«ئۇيغۇر مائارىپى – ئۇۋال مائارىپى» ناملىق ماقالە ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر
ئالدىنقى ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر مائارىپىدا كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان ۋە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بەزى ناچار خاھىش ۋە قىلمىشلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزدىمۇ ئالدى بىلەن يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەت – قىسمەتلەر، خاتا سىياسەت – يوليورۇقلار تۈپەيلىدىن ئۇغۈر مىللىي مائارىپىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلغان «ئۇيغۇر مائارىپى – ئۇۋال مائارىپى» ناملىق ماقالىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاندىن، «مىللىتىمنىڭ ئەركەكلىرى سېنىڭدەك بولسا» ناملىق شېئىردىن بەھر ئالىسىلەر. پروگراممىمىزنىڭ ئاخىرىدا بولسا، سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىمنىڭ: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.09.22