ئالبانىيىدىكى 5 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە يەنە ماقالە ئېلان قىلىندى

8‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

نىل لىۋىس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، مەزكۇر بەش نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەريانىدا، ۋاشىنگتون، كانادا، ئالبانىيىنىڭ پايتەختى تىرانا ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا پەردە ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

ماقالىدە شۇنداقلا، بۇش ھۆكۆمىتىنىڭ، ئامېرىكا فىدرال ئوتتۇرا سوتىنىڭ بۇ كىشىلەرگە ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چېقىرىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى سوتقا بىرنەچچە كۈن قالغان چاغدا تۇيۇقسىز گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بەش نەپەر ئۇيغۇرغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە رازى قىلىش ئۈچۈن ئالبانىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپىنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىقتىسادىي، سىياسىي ياردەم ۋەدە قىلغان. دېگەندەك، بەش ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئالبانىيىگە قەدەم تاشلىشىدىن بىر كۈن كېيىن، يەنى 2006 ‏- يىلى 7‏- ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

نىل لىۋىسنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بەرگەنلىكىدىن ناھايىتى خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر جامائىتى ياشايدىغان بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولساق، ئەڭ ياخشى بولاتتى دەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. (قانات)