خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت قىلىش چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەيدىغان خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ خىزمەت ساھەسى ۋە خىزمەت خاراكتېرىگە قويۇلغان چەكلىمە بىكار قىلىنىدىكەن.

دائىرىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت قىلىدىغان تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنلىقلارغا " ئىشلەش گۇۋانامىسى" تارقىتىپ بېرىپ، يىلدا بىر قېتىم يېڭىلايتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئابلىمىت مەقسۇدنىڭ شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۆكتەبىردىن باشلاپ كىنىشكا تارقىتىش تۈزۈمى، خىزمەت تۈرى ۋە خىزمەت خاراكتېرىگە چەكلىمە قويۇش بىكار قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىكى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

دائىرلەر نېمە ئۈچۈن خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ئاۋمېنلىقلارغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىقنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئەركىن)