن قىزىل كىيىم كىيمىگەن بىلەن يەنىلا سىياسىي مەھبۇس ئىكەنمەن. كامېر باشلىقى مېنىڭ قاماقخانىنىڭ كومپيۇتېرىدىكى ئارخىپىمدىن «ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دۆلەت بىخەتەرلىك تارماق ئەترىتىدىكى رەخمىتۇللا بىلەن ئالاقە قىلىنسا بولىدۇ،» دېگەن خەتنى كۆرۈپتۇ.

سىياسىي مەھبۇس ئىكەنلىكىم، رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىم، ئەمما ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىم دېلونىڭ ئۇزىراپ كېتىشىگە بېشارەت ئىدى. بۇ دېلو زادى قانچىلىك سوزۇلىدۇ، قانداق ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بۇلار نائېنىق. كامېرىدا بىر يىلدىن ئارتۇق يېتىپمۇ تېخىچە سوتقا چىقمىغان مەھبۇسلارنى كۆرگەن ئىدىم. بىردەم بولسىمۇ مېڭەمدىن تەشۋىشلەرنى ھەيدەش ئۈچۈن غىڭشىپ باقتىم، يادىمغا ساپلا «تەنلەرىم ياپراق»، «قارا سەۋدا»، «قارا تۇپراق»، «قارا ھىجران» دېگەندەك ناخشىلار كەلدى. «بۇ قارا ھىجران تۈنىنىڭ ئىنتىھاسى يوقمىدۇر،» دېگەن مىسرانى ئۆتكۈر ئەپەندىم بەلكىم تۈرمىدە يازغان بولغىيدى. ئېسىمگە ئابدۇللانىڭ «ئۇزاق يول» دېگەن ناخشىسى كەلدى. «بوۋام شۇنداق ماڭغانىكەن، ئاپەت يۈكى تاڭغانكەن» دېگەن مىسرالار خىيالىمنى بوۋىلارغا ئېلىپ كەتتى.

ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسلىدىم. ئۇلۇغ بوۋام (بوۋامنىڭ دادىسى) قادىر شەمشىدىن 1938-يىللاردا يېڭىساردا تۇتۇلۇپ، ئۈرۈمچىگە يالاپ كېتىلگەنچە خەۋىرى بولمىغان ئىكەن. بەلكىم، ئۇ مەن قامالغان مۇشۇ كامېرغا تىرىك كۆمۈلگەندۇر. رەھمەتلىك جاپاكەش ئادەم ئىكەندۇق، تىرىشىپ تىجارەت قىلىپ ئۈرۈمچى، كۇچا ۋە قەشقەردە ئۆي-زېمىنلىق بولغان ئىكەن. خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كەلگەندە ئوغلىغا ۋە مەھەللىدىكى پىداكار ياشلارغا چىبەرقۇتتىن بىر تۇتاش كىيىم تىكتۈرۈپ، قوراللاندۇرۇپ ئۇرۇشقا يولغا سالغان ئىكەن. ئۇرۇش ئاياغلىشىپ گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى قەشقەردىكى يۇمىلاق شەھەرگە ئورۇنلاشقاندا بوۋام غوپۇر قادىر خاس مەھرەم بولۇپتۇ. گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى ھىندىستانغا كەتكەندە قادىر شەمسىدىن يىغىن باھانىسى بىلەن تۇتۇلۇپتۇ.

بەلكىم ئۇلۇغ بوۋامنى قەشقەردىن ھارۋىدا ياكى قارا ماشىنىدا ئېلىپ ماڭغان بولغىيدى. ئۇ ئۆلۈمگە قاراپ سوزۇلغان شۇ قورقۇنچلۇق سەپەردە، ئۆزى قورال سېتىۋېلىپ ئۇرۇشقا يولغا سالغان قىران يىگىتلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگەندۇ. ئۇلارنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاققۇزغان قانلىرىنى، جەڭگاھلاردا ئارماندا ئوچۇق كەتكەن كۆزلىرىنى ئويلىغانمىدۇ؟ ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ جەڭگە سالغىنىغا پۇشايمان قىلغانمىدۇ؟

مەرھۇم قادىر شەمشىدىننىڭ بوۋام غوپۇر قادىردىن باشقا ئۈرۈمچىدە ئىككى، كۇچادا بىر قىزى بار ئىكەندۇق. ئۇلۇغ بوۋام ئۈرۈمچىدىكى زەي كامېردا يېتىپ پۈتمەس سوراق، تۈگىمەس قىيناقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا بىر شەھەردە تۇرۇپمۇ دادىسىنى كۆرەلمەي، تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان قىزلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىغان بولغىيدى؟ كەلگۈسىدىكى ھۆر، خاتىرجەم، بەختلىك بىر ھايات ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان شۇ پىداكار بوۋاي، ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ئۆزى ياتقان ھەپسىگە مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى؛ ئادالەتسىزلىك، تەڭسىزلىك ۋە تۈگىمەس زۇلۇملارنىڭ ئۇلارغا مىراس قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولغىيمىدى؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.